خىتايدا ئادەم ئورگانلىرى سودىسىنىڭ ئەۋج ئېلىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا

0:00 / 0:00
adem-sodisi.jpg
ئىككى نەپەر ئۇيغۇر بالىسى خىتاينىڭ شىئەن شەھىرىدە تېپىلغاندىن كېيىن، 2005-يىلى 25-دېكابىر كۈنى ئۆيىگە قايتىشتىش يولىدا تاماق يېمەكتە.AFP

غەرب مەتبۇئاتلىرى ئادەم ئورگانلىرىنى كۆچۈرۈش كەسپىنىڭ خىتايدا ناھايىتى كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدىغان سودىغا ئايلانغانلىقىنى، چەتئەللىكلەرنىڭ نەچە ئون مىڭ دوللار خەجلەپلا جىگەر ۋە بۆرەككە ئىگە بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇ ئورگانلارنىڭ كېلىش مەنبەسىنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىۋاتقان جىنايەتچىلەر ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلماقتا.

ئۇيغۇر رايونى خىتايدىكى ئەڭ كۆپ ئۆلۈم جازاسى بېرىلىۋاتقان رايونلارنىڭ بەرى. خىتاينىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەرنىڭ ئورگانلىرىنى تىببى تەتقىقات ئۈچۈن ئىشلىتىدىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئورگانلىرىنى باشقىلارغا كۆچۈرىدىغانلىقى 80 - يىللاردىلا غەرب مەتبۇئاتلىرىدا ئوتتۇرىغا چىققانىدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتايدىكى ئورگان سودىسىنى باشقۇرۇشتىكى قالايمىقانچىلىق ۋە خىتايدا كەڭ كۆلەمدە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىۋاتقان جىنايەتچىلەر ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئادەم ئورگانلىرى ئىسكىلاتىغا ئايلىنىپ قالغان.

خىتاي دائىرلىرى ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن قانچىلىك كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىۋاتقانلىقىغا دۆلەت مەخپىيەتلىكى قاتارىدا مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، بۇ جىنايەتچىلەرنىڭ قانداق شارائىتتا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىۋاتقانلىقى ۋە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەندىن كېيىن ئورگانلىرىنىڭ قانداق شەكىلدە ئېلىنىۋاتقانلىقى قاتارلىقلارنى پەقەت چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدىنلا كۆرۈش مۇمكىن. خىتاي دائىرلىرى بۇ ھەقتە كونكرېت سان- سىفىرلار بىلەن تەمىنلەشتىن باش تارتىپ كەلمەكتە.

خىتاي دائىرلىرى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەرنىڭ ئورگانلىرىنى ئېلىۋالىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان

خىتاي دائىرلىرى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان بەزى جىنايەتچىلەرنىڭ ئورگانلىرىنىڭ تىببى مەقسەتتە ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى رەت قىلمىغان. خوڭكوڭدا چىقىدىغان "شىڭ دۇ" گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ مۇئاۋىن سەھىيە مىنىستىرى خۇاڭ جيەفۇ خىتايدا نۆۋەتتە كۆتۈرۈلۈۋاتقان ئورگانلارنىڭ كۆپلىرىنىڭ ھەقىقەتەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەردىن ئېلىنىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. ئۇ بۇ ھەقتىكى مۇناسىۋەتلىك قانۇن بەلگىلىمىلەرنى كۈچەيتىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.

بۇ گېزىتنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەدەنىيەت ۋە ئەنئەنە قاتارلىق تەرەپلەردىكى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، خىتاي پۇقرالىرى ئۆلگەندىن كېيىن ئۆز ئورگانلىرىنى تەقدىم قىلىدىغانلار يوقنىڭ ھېسابىدا ئىكەن. ھايات كىشىلەردىن ئېلىنىدىغان ئورگانلار 5% گىمۇ يەتمەيدىكەن. ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلاردىن ئېلىنىدىغان ئورگانلار بولسا 90% دىن ئاشىدىكەن.

چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، خىتايدا ئورگان كۆچۈرۈش سودىسى ئەڭ كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدىغان ساھەلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

"ئامېرىكا ئاۋازى" رادىئوسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى خىتاينىڭ ئادەم ئورگانلىرىنى كۆچۈرۈش ساھەسىدە خېلىلا قاتتىق بولغان قانۇن ۋە نىزاملىرىنىڭ بارلىقىنى، ھەدىيە قىلغۇچى ۋە ئورگاننى قوبۇل قىلغۇچى بىلەن دوختۇرخانىدىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنىڭ بۇ قانۇنلارغا قەتئىي بويسۇنۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شاڭخەيدە ئادەم ئورگانلىرىنى كۆچۈرۈش ئېلانلىرىنى ھەر يەردە كۆرگىلى بولىدىكەن. ئېنتېرنېت تور بەتلىرىدىمۇ بۇ تۈردىكى ئۇچۇرلار كۆپ ئىكەن. ھازىرقى بازار ئەھۋالى بويىچە، ئوپېراتسىيە ھەققىنى قوشقاندا بۆرەك كۆچۈرۈشكە 58 مىڭ دوللار، جىگەر كۆچۈرۈشكە 85 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى پۇل كېتىدىكەن.

خىتاي دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئوپېراتسىيىدىن كېيىنكى كېسەلنى كۈتۈش ئىقتىدارى ناچار بولغانلىقى ئۈچۈن ئورگان كۆچۈرۈلگەن بىمارلارنىڭ كۆپلىرى دۆلىتىگە قايتىپ، بىر ئىككى يىل ئىچىدە ھاياتىدىن ئايرىلىدىكەن. ئامما بۇلار خىتايدىكى ئورگان كۆچۈرۈش دولقۇنىغا يەنىلا تەسىر كۆرسەتمىگەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئىلگىرى ئېلان قىلغان دوكلاتىدىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەرنىڭ ئورگانلىرىنى سۇغۇرۇپ ئېلىۋالىدىغانلىقى، ھەتتا بۇنىڭ جىنايەتچىگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەن ئورۇندىن باشقا، مۇستەقىل بىر ئورگان تەرىپىدىن ئېلىنىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى.

چەتئەلدىكى فالۇنگوڭ زاتلىرى، خىتايدا ئىز-دېرەكسىز يوقالغان ۋە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىنىڭ ئورگانلىرىنىڭ خىتايدىكى ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى تەرىپىدىن چەتئەللەردە سېتىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا ۋە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھەرقايسى دۆلەتلەردە خىتاي ھۆكۈمىگە قارشى نارازىلىق پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرماقتا

ئۇيغۇر رايونى خىتايدىكى ئەڭ كۆپ ئۆلۈم جازاسى بېرىلىۋاتقان رايون

ئامېرىكىدىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋۇخوڭ دا ئەپەندىنىڭ ماقالىسىغا قارىغاندا، خىتايدا ھەر يىلى نەچچە ئون مىڭ ئادەم ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىدىغان بولۇپ، ئۆلۈمگە جازاسى بېرىلگەنلەرنىڭ ئورگانلىرى ئېلىۋېلىپ، ئۇنى سېتىش ۋە باشقىلارغا يۆتكەش خىتاي دۆلىتىنىڭ كىرىم مەنبەسىگە ئايلانغانىكەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ ساقچى، سوت، ئەدلىيە ئورگانلىرى دوختۇرخانا ۋە تۈرمىلەر بىلەن شېرىك ئىكەن. بۇ دوختۇرخانىلارنىڭ ئىچىدە خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ دوختۇرخانىلىرىمۇ بار ئىكەن. بۇ ئورگانلار ئۆزئارا سودا تۈرلىرى قۇرۇپ، جىنايەتچىلەرنىڭ ئورگانلىرىدىن ناھايىتى كۆپ مەنپەئەت كۆرىدىكەن. ئۇ ماقالىسىدە، خىتاي دائىرلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى كۆپەيتكەنلىكىنىمۇ ئەسكەرتكەن.

خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتلىرىدىمۇ ئۇيغۇر رايونىنى خىتايدىكى ئەڭ كۆپ ئۆلۈم جازاسى بېرىلىۋاتقان رايون دەپ قارىلىدۇ.

ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر سىياسى مەھبۇسلىرىنىڭمۇ ئورگانلىرى ئېلىۋېلىنغان بولىشى مۇمكىن

كانادادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى مەمەت تۇرسۇن ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا 90- يىللاردىن كېيىن ئۆزىنىڭ مىللى ھوقۇقلىرى ۋە ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ئۇيغۇرلارنى تېررورچى ۋە مىللى بۆلگۈنچى قالپىقى بىلەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ جەسەتلىرىنىڭ ئائىلىسىگە بەرىلمەسلىكىدىكى سەۋەبنىڭ، بۇ يەردە ئۇلارنىڭ مۇھىم ئورگانلىرىنىڭ خىتاي دائىرلىرى تەرىپىدىن ئېلىۋېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:

90-يىللاردىن كېيىن يۇرتىمىزدا خىتاي ساقچى ۋە قانۇن ئورگانلىرىنىڭ قولىدا ئۆلگەن ۋە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ جەسەتلىرىنى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا قايتۇرۇلمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى. ھازىرقى مەلۇماتىمىزغا قارىغاندا، بۇلار خىتاينىڭ بۆرەك سودىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. بۇ ئۇيغۇر "جىنايەتچىلەر" ئېتىپ تاشلىنىشتىن ئىلگىرى ئۇلارنىڭ بۆرەك قاتارلىق مۇھىم ئورگانلىرى ئوپېراتسىيە ئارقىلىق ئېلىۋېلىنىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ۋە چەتئەللەردە سېتىلغان. بۆرەككە ئوخشاش ئەزالىرى ئېلىۋېلىنغان جەسەتلەرنى ئائىلىسىگە بەرسە، ئۆزلىرىنىڭ رەزىل قىلمىشى خەلقئاراغا يېيىلىپ كېتىشتىن قورققان خىتاي دائىرلىرى جەسەتلەرنى ئۆزلىرى بىر تەرەپ قىلىش يولىنى تاللىغان.

ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى بۇ سودىنىڭ قۇربانلىرى بولدى

مەمەت تۇرسۇن خىتايدا ئەۋج ئالغان ئورگان سودىسىغا ئاتالمىش ئۇيغۇر سىياسى جىنايەتچىلىرىنىڭلا بەدەل تۆلەپلا قالماستىن يەنە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىمۇ بۇ سودىنىڭ قۇربانلىرى بولىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: "90-يىللاردىن كېيىن 9، 10 ياشلار ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى توساتتىن يوقاپ كېتىدىغان ئەھۋاللىرى كۆپ يۈز بەردى. بۇ بالىلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ جەسەتلىرى ئورمانلىقلاردىن تېپىلغان بولسا، يەنە بەزىلىرى كېيىن چىرايلىرى سارغايغان ھالەتتە پەيدا بولۇپ قالغان. ئەسلىدە بۇ بالىلارنىڭ بۆرەكلىرى ئېلىۋېلىنغانىكەن. بۇ بالىلارنىڭ ئاتا ئانىلىرى بۆرەكنىڭ كىم تەرىپىدىن ئېلىۋېلىنغانلىقىنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن دەردىنى ئۆز ئىچىگە يۇتۇشقا مەجبۇر بولغانىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر بالىلىرىمۇ بۇ رەزىل سودىنىڭ قۇربانلىرى بولدى، دەيدۇ

ئالدىنقى يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خىتاي پارتكومىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ لېچۇەن 6 ئاي ئىچىدە 50 نەپەر ئۇيغۇرغا سىياسى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆلۇم جازاسى بەرگەنلىكىنى جاكارلىغانىدى. (كامىل تۇرسۇن)