
دۇنياغا مەشھۇر ئۇيغۇر داۋاز ئادىل ھۇشۇر، ئۆزىگە بېرىلگەن " ئاسمان پادىشاھى " شان - شەرىپى ئۈچۈن، ئۆزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. ئۇ نەتىجىلىرىدىن قىلچە مەغرۇرلانماي، ماھارىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇش، داۋاز ۋارىسلىرىنى يېتىشتۈرۈشتەك جاپالىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەندىن سىرت، يەنە خەلقئارادا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇسابىقە شۇنىڭدەك ماھارەت كۆرسىتىش پائالىيەتلىرىگە قاتناشماقتا.
كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان يېرى شۇكى، ئادىل ھۇشۇر نۆۋەتتە، " قۇشتىن باشقا نەرسە ساق - سالامەت ئۆتەلمەيدىغان سىسلىي ئارىلى" دېگەن نامى بار، ماھارەت كۆرسىتىشتە قېيىنلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان، ھەتتا دۇنيا گىنىس رېكورتىنى بۇزغان ماھىرلار تەرىپىدىن رەت قىلىنغان، ئىتالىيىنىڭ مېسسىنا شەھىرىدىكى سىسلىي ئارىلىدىن ئۆتۈشكە تەييارلىق كۆرمەكتە.
پەيشەنبە كۈنى ئىستانسىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئادىل ھۇشۇر، مۇخبىرىمىزغا ئۆزىنىڭ ئىككى شاگىرتى بىلەن باراۋەر 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، جەنۇبىي كورىيىنىڭ پايتەختى سىئول شەھىرىدە ئۆتكۈزىلىدىغان خەلقئارا مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.(ئەقىدە)