گۇەنتانامو تۈرمىسىنىڭ سابىق تۇتقۇنى ئادىل شۋېتسىيىگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەندىن بىرى شۋېتسىيە ئاخباراتلىرى ئۇنىڭ ھاياتى ۋە تەقدىرى ھەققىدە توختىماي ئۇچۇر بېرىشكە باشلىدى .بۇلارنىڭ ئىچىدە شۋېتسىيە دۆلەتلىك ئاخبارات ۋاستىلىرىمۇ ۋە يەرلىك ئاخباراتلارمۇ بار، بولۇپمۇ شۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رايىنى ئىپادىلەيدىغان ئەڭ نوپۇزلۇق گېزىت بولغان "كۈندىلىك يېڭىلىقلار"گېزىتى، شۋېتسىيە دۆلەتلىك رادىئوسى پ1 قانىلى، شۋېتسىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيىسىنىڭ 4 - قانىلى،"ستوكھولىم شەھەر گېزىتى"، "مېترو" قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بەرگەن ئۇچۇرلىرى شۋېتسىيە دائىرىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۇنۇلۇشىدا تەسىرى ئالاھىدە زور بولدى.
گەرچە بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئادىلنىڭ بېشىغا كەلگەن بەخىتسىزلىكلەر ۋە ئۇنىڭ ناھەق تارتقان كۈلپەتلىرىنى تەسۋىرلەشنى ئاساسىي يۆلىنىش قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭغا يانداشقان ھالدا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى چۈشەنچىلەر، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈپ يىلتىزى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئىنسان ھەقلىرى ئەھۋاللىرى قاتارلىقلارمۇ تەسۋىرلەنگەن. ئادىل ھەققىدىكى بۇ خەۋەر - ئۇچۇرلارنىڭ ئاساسى مەزمۇنىنى يىغىنچاقلىغاندا تۆۋەندىكىدەك 3مەزمۇنغا مەركەزلەشكەن.
1 - مەزمۇندا، ئادىلدىن ئىبارەت بۇ ئۇيغۇر يىگىتىنىڭ كىملىك ئارقا كۆرۈنۈشى، ئۇنىڭ پاكىستان ۋە ئافغانىستانلارغا كېلىپ قېلىشىنىڭ نېگىزلىك سەۋەبلىرى قاتارلىقلار ئۆزىنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرى ئاساسىدا تەسۋىرلەنگەن . - 2مەزمۇندا ئادىل قاتارلىق ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىڭ پاكىستاندا قەبىلە كىشىلىرى تەرىپىدىن قولغا چۈشۈپ ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە 5مىڭ دوللارغا سېتىلغانلىقلىرىدىن تارتىپ ئافغانىستان قەندىھار تۈرمىسىدىكى كەچۈرمىشلىرى، گۇەنتانامو تۈرمىسىدىكى 4 يىللىق ھاياتى ۋە كېيىن قانداق قىلىپ ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقلىرى قاتارلىقلار سۆزلەنگەن. 3 - مەزمۇندا ئاساسەن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى، جۇغراپىيىلىك جايلىشىشى، مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى، نوپۇس ئەھۋالى، 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كىيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئاسسىمىيلىياتسىيە سىياسىتى، ئۇيغۇر ئېلىدە كۈندىن - كۈنگە ناچارلىشىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى ئەھۋاللىرى قاتارلىقلار يېزىلغان.
ئادىلنىڭ شىۋېتسىيىلىك ئادۋوكاتى ستېن ئەپەندى 7 - يانۋار كۈنى شۋېتسىيە تېلېۋىزىيىسى 4 - قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دەيدۇ "ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ غەربى رايونىدا ياشايدىغان تۈركى تىل سېستىمىسىدىكى مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ بىرى، ئۇلار يېقىنقى يىللاردىن بىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق كونتروللۇقىدا تۈرمىلەرگە تاشلىنىپ، قاتتىق قىيناشلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ئادىل بولسا ئەنە شۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى. ئۇ تۇرمۇش يولى ئىزدەپ بالا - چاقىلىرىنى تاشلاپ پاكىستان ۋە ئافغانىستانلارغا كەلگەن، كېيىن ناھەق تۇتقۇن قىلىنىپ گۇەنتانامو تۈرمىسىدە 4 يىللىق مەھبۇس ھاياتىنى ئۆتكۈزگەن.
شۋېتسىيە ئاخباراتلىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، شۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ ئادىلنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىشلىرىغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ھازىرچە كىشىلەر ئويلىغاندەك ئىجابىي تۈستە بولمىغان، ئەمما كىشىلەرنىڭ پەرەز قىلىشىچە، شۋېتسىيە ئاخباراتلىرىدا بېرىلىۋاتقان ئادىل ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەۋەر - ئۇچۇرلارنىڭ كۆپىيىشى ئادىلنىڭ شۋېتسىيىدە پاناھلىق ئېلىشىغا تۈرتكە بولالايدىكەن. شۋېتسىيە ئاخباراتلىرىدىكى ئىنكاسلاردىن قارىغاندا، شۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى بىلەن شۋېتسىيە ھۆكۈمىتى ئوتتۇرسىدا گۇەنتانامو تۈرمىسىدە قاماقتا ياتقان قالغان 17 ئۇيغۇرنى شۋېتسىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇش ياكى ئورۇنلاشتۇرماسلىق ھەققىدە مۇنازىرە بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. (يالقۇن)