خىتاي ھۆكۈمىتى مەكتەپلەرگە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش دەرىسلىكىنى كىرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

0:00 / 0:00

خىتاي دۆلەت كابېنتى ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش خىزمىتى كومىتىتى ئىشخانىسى يېقىندا " مەملىكەتلىك ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات - تەربىيە خىزمىتى كۆرسەتكۈچ لايىھىسى" نى ئېلان قىلىپ، مائارىپ تارماقلىرىدىن 2005 - يىلىدىن باشلاپ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش دەرىسلىكىنى ھەر قايسى ئوتتۇرا، ئوتتۇرا - ئالىي تېخنىكوم ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش پىلانىغا كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلدى.

بۇ لايىھىدە، تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلاردا مەۋسۈمىگە ئالتە سائەت ، تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلاردا تۆت سائەت ، ئالىي مەكتەپلەردە بولسا، ئەيدىز كېسىلىدىن مۇداپىئە كۆرۈش ھەققىدە مەخسوس لىكسىيىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇ مەزمۇننى سالامەتلىك تەربىيىسى قاتارلىق دەرىسلىكلەرگە كىرگۈزۈش كېرەكلىكى كۆرسىتىلگەن.

ئەيدىز كېسلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيىسى بۇرۇنلا باشلىنىشى كېرەك ئېدى

خىتايدا ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە سەل قارىلىۋاتقانلىقى، خەلقئارا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كىلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىدى. بېيجىڭدا ياشاۋاتقان ئەيدىز پائالىيەتچىسى خۇجىيانىڭ قارىشىچە، ئەيدىز كېسلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيىسى، ئەسلىدە مەكتەپلەردە بۇرۇنلا باشلىنىشى كېرەك ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى:

"ئەيدىز كېسىلىدىن مۇداپىئە كۆرۈش خىزمىتىنى ئىشلەۋاتقان بۇ بىر نەچچە يىل جەريانىدا بىز ئاللىبۇرۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى " ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش ئىھتىماللىقى يۇقىرى بولغان ئادەملەر توپى" غا كىرگۈزدۇق. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەيدىز كېسىلى ۋە جىنىسىي ساغلاملىق ھەققىدىكى تونۇشى بەكلا كەمچىل".

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇۋانى بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرىشىچە، مەزكۈر لايىھىدە، ھەر قايسى دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر، مائارىپ، سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ھەمكارلىقىدا بىر مىخانىزىم تۇرغۇزۇپ، ھەر قايسى ئالىي - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ دوختۇرى ۋە تەن - سالامەتلىك تەربىيىسى ئېلىپ بارىدىغان ئوقۇتقۇچىلارغا ئەيدىز كېسىلىدىن مۇداپىئە كۆرۈش تەلىم - تەربىيىسىنى ئېلىپ بېرىش بەلگىلەنگەن.

ئۇنىڭدا يەنە، ئالىي ۋە تېخنىكوم مەكتەپلىرىگە يېڭىدىن قۇبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارغا ئەيدىز كېسىلى، جىنىسىي كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيە قوللانمىسى تارقىتىش، ھەر قايسى ئالىي ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ كۈتۈپخانىلىرىغا ئەيدىز كېسىلىگە ئائىت ئوقۇشلۇقلارنى قويۇش، مەكتەپلەرنىڭ تەشۋىقات تاختىلىرىنى ۋاقتى - ۋاقتىدا يېڭىلاش قاتارلىقلار كۆرسىتىلگەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاي دۆلەت كابېنتى ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى كومىتىتى يۇقىردىكى تەشۋىقاتلار ئارقىلىق، ئاممىنىڭ بولۇپمۇ ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈپ، كەمسىتىش ۋە خاتا قاراشلارنى يوقۇتۇشنى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئەيدىز كېسلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە قاتنىشىش قىزغىنلىقىنى ئۆستۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇنىڭ ئۈنۈمى زادى قانچىلىك بولار؟

ئۇيغۇر ئېلى نۆۋەتتە ئەيدىز كېسلى ئەڭ تېز يامراۋاتقان رايۇنلارنىڭ بىرى، ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇزۇن يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان چەتئەلدىكى ياشار ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى ، بىراق بۇ تەدبىرلەرنىڭ ئۈنۈمىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى:

ياشار ئەپەندى يەنە ئۆزى ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن مەزگىلىدە، مەكتەپلەردە ئەيدىز كېسىلىدىن مۇداپىئە كۆرۈش تەربىيىلىرىنىڭ ئاساسەن ئېلىپ بېرىلمىغانلىقىنى كۆرسۈتۈپ مۇنداق دىدى:

ئۇ ئاخىرىدا، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيىسىنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى دىنىي ئەركىنلىكنى قويۇپ بېرىپ، دىنىي ئېتىقاتنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، كىشىلەرنىڭ ئەخلاقىنى ياخشىلاپ، ئەيدىز كېسىلى ۋە زەھەرلىك چىكىملىككە ئوخشاش جەمئىيەت مەسىلىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىردى.

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنىتلىقىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ھازىر خىتايدا 840 مىڭدىن ئارتۇق ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بار دەپ ئېلان قىلىنماقتا. بىراق خەلقئارا ئەيدىز پائالىيەتچىلىرى ھەقىقى ساننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان رەقەمدىن خېلىلا كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. (ئارزۇ)