ئۇيغۇر بالىلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئالداپ كېتىش دىلولىرى داۋاملىق يۈز بەرمەكتە
2005.08.11
نارسىدە ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ يامان نىيەتلىك كىشىلەر تەرىپىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئالداپ ئاپىرىلىپ، ھەر خىل جىنايى ھەرىكەتلەرگە مەجبۇرلىنىشىدەك ئەھۋاللار داۋاملىشىۋاتقىنىغا خېلى يىللار بولدى. گەرچە ھەر يىلى بۇ خىل ئالدانغان بالىلارنىڭ بەزىلىرى ساقچىلار تەرىپىدىن بايقىلىپ ئائىلىلىرىگە قايتۇرۇلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل ئەھۋال يەنىلا داۋاملاشماقتا شۇنداقلا بۇ ئالدانغان بالىلار بارغانچە خەتەرلىك ۋەزىيەتكە دۇچار بولماقتا.
مەجبۇرىي ئوغرىلىققا سېلىنغان 18 بالا يۇرتىغا قايتتى
يېقىندا سىنا تور بېتىدىن ئىگە بولۇشىمىزغا قارىغاندا، ئۆتكەن ھەپتە گۇاڭجۇ ساقچى تارماقلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئېلى ساقچى تارماقلىرى بىرلىشىپ، گۇاڭجۇدا مەخسۇس بالىلارنى ئالداپ ئاپىرىپ ئوغرىلىققا سالىدىغان بەش جىنايەت گۇرۇھىنى قولغا چۈشۈرگەن بولۇپ، بۇ جەرياندا، بۇ گورۇھلار تەرىپىدىن گۇاڭجۇغا ئالداپ كېلىنىپ يانچۇقچىلىق، ئوغرىلىققا سېلىنغان 18 ئۇيغۇر بالىنى ئۇيغۇر ئېلىگە قايتۇرۇپ كەلگەن.
بالىلارنىڭ بەزىلىرى ئاتا - ئانىسىنىڭ قۇچىقىغا قايتقان بولسىمۇ، ئائىلىسى تېپىلمىغان بىر نەچچىسى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق سەرگەردان بالىلارنى يىغىۋېلىش، قۇتقۇزۇش ئورنىغا ۋاقىتلىق ئاپىرىپ قويۇلغان.
جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلانغان بالىلارنىڭ ھاياتىمۇ خەۋپ ئىچىدە....
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، گۇاڭجۇ ساقچى تارماقلىرى بۇ يىل ماي ئېيىدىن باشلاپ گۇاڭجۇدا ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئوغرىلىق، يانچۇقچىلىققا سېلىۋاتقان بەش چوڭ جىنايەت گۇرۇھىدىن جەمئىي 56 ئادەمنى تۇتقان ھەمدە نۇرغۇن ئوغرىلانغان پۇل ۋە مالنى قولغا چۈشۈرگەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بۇ 18 نەپەر قورامىغا يەتمىگەن بالىلار، ئۈچ خىل يول بىلەن جىنايەت گۇرۇھلىرىنىڭ قولىغا كىرىپ قالغان بولۇپ، بىرىنچىسى، بۇ بالىلارنىڭ بەزىلىرى ئىنتايىن نامرات ئائىلىلەردىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە بېرىپ ئىش تېپىشقا ئەۋەتىلگەن، ئىككىنچىسى، ئۆيدە ئاغرىق- سىلاق بولغان ياكى پۇلغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان ئائىلىلەرگە، ئالدامچى جىنايەتچىلەر بىر مىڭ يۇئەندىن ئۈچ مىڭ يۇئەنگىچە پۇل بېرىپ ئېلىپ كەتكەن. ئۈچىنچى خىل ۋاستە بولسا، جىنايەت گۇرۇھلىرى نارسىدە بالىلارنى ئويۇنچۇق، يىمەكلىلەرگە ئوخشاش نەرسىلەر بىلەن ئالداپ كەتكەن.
مەخسۇس بالىلارنى ئالداپ ئېلىپ قاچىدىغان بۇ جىنايەت گۇرۇھلىرى، بالىلارنى گۇاڭجۇغا ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇلارغا ئوغرىلىق قىلىشنى، يانچۇقچىلىق قىلىشنى ئۈگەتكەندىن باشقا يەنە، تۇتۇلۇپ قالغاندا قانداق قۇتۇلۇش، ھەتتا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش ئۇسۇلىدىن تارتىپ ئۆگىتىپ مەشق قىلدۇرغان ھەمدە يېنىغا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشقا ئىشلىتىدىغان كىچىك پىچاق ياكى بېرىتىۋالارنى سېلىپ قويغان.
بالىلار ساقچىلارغا، بۇ قەبىھ گۇرۇھلارنىڭ ئۆزلىرىگە كۈندىلىك ۋەزىپە ئاپشۇرۇدىغانلىقىنى، كۈنىگە بىر بالا ئۈچ يانفون، ئۈچ مىڭ يۇئەن تاپشۇرمىسا ئېغىر تەن جازاسىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى پاش قىلغان. شۇنداق قىلىپ بۇ بالىلار، جىنايەت گۇرۇھلىرىنىڭ پۇل تېپىش قورالىغا ئايلانغان.
بالىلارنىڭ بەزىلىرى بەك كىچىك تۇرۇپلا ئالداپ كېتىلگەن
بىزنىڭ ئاپتونۇم رايونلۇق سەرگەردان بالىلارنى يىغىۋېلىش-قۇتقۇزۇش ئورنىدىن ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، بۇ قېتىم گۇاڭجۇدىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن بالىلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر بالىلار بولۇپ، كىچىكى 7، 8 ياشلاردا چوڭى 17، 18 ياشلاردا ئىكەن. بۇ بالىلار ئاساسەن قەشقەر ھەم ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىكى پۇلغا مۇھتاج، ئىقتىسادى تۆۋەن، كەمبەغەل ئائىلىلەردىن ئالداپ كېتىلگەن، يەنە ئۇلارنىڭ ئىچىدە، ئاتا- ئانىلىرى ئادەم بېدىكلىرىنىڭ "بالىڭىزغا ئىچكىرىدە خىزمەت تېپىپ بېرىمىز" دېگەندەك گەپلىرىگە ئىشىنىپ بالىلىرىنى بەرگەنلىرىمۇ بار ئىكەن.
بۇ خادىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىم گۇاڭجۇدىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن بالىلارنىڭ ئىچىدە، ئاپتونۇم رايونلۇق سەرگەردان بالىلارنى قۇتقۇزۇش ئورنىغا تاپشۇرۇلغان بالىلارمۇ، ھازىر ئاتا- ئانىلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلغان. ئەمما، بۇ قۇتقۇزۇش ئورنىدا ئىلگىرى باشقا جايلاردىن يىغىپ كېلىنگەن قىرىق نەچچە بالا ئائىلىسىنى تاپالمىغانلىقى ئۈچۈن داۋاملىق تۇرىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارمۇ ئاساسەن ئۇيغۇر بالىلىرى ئىكەن.
بالىلارنى ئائىلىلىرىگە قايتۇرۇشتىكى بوشلۇق
بۇ خادىمنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، بۇ ئورۇنغا كەلگەن بەزى بالىلارنىڭ ئىچىدە، بىر قانچە قېتىم قايتا تۇتۇپ ئېلىپ كېلىنگەنلىرىمۇ بولۇپ، بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، ئادەم بېدىكلىرى بالىلار تۇتۇلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئاتا- ئانىسى قىياپىتىدە بالىلارنى ساقچى ياكى يىغىۋېلىش ئورنىدىن ئېلىپ كېتىپ، ئۇلارنى يەنە قايتا- قايتا جىنايى ھەرىكەتلەرگە سالغان. شۇڭا بۇ نۆۋەت ساقچى ئورۇنلىرى يىغىۋېلىنغان بالىلارنى نوپوس دەپتىرى، كىملىكى، ساقچى ئىسپاتى دېگەندەك رەسمىيەتلەرنى تەكشۈرۈپ، ئاندىن ئاتا- ئانىسىغا تاپشۇرماقتا ئىكەن.
ھەممىدىن ئېچىنىشلىقى، بەزى بالىلار بەكلا كىچىك ئۆيىدىن ئايرىلغان بولغاچقا، ئاتا- ئانىسىنى ۋە ئۆيىنى ئۇنتۇپ قالغان. ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارنى يېتىملار مەكتىپىگە ئوخشاش جايلارغا ئاپىرىپ قويۇشتىن باشقا چارىسى يوق ئىكەن.
ساقچى تارماقلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىم قايتۇرۇپ كېلىنگەن 18 نەپەر بالا، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن يىغىۋېلىنغان ئىككىنچى تۈركۈم بالا بولۇپ، يېقىندا يەنە، ئۈچىنچى تۈركۈمى قايتۇرۇپ كېلىنىش ئالدىدا ئىكەن.
ئۇيغۇر ئېلىدىن ئالداپ ئاپىرىلىپ خىتاي ئۆلكىلىرىدە ھەر خىل جىنايى يوللارغا مەجبۇرلىنىۋاتقان بالىلارنىڭ ھەقىقىي سانى ئېنىق ئەمەس بولۇپ، ھازىر خىتاينىڭ ھەر قانداق چوڭ - كىچىك ئۆلكە، شەھەرلىرىنىڭ ھەممىسىدە، خىتاي بالىلاردىن پەرقلىق يوغان، قارا كۆز ئۇيغۇر بالىلىرىنى كۆرگىلى بولىدىكەن. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- قارامايدا ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر ئۆسمۈر يوقاپ كەتكەن
- خىتايدا ئۇيغۇر سەرگەردان بالىلار كۆڭۈل بۆلۈشكە مۇھتاج
- ئۇيغۇر بالىلىرى ئالدانماقتا، سېتىلماقتا، سەرگەردان بولماقتا ..... (2)
- ئۇيغۇر بالىلىرى ئالدانماقتا، سېتىلماقتا، سەرگەردان بولماقتا ..... (1)
- ئۇيغۇر بالىلىرى ئالدىنىپ خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوغرىلىققا سېلىنماقتا (3)
- ئۇيغۇر بالىلىرى ئالدىنىپ خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوغرىلىققا سېلىنماقتا (2)
- ئۇيغۇر بالىلىرى ئالدىنىپ خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوغرىلىققا سېلىنماقتا (1)