ئاسمان پادىشاھى ئادىل ھۇشۇر ئۇيغۇر داۋازچىلىقىنى دۇنياغا تونۇتتى


2007-04-26
Share

APH200205079198-Adil-150.jpg
دۇنياغا ئۇيغۇر داۋاز مەدەنىيىتىنى تونۇتقان ئادىل ھوشۇر. AFP PHOTO / Beijing 07 May 2002

دۇنياغا مەشھۇر ئۇيغۇر داۋاز ئادىل ھۇشۇر، ئۆزىگە بېرىلگەن " ئاسمان پادىشاھى " شان - شەرىپى ئۈچۈن، ئۆزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. ئۇ نەتىجىلىرىدىن قىلچە مەغرۇرلانماي، ماھارىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇش، داۋاز ۋارىسلىرىنى يېتىشتۈرۈشتەك جاپالىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەندىن سىرت، يەنە خەلقئارادا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇسابىقە شۇنىڭدەك ماھارەت كۆرسىتىش پائالىيەتلىرىگە قاتناشماقتا.

كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان يېرى شۇكى، ئادىل ھۇشۇر نۆۋەتتە، " قۇشتىن باشقا نەرسە ساق - سالامەت ئۆتەلمەيدىغان سىسلىي ئارىلى" دېگەن نامى بار، ماھارەت كۆرسىتىشتە قېيىنلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان، ھەتتا دۇنيا گىنىس رېكورتىنى بۇزغان ماھىرلار تەرىپىدىن رەت قىلىنغان، ئىتالىيىنىڭ مېسسىنا شەھىرىدىكى سىسلىي ئارىلىدىن ئۆتۈشكە تەييارلىق كۆرمەكتە.

پەيشەنبە كۈنى ئىستانسىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئادىل ھۇشۇر، مۇخبىرىمىزغا ئۆزىنىڭ ئىككى شاگىرتى بىلەن باراۋەر 5 ‏- ئاينىڭ 1 ‏- كۈنى، جەنۇبىي كورىيىنىڭ پايتەختى سىئول شەھىرىدە ئۆتكۈزىلىدىغان خەلقئارا مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.(ئەقىدە)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت