يەنىمۇ كۆپ ئۇيغۇر بالىلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئالداپ كېتىلمەكتە
2005.08.12
ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئالداپ كېتىلىش ۋەقەلىرى داۋاملىق يۈز بېرىپ كەلمەكتە. بىز ئالدىنقى ئاڭلىتىشىمىزدا مەلۇمات بېرىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ھەر خىل شەكىلدىكى جىنايەت گۇرۇھلىرى ۋە يامان نىيەتلىك كىشىلەر تەرىپىدىن ئالدىنىپ ياكى سېتىلىپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە بېرىپ قالغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ تەقدىرى ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، ئۇلار خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوغرىلىق، يانچۇقچىلىققا ئوخشاش جىنايى ھەرىكەتلەرگە مەجبۇرلانغاندىن باشقا، پۈتۈن ئەركىنلىكى بوغۇلۇپ، جىسمانىي، روھىي جەھەتلەردىن قىياس قىلغۇسىز خورلاشلارغا ئۇچرىماقتا شۇنداقلا ئاتا - ئانىلىرىدىن ئايرىلغان، قوغدىنىش ئىقتىدارى بولمىغان نارسىدە بالىلارنىڭ ھاياتىمۇ خەتەر ئىچىدە تۇرماقتا.
ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، ھەرخىل جىنايەت گۇرۇھلىرى پۇل تېپىش قورالىغا ئايلاندۇرۇۋالغان بۇ بەختسىز بالىلارنى ھەتتا مەجبۇرى ھالدا زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشكە ئۈگەتكەن شۇنداقلا زەھەرلىك چېكىملىك يۆتكەش، سېتىشقا سالغان.
بىزنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق سەرگەردان بالىلارنى يىغىۋېلىش ۋە قۇتقۇزۇش ئورنىدىن ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، گەرچە داۋاملىق خىتاي ئۆلكىلىرىدە يانچۇقچىلىق قىلىپ ساقچىلارنىڭ قولىغا چۈشكەن ئۇيغۇر بالىلار قايتۇرۇپ كېلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئېلىدىن بالىلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئالداپ كېتىلىش ۋەقەلىرى داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇرىۋاتقان ئىكەن.
بالىلار زەھەرلىك چېكىملىككە مەجبۇرلانغان
بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خادىم، ھەر يىلى 5- ئايدىن 11- ئايغىچە بۇ ئورۇنغا كېلىدىغان بالىلار كۆپىيىدۇ، ئۇلار گەرچە جىنايى ھەرىكەتلەرنى ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، بەك كىچىك بولغاچقا قانۇنىي جازاغا ئۇچرىمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە قىزلارمۇ بار، ئېچىنىشلىقى، جىنايەت گۇرۇھلىرى بۇ بالىلارنى كونترول قىلىش مەقسىدىدە، تېخى زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈزىۋەتكەنلىرىمۇ بار، دېدى.
ئىنكاسلارغا قارىغاندا، نۆۋەتتە كوچىلاردا يانچۇقچىلىق، ئوغرىلىق قىلىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ چوڭ - كىچىك ئۆلكە، شەھەر، بازارلىرىنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئۇچرىتىشقا بولىدىكەن، دېمەك بۇندا ق بالىلار بارغانچە كۆپىيىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ ۋەزىيىتىمۇ بارغانچە ناچارلاشقان.
يامان يولغا مېڭىشتىكى سەۋەبلەر
بۇ خىل ئالدىنىپ يامان يوللارغا مەجبۇرلانغان بالىلارنىڭ تەقدىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان بەزى ئۇيغۇرلار رادىئومىزغا تېلېفون قىلىپ، بۇ خىل مەسىلىلەرنىڭ بارغانچە ئېغىرلىشىشىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇشىنىڭ ئىنتايىن نامرات ئىكەنلىكىنىڭ ئاساسىي سەۋەب ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ كۆپلەپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئالداپ كېتىلىشى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ جىنايەت قورالىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىدەك ئېچىنىشلىق جەمئىيەت ھادىسىسى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ تەشۋىشلەندۈرىۋاتقان بىر مەسىلە بولۇپ، ئۇلار بۇ مەسىلە بىر قانۇنىي ياكى ئىجتىمائىي مەسىلە بولۇپلا قالماي، بەلكى خىتاينىڭ ناھەق سىياسىتى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ھەمدە ئىجتىمائىي ئورنىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىر نۇقتىلىق مەسىلە دەپ قارىماقتا. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر بالىلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئالداپ كېتىش دىلولىرى داۋاملىق يۈز بەرمەكتە
- قارامايدا ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر ئۆسمۈر يوقاپ كەتكەن
- خىتايدا ئۇيغۇر سەرگەردان بالىلار كۆڭۈل بۆلۈشكە مۇھتاج
- ئۇيغۇر بالىلىرى ئالدانماقتا، سېتىلماقتا، سەرگەردان بولماقتا ..... (2)
- ئۇيغۇر بالىلىرى ئالدانماقتا، سېتىلماقتا، سەرگەردان بولماقتا ..... (1)