ئامېرىكا خىتاينى ئادەم ئەتكەسچىلىك سودىسى ئېغىر دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

0:00 / 0:00

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكى ئالدىنقى كۈنى ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئادەم ئەتكەسچىلىك سودىسى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتايدا ھەر يىلى 100 مىڭدىن 200 مىڭغىچە كىشىنىڭ ئېلىپ - سېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە خىتاينى ئادەم ئەتكەسچىلىك سودىسى ئېغىر 2 - دەرىجىلىك كۈزۈتىلىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.

دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، ئادەم ئەتكەسچىلىك سودىسىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار كۆپىنچە ئاياللار ۋە بالىلارنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئۇلار ئەرزان ئەمگەك كۈچى ياكى جىنسى قۇللار قاتارىدا خىزمەتكە سېلىنماقتا ئىكەن. بەزى كۈزەتكۈچىلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، ئاخىرقى يىللاردا خىتايدىكى ئادەم ئەتكەسچىلىرىنىڭ دىققەت نەزىرى ئۇيغۇر بالىلار ۋە ئاياللىرىغا چۈشكەن.

خىتاي ئادەم ئەتكەسچىلىكىدە كۈزۈتىلىدىغان دۆلەت

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ 2000 - يىلى چىقارغان بىر قانۇنىغا ئاساسەن ھەر قايسى دۆلەتلەرنى بۇ دۆلەتلەردىكى ئادەم ئەتكەسچىلىكىنىڭ ئېغىر - يېنىكلىك دەرىجىسىگە قاراپ رەتكە تۇرغۇزۇپ كېلىۋاتىدۇ. تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان 2007 - يىللىق ئادەم ئەتكەسچىلىك سودىسىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتىدا، خىتاينى ئادەم ئەتكەسچىلىكى ئېغىر 2 - دەرىجىلىك كۈزۈتىلىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.

دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ئادەم ئەتكەسچىلىكىنىڭ ئۆتكىلى بولۇپلا قالماي، ئەتكەسچىلىكنىڭ كېلىش مەنبەسى شۇنداقلا ئاخىرقى بېكىتى بولۇپ، ئەرلەر، ئاياللار ۋە بالىلار جىنسى قۇللار ئورنىدا ھەم مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنىدىغان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە سېتىلىۋاتقان دۆلەتتۇر.

دوكلاتتا، ئادەم ئەتكەسچىلىكى ئاساسەن خىتاينىڭ مەملىكەت ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن خەلقئاراغا كېڭىيىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئافرىقا، ئاسىيا، ياۋروپا، لاتىن ئامېرىكا، ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئامېرىكىغا سېتىلىۋاتقانلىقىنى، بەزى ئاياللارنىڭ تەيۋەن، تايلاند، مالايسىيا، ياپونىيىلەردە جىنسىي قۇللۇققا سېلىنىش مەقسىتىدە ئالداپ ئاپىرىلغانلىقىنى، بەزى خىتايلار قەرزىنى ئەمگەك بىلەن تۆلەشكە سېلىنىۋاتقانلىقىنى يازدى.

رايىس: تاشقىي سىياسىتىمىزنىڭ مەركىزى ئىنساننىڭ ئىززەت ھۆرمىتىنى قوغداش

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى كاندىلىزا رايىس، سەيشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئادەم ئەتكەسچىلىرىنىڭ نىشانى جەمئىيەتتىكى ئاجىز كىشىلەرگە قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ،"بۇ كىشىلەر كۆپىنچە ئېكسپىلاتاتسىيە ۋە ئېزىلىشكە ئۇچرىغان ئاياللار ۋە بالىلارنى ئاساس قىلماقتا.

ئەتكەسچىلەر ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقتا قالغانلىقىنى پايدا ئېلىشنىڭ پۇرسىتى قىلىۋاتىدۇ. ئىنسانىيەتنىڭ غۇرۇرى ۋە ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغداش ئامېرىكا تاشقىي سىياسىتىنىڭ مەركىزى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دۇنيا مىقياسىدا باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئادەم ئەتكەسچىلىكىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارغا ياردەم قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى خاتىرجەم قىلىشنى ئويلايدۇ. بىز ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە قەتئى زەربە بېرىپلا قالماي، بەلكى بۇ قىلمىشنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتۇشقا تىرىشىدۇ،" دەپ كۆرسەتتى. كاندىلىزا رايىسنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ يىلدا بىر قېتىم ئادەم ئەتكەسچىلىكى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلىشتىكى مەقسىدى، كىشىلەرنىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىك مەسىلىسىگە دىققىتىنى قوزغاش شۇنداقلا ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى ئادەم ئەتكەسچىلىرىگە قارشى قەتئى زەربە بېرىشكە سەپەرۋەرلىك قىلىشتۇر.

ئۇيغۇر ئاياللار ۋە بالىلار ئادەم ئەتكەسچىلىكىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتىدۇ

دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ مەملىكەت ئىچىدە ئادەم ئەتكەسچىلىك مەسىلىسى ناھايىتى ئېغىر بولۇپ، يىلىغا 100 مىڭدىن 200 مىڭغىچە ئادەم ئەتكەسچىلەر تەرىپىدىن سېتىلماقتا ۋە سېتىلغۇچىلارنىڭ % 90 نى ئاياللار- بالىلار ئىگىللىمەكتە.

دوكلاتتا، ئەتكەسچىلىك قۇربانى بۇ ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ئاساسلىقى ئەنخۇي، خېنەن، خۇنەن، سىچۈەن، يۈننەن ۋە گۇاڭشىلاردىن كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكى دوكلاتىدا ئۇيغۇرنىڭ ئەتكەسچىلىك قۇربانىغا ئايلىنىش ئەھۋالى قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكى ھەققىدە مەخسۇس توختالمىدى. لېكىن ئەتكەسچىلىك ۋەقەسىدىن خەۋەردار ئەرباپلار، يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتايدا ئەتكەسچىلەرنىڭ دىققەت نەزىرى ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە بالىلىرىغا بۇرالغانلىقىنى ۋە ئەتكەسچىلىك تورىغا چۈشۈپ قالغان ئۇيغۇر ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ تېز كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلارمىنىستىرلىكىنىڭ دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىرىگە زەربە بېرىش، زىيانكەشلىككە ئۇچرۇغۇچىلارنى قۇتقۇزۇش ۋە ئۇلارنى پىسخىلوگىيىلىك داۋالاش خىزمىتىدە يەنىلا زور كەمچىلىكى بارلىقىنى، بولۇپمۇ شىمالىي كورىيىلىك زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا ئىقتىسادى مۇساپىرلار مۇئامىلىسى قىلىنىۋاتقانلىقىنى، خىتاي مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى بۇ قېتىم ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەمگە يېتەلمىگەن دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

خىتاي نۇپۇسىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى سەۋەبچى بولىۋاتامدۇ ؟

دوكلاتتا، ئادەم ئەتكەسچىلىرىنىڭ ئاياللارنى ئېلىپ سېتىش ۋە ئۇلارنى ئەرگە تېگىشكە مەجبۇرلىشىدا خىتايدا ئەر- ئاياللار نۇپۇسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنىڭ مۇھىم رولى بارلىقىنى تەكىتلىگەن.

بېيجىڭدىكى ئادۋۇكات ۋاڭ شىنگو خىتايدا ئاياللارنى ئېلىپ -سېتىش سودىسىنىڭ جانلىنىشىغا سەۋەبچى بولىۋاتقان ئامىللار ھەققىدە توختالدى. ئۇ، "بولۇپمۇ سىچۈەندىن گەنسۇ ۋە خېنەنگىچە بولغان رايونلاردا ئادەم ئەتكەسچىلىكى، ئاياللارنى سېتىش بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان ھادىسە بولۇشى مۈمكىن.

چۈنكى بۇ رايونلاردىكى يېزىلاردا ئەر - ئاياللار نۇپۇسىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى مەۋجۈت. غەربتىكى ئۆلكىلەر بىر قەدەر نامرات. قىزلار ئەرگە تەگمەكچى بولسا، ئىقتىسادى شارائىتى ياخشى ئەرلەرنى قوغلىشىدۇ. شۇڭا بەزى ئەركەكلەرگە توي قىلماقچى بولسا، خۇتۇن تېپىش بىر قەدەر تەسكە چۈشۈۋاتىدۇ. بۇ ھادىسە ئاياللارنى ئېلىپ - سېتىش سودىسىنى جانلاندۇرماقتا،" دەيدۇ.

خىتاي ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسىغا قاتناشمىدى

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ھازىرغا قەدەر ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بېرىش مەسىلىسىدە كونكىرىت ۋە روشەن بىر مەلۇمات ئامبىرى يوقلىقىنى، بولۇپمۇ خىتاي ھازىرغىچە ب د ت نىڭ 2000 - يىلى ئىمزالانغان ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بېرىش خەلقئارا كېلىشىمىگە ئىمزا قويمىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا يەنە، خىتاي ئادەم ئەتكەسچىلىك سودىسىنىڭ ئۆتكىلى بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە موڭغۇلىيە، بېرما، شىمالىي كورىيە، ۋيېتنام ۋە رۇسىيىلىك ئاياللار سېتىلىدىغان، خوتۇنلۇققا مەجبۇرلىنىدىغان ياكى پاھىشىلىككە سېلىنىدىغان ئادەم ئەتكەسچىلىك سودىسىنىڭ ئاخىرقى بېكەتلىرىدىن بىرى، دەپ كۆرسىتىلدى. (ئەركىن)