خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە قىز-چوكانلار ۋە بالىلارنىڭ ئادەم بىدىكلىرىگە ئالدىنىش خەتىرى ئاشماقتا

0:00 / 0:00
adem-sodisi.jpg
ئىككى نەپەر ئۇيغۇر بالىسى خىتاينىڭ شىئەن شەھىرىدە تېپىلغاندىن كېيىن، 2005-يىلى 25-دېكابىر كۈنى ئۆيىگە قايتىشتىش يولىدا تاماق يېمەكتە.AFP

خىتايدا كىشىلەرنىڭ ئىش ئىزلەپ شەھەرلەر ئارا ئېقىشى، ئوغۇل-قىز نىسبىتى جەھەتتىكى كۈنسايىن ئۆرلەۋاتقان پەرق، ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ئادەم بىدىكلىرىگە ئالدىنىپ ئەيش-ئىشرەت سورۇنلىرىغا نەزەر بەنت قىلىنىش، ئىپپەت-نۇمۇس سودىسىغا تۇتۇلۇش، باشقىلارغا خوتۇنلۇققا سېتىلىش خەتىرىنى ئاشۇرماقتا.

شەھەر – يېزا تەرەققىياتىدىكى پەرق يېزىدىكىلەرنى شەھەرگە باشلىماقتا

يېقىنقى يىللاردىن بىرى، خىتاي ئىقتىسادى تەرەققىياتىدا بىر قاتار يۈكسىلىشلەر يۈز بەردى. ۋاھالەنكى، شەھەرلەر، دېڭىز بۇيى ۋە ئېچىۋىتىلگەن رايونلارنىڭ ئىقتىسادى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بولسىمۇ ئەكسىچە، ئازسانلىق مىللەت رايونلىرى، شەھەرلەردىن يىراق يېزا ۋە رايونلاردا ئىقتىسادى تەرەققىيات كۆرۈنەرلىك بولمىدى. بۇنىڭ بىلەن خىتايدا باي- كەمبەغەللىك ئارىسىدا پەرق كۈنسايىن ئۆرلەپ، نامرات يېزا، رايونلاردىكى دېھقانلار شەھەرلەرگە ئىش ئىزلەپ ئېقىشقا ۋە ئازسانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى نامرات قىز-يىگىتلەرمۇ، ئىقتىسادتا يۈكسەلگەن رايون، شەھەرلەرگە بېرىپ ئىش ئىزلەشكە مەجبۇر بولدى. نەتىجىدە، ئۆيلىرىدە ئاتا-ئانىسىز ياكى بوۋا- مومىلىرىنىڭ ھامىيلىقىدا قالغان بالىلار ۋە شەھەرلەردە ئىش ئىزلەپ قايمۇقۇپ يۈرگەن قىز-چوكانلار ئادەم بىدىكلىرىنىڭ ئالداش ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالماقتا. بۇ خىل مۇھىت خىتايدىكى قارا كۈچلەرنى ياخشى پۇرسەت بىلەن تەمىن ئەتكەن بولۇپ، بۇ ئارقىلىق خىتايدىكى ئادەم بىدىكلىرىنىڭ قاراڭغۇ بازىرى بەك گۈللەنگەن. ھايانكەشلەر قىز-چوكانلارنى باشقىلارغا خوتۇنلۇققا، ئوغرىلانغان بوۋاقلارنى بالىغا ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە سېتىۋىتىشكەن.

پىلانلىق تۇغۇت قىز – ئوغۇللار نىسبىتىدە زور پەرق پەيدا قىلماقتا

ئۇنىڭدىن باشقا، خىتايدا 70 ‏- يىللاردىن باشلاپ كەسكىن يۈرگۈزۈلگەن پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى خىتايدا قىز- ئوغۇللارنىڭ نىسبىتى جەھەتتە ئېغىر تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بەزى سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا ھازىر خىتايدا ھەر 120 ئوغۇلغا 100 قىز توغرا كېلىدىكەن. خىتاي خەلق كۈندىلىك گېزىتىنىڭ 2007 ‏- يىلى 22 ‏- يانۋاردىكى مەلۇماتىغا قارىغاندا يەنە 8 دىن 10 يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە خىتاي جەمئىيىتىدە 40-60 مىليونغىچە قىز كەملىك قىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن، خىتايدا كۈنسايىن ئۆرلەۋاتقان قىز-ئوغۇل نىسبىتىدىكى زور پەرق نۇرغۇن خىتاي ياشلىرىنىڭ خوتۇنسىز قېلىش ھادىسىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

بۇ خىل ھادىسە خىتايدىكى شەھۋانىي مۇلازىمەت سورۇنلىرىنىڭ كېڭىيىشىدىمۇ ئالدىنقى شەرتلىك رولىنى ئوينىغان بولۇپ، ئالدانغان بىچارىلەرنىڭ بىرقىسمى دەللاللارغا سېتىۋىتىلىپ خورلىنىدىكەن، يەنە بىرقىسمى ئەرزان ئەمگەك كۈچلىرى قاتارىدا زاۋۇت- كارخانىلاردا ئىزلەشكە مەجبۇر بولىدىكەن. خەلقئارا ئادەم ھايانكەشلىكىگە قارشى تۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، خىتايدا ھەر يىلى 9 مىڭ ئايال ۋە بىر مىڭ ئۆسمۈر قارا كۈچلەر تەرىپىدىن ئالدىنىپ سېتىلىدىكەن.

خىتايغا ئالداپ ئېلىپ كېلىنىۋاتقان ئاياللارنىڭ سانى بارغانسېرى ئاشماقتا

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 4- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىدە جېجياڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تەتقىقاتچىسى ۋاڭ جىنلىڭنىڭ ماقالىسىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، خىتاينىڭ نامرات، تەرەققى تاپمىغان رايونلىرىدىن شەھەرلەرگە ئىش ئىزلەپ ياكى سودا قىلىش مەقسىتىدە كېلىپ قارا كۈچلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان ياكى ھايانكەشلەرگە ئالدانغان ئاياللار ۋە بالىلار سانى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلمەكتە ئىكەن.

ۋاڭ جىنلىڭ مۇنداق يازغان "بۇلارنىڭ بىر قىسمى سېتىلىدۇ ياكى باشقىلارغا نىكاھلىنىدۇ، يەنە بىر قىسىمى ئىپپەت-نومۇسىنى سېتىش ياكى زەھەرلىك چېكىملىك يۆتكەش قاتارلىق قانۇنسىز قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان جىنايەتچىلەرگە ئايلىنىدۇ".

خىتايغا يەنە خىتايغا قوشنا نامرات دۆلەتلەردىنمۇ قىزلار ئالداپ كېلىنگەن.رادىيومىز بەرگەن مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، شىمالىي كورىيىلىك نۇرغۇنلىغان قىز-چوكانلار خىتايغا ئالداپ ئېلىپ كېلىنگەندىن كىيىن خىتاي دېھقانلارغا خوتۇنلۇققا سېتىۋېتىلگەن بولۇپ، ئۇلار خىتايغا كەلتۈرۈلگەندىن كىيىن قۇلدەك مۇئامىلىگە ۋە جىنسىي خورلۇققا ئۇچرىغان. بۇ، قىز-چوكانلارنىڭ كۆپىنچىسى شىمالىي كورىيىدىكى نامراتلار بولۇپ، خىتايغا يۇقىرى مائاشلىق خىزمەت كاپالىتى بىلەن ئالداپ كېلىنگەن ئىكەن.

ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنىڭ ئالدىنىش ئېھتىمالى يۇقىرى

بالىلارنى قۇتقۇزۇش جەمئىيىتىنىڭ خىتاي ۋە شىمالىي كورىيىگە مەسئۇل خادىمى Kate Wedgwood نىڭ بىلدۈرۈشىچە، شەرقى خىتاي ۋە باشقا خىتاي يېزىلىرىدا تويلىشىش ئىمكانىيىتى بار قىزلارنىڭ سانى ئىنتايىن كەمچىل بولۇشى قىزلارغا بولغان ئېھتىياجنى ئاشۇرغان ھەم قىز بوۋاقلارنى ئىقتىسادى ياخشى ئائىلىلەرنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن چوڭ قىلىش خاھىشىنى پەيدا قىلغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، نامرات يېزىلاردىن بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىن كەلگەن بالىلارنىڭ ئالدىنىش خەتىرى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن. چۈنكى ئۇلار خىتاي تىلىنى چۈشەنمىگەچكە، ئۆزىنىڭ قانۇنى ھوقۇقلىرىنى بىلمەيدىكەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدىنمۇ ئونمىڭلىغان بالىلار خىتاي ئۆلكىلىرىگە قارا كۈچلەر تەرىپىدىن ئالداپ كېلىنگەن، سېتىۋېتىلگەن ۋە يانچۇقچىلىق قاتارلىق زوراۋانلىق تۈسىنى ئالمىغان جىنايى قىلمىشلارغا سېلىنغان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ئۆلكىلىرىگە نىمكار ئىشلەشكە ئۇيغۇر ئېلىدىن نۇرغۇنلىغان قىز ‏- يىگىتلەر توشۇپ كېتىلگەن. بۇ ياشلارغىمۇ خىتاي ئۆلكىلىرىگە بارغاندىن كىيىن ياخىشى خىزمەت ۋە يۇقىرى مائاشقا ئېرىشدىدىغانلىقى توغرىسىدا كاپالەت بېرىلگەن.

ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرى، خىتاي ئۆلكىسىگە توشۇلغان بۇ قىزلارنىڭ بەزى كاج قىسمەتلەرگە يولۇقۇش مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، گەرچە ئۇلارنى جىنسىي خورلىنشقا ئۇچرىمايدۇ دېگەن تەقدىردىمۇ، لېكىن ئەشۇ مۇدھىش زاۋۇتلاردا جىسمانىي جەھەتتىن قاتتىق ئېزىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن ئىدى.

ھازىرغا قەدەر ئىگىلىگەن بەزى خەۋەرلەرگە قارىغاندا, خىتاينىڭ چىڭداۋ شەھىرىدە ئىشلەۋاتقان بىرقىسىم قىزلار زاۋۇتتا ئىشلەش جەريانىدا دەم ئېلىشقىمۇ مۇيەسسەر بولالماي تىرناقلىرى قاناپ كەتكەن ئەھۋاللار يۈز بەرگەن ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقاك، بەزى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ قارىشچە خىتايدا ھازىر يۈز بېرىۋاتقان ئىجتىمائىي ھادىسىلەر ۋە توي قىلىش ئىمكانىيىتى بار بولغان قىزلارنىڭ كەمچىل بولۇشى قىلىش نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇپ كېتىلگەن قىزلارنىڭمۇ ئادەم بېدىكلىرىگە ئالدىنىپ كېتىش ۋە سېتىلىپ كېتىش خەتىرى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن. (جۈمە)