ئامېرىكا ئادەم سودىسى مەسىلىسىدە خىتاينى ئەيىبلىدى

adem-sodisi.jpg
ئىككى نەپەر ئۇيغۇر بالىسى خىتاينىڭ شىئەن شەھىرىدە تېپىلغاندىن كېيىن، 2005-يىلى 25-دېكابىر كۈنى ئۆيىگە قايتىشتىش يولىدا تاماق يېمەكتە.AFP

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئىنسان تىجارىتىنى چەكلەش ئىشخانىسى مۇدىرى جون مىلېر (John Miller) دۈشەنبە كۈنى ئېچىلغان دۆلەت مەجلىسى يىغىنىدا، خىتايدا مەۋجۈت بولۇپ تۇرىۋاتقان ئادەم سودىسى مەسىلىسىنىڭ كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان دوكىلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ھەر يىلى چەتئەل ۋە ئۆز دۆلەتلىرىدىن مىليونلىغان ئاياللارنى سېتىۋېلىپ، خىتاي شەھەرلىرىدە پاھىشە ئىشلىرىغا سالىدىكەن. ئۇلار ھەتتا سېتىۋالغان ئاياللارنى يېزىلارغا ئاپىرىپ، يەرلىك دېھقانلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلايدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى كەسكىن ۋە ئۈنۈملۈك چارە – تەدبىر قوللىنىشى كېرەك

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئىنسان تىجارىتىنى چەكلەش ئىشخانا مۇدىرى جون مىلېر سۆزىدە "بىز شۇنى ئېنىقلىدۇقكى، ھازىر خىتايدا ئادەم سودىسى بارغانسېرى ئەۋج ئالماقتا ھەمدە سېتىۋالغان ئاياللارنى پاھىشە ئىشلىرىغا سېلىش، زوراۋانلىق ئەمگەك كۈچىگە ئايلاندۇرۇش، قۇل ئورنىدا ئىشلىتىش ھەتتا ئۇلارنى يېزىدىكى دېھقانلارغا سېتىپ بېرىپ، دېھقانلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلاش قاتارلىق مەسىلىلەر ئېغىر دەرىجىدە مەۋجۈت بولۇپ تۇرماقتا. مەسىلەن شىمالىي كورىيىدە ئاپەتكە ئۇچراپ خىتايغا كەلگەن مۇساپىرلار ئارىسىدا، كۆپلىگەن ئاياللار باشقىلار تەرىپىدىن سېتىۋېتىلگەن ۋە يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن تۈرلۈك بولمىغۇر ئىشلارغا مەجبۇرلانغان " دەپ كۆرسەتكەن.

ئامېرىكا ئەمگەك ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ستىفىن لو (Stephen Law) ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش يىغىنىدا خىتايدىكى ئىنسان تىجارىتىنىڭ كۈنسېرى ئېغىرلىشىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختىلىپ "خىتاي نوپۇسىنىڭ ھەددىدىن تاشقىرى كۆپ بولۇۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ دۆلەت ئىچىدىكى نوپۇسنىڭ بىر يەردىن يەنە بىر يەرگە يۆتكىلىش نىسبىتىنىڭ تېزلەپ كېتىۋاتقانلىقى، بىر قىسىم رايونلارنىڭ كۈندىن - كۈنگە نامراتلىشىپ كېتىۋاتقانلىقى ۋە شۇنداقلا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئىزچىل ھالدا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر ئىنسان تىجارىتىنىڭ بۇ قەدەر ئېغىرلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە كەسكىن ۋە ئۈنۈملۈك چارە - تەدبىرلەرنى قوللانمايدىكەن، بۇ خىل ھالەت تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ، زور تەھدىتكە ئايلىنىدۇ"، دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ ياردەم قىلىشىغا رۇخسەت قىلىشى كېرەك

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خەلقئارا مۇناسىۋەت كومىتېتى كىشىلىك ھوقۇق بۆلۈم باشلىقى كرىستوفېر سمىس (Christopher Smith) ئىنسان تىجارىتىنى توسۇشتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقى بەكمۇ يېتەرسىز، ئۇلار ھەتتا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىمۇ قوغدىيالمايۋاتىدۇ. ئىنسان تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارنى جازالاشتىمۇ يېتەرلىك كۈچ چىقارمايۋاتىدۇ. بىز ھازىر پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسان سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان بىر قىسىم مۇناسىۋەتلىك ئادەملەرنى قولغا ئالغانلىقىنىلا بىلىمىز، لېكىن مەزكۇر قاتىللارنىڭ نەچچىسىنىڭ تۈرمىدە ياتقانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇماتىمىز يوق" دەپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەمەلدارى جون مىللېر ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى ئىنسان تىجارىتى مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا، تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىشىنى تەلەپ قىلىپ، "بۇ ھەقتە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ ياردەم قىلىشىغا رۇخسەت قىلىشى كېرەك، مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلارنى ئوچۇق ‏- ئاشكارا ئېلان قىلىشى كېرەك، خەلقئارا خادىملارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان كىشىلەر بىلەن ئەركىن سۆھبەتلىشىشىگە يول قويۇشى كېرەك، ھۆكۈمەت ۋە ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ چەتئەللەردىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن بىرلىكتە تۈرلۈك پائالىيەت ۋە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشى كېرەك. پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ئىنسان تىجارىتىنى توسۇشتا ئاز -تولا ئىلگىرىلەش ھاسىل بولۇشى مۇمكىن " دەپ بىلدۈردى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەمەلدارى جون مىللېر ئەپەندىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، خىتايدىكى ئىنسان تىجارىتىنى چەكلەش مەسىلىسىدە، گەرچە ئامېرىكا ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدا بىر نەچچە قېتىم سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، كۆرۈنەرلىك نەتىجە كۆرۈلمىگەن. (مېھرىبان)