
گۇانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلسى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلە. دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون ئۆتكۈزۈلگەن ئادىل ئابلىكىم ۋە ئابابەكرى قاسىم ئىسىملىك گۇانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىككى ئۇيغۇر ياشنىڭ سوت مەھكىمىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ مەسىلىگە قانچىلىك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقى ئوچۇق ئىپادىلەندى.
سوتقا، ئاتاقلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىرمۇ قاتناشتى. ئۇ سوتتىن كېيىن مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، ئەگەر گۇانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار قويۇپ بېرىلسە، ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن بىرلىكتە ئۇلارنىڭ پۈتۈن تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دۈشەنبە كۈنىدىكى سوت مەھكىمىسى ئادىل ئابلىكىم ۋە ئابابەكرى قاسىمنىڭ ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچىنچى قېتىملىق سوتى ئىدى. سوتتا، ئۆز خىراجىتى بىلەن ئادىل ئابلىكىم ۋە ئابابەكرى قاسىم قاتارلىق گۇانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋۇكاتلىقىنى ئۈستىگە ئالغان سەبىن ۋالىت، ئادىل بىلەن ئابابەكرىنى گۇانتانامودىن ۋاشىنگتونغا ئېلىپ كېلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە مەسىلىسى بىر تەرەپ بولغانغا قەدەر ئۇلارنىڭ ۋاشىنگتون ئەتراپىدا ياشايدىغان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئىچىدە تۇرۇشىغا رۇخسەت بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
ئادۋۇكات سەبىن ۋالىت، سوتتا يەنە گۇانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار قويۇپ بېرىلسە، ۋاشىنگتون ئەتراپىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلارغا ئىگە چىقىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ۋاشىنگتونغا يېقىن جايدا ياشايدىغان پەرھات ياسىن ئىسىملىك ئۇيغۇرنى سوتقا تونۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئادىل بىلەن ئابابەكرىنىڭ پۈتۈن چىقىملىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئىلىشقا تەييارئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
باش سوتچى روبىرتسون، ئادىل ۋە ئاباباكرىنىڭ ئادۋوكاتى سەبىن ۋالىتنىڭ، ئۇلارنى ۋاشنگتونغا ئېلىش كېلىپ سوتقا قاتناشتۇرۇش مەسىلىسى بىر تەرەپ بولغانغا قەدەر ۋاشىنگتون ئەتراپىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۇرۇشىغا رۇخسەت بېرىش تەلىپىگە 15 كۈن ئىچىدە جاۋاپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، مۇخبىرىمىز قاناتنىڭ مەخسۇس پروگراممىسىدىن ئاڭلاڭ.