ئافغانىستاندا پرېزىدېنت سايلىمى ئېلىپ بېرىلىدۇ

ئافغانىستاندا پەيشەنبە كۈنى پرېزىدېنتلىك سايلىمى ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، سايلام ئالدىدا نامزاتلار ئۆزلىرىنىڭ سايلام تەشۋىقاتلىرىنى ئىنتايىن ياخشى ئېلىپ بارغان. بۈگۈن سايلام تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنىڭ ئاخىرقى كۈنى بولۇپ، سايلامنىڭ ئاساسلىق نامزاتلىرى كابولدا تەرتىپلەنگەن ئون مىڭ كىشىلىك يىغىلىشلاردا ئۆزىنىڭ قوللىغۇچىلىرىغا سۆز قىلغان ۋە دۆلەت تېلىۋىزىيىسىدە ئوچۇق ‏ - ئاشكارا ھالدا مۇنازىرە ئېلىپ بارغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009.08.17
Afghan-prezident-kandidati-Abdulla-Abdulla-305.jpg ﺩﯗﺷﻪﻧﺒﻪ، 17 - ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻥ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻠﯩﻚ ﺳﺎﻳﻠﯩﻤﻰ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﺸﯩﺪﺍ، 3 ﻛﺎﻧﺪﯨﺪﺍﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ، ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ، ﺗﺎﺟﯩﻜﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼﻫ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼﻫ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻗﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﻝ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

بۇ ئافغانىستان تارىخىدا تۇنجى كۆرۈلگەن بىر ئەھۋال بولۇپ، غەرب ئەللىرى كۆزەتكۈچىلىرى ئافغانىستاندا دېموكراتىيىنىڭ بىخ سۈرۈشكە باشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

گەرچە سايلام پائالىيەتلىرى دېموكراتىك ئۇسۇللارغا لايىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە رايوندا تالىبان كۈچلىرىنىڭ تەھدىتلىرىمۇ ئارتماقتا. ئۇلارنىڭ سايلام كۈنى بىلەت تاشلايدىغان ئورۇنلارغا ھۇجۇم ئېلىپ بارىدىغانلىقىغا دائىر تەھدىتلىرى كىشىلەردە ئەندىشە پەيدا قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ سايلامغا بىلەت تاشلىغۇچىلارنىڭ تالىبان ھۇجۇملىرىدىن قورقۇپ، بىلەت تاشلاشقا كەلمەسلىكىگە سەۋەب بولۇشىدىن ئەنسىرىمەكتە.

ب ب س رادىئوسى ئافغان بۆلۈمىنىڭ تەكشۈرۈشىچە، ھۆكۈمەت ئافغانىستاننىڭ يۈزدە 30 ىنى تېخى كونترول قىلالمىغان بولۇپ، بۇ، تالىبان كۈچلىرى ئەڭ كۈچلۈك بولغان ئافغانىستاننىڭ جەنۇبى رايونلىرى ئىكەن. بۇ رايونلاردا ئافغان ھۆكۈمىتى پەقەتلا شەھەر مەركەزلىرىنىلا كونترول قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئەتراپتىكى يېزا - بازارلار بولسا تالىباننىڭ قول ئاستىدا تۇرماقتا.

بۇ قېتىملىق سايلامغا 41 نامزات قاتناشقان. ئەمما بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم 3 رەقىب بولسا ئافغانىستاننىڭ ھازىرقى جۇمھۇر رەئىسى خامىت كارزائى، سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللاھ ئابدۇللاھ، سابىق ئىقتىساد مىنىستىرى ئەشرەف غانى قاتارلىقلاردۇر.

تۈركىيە ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى جېلالەتتىن ياۋۇزنىڭ بۇ ھەقتىكى تەتقىقات ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ھازىر سايلامنىڭ بىخەتەر ئۆتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن رايوندا ئەسكىرى كۈچلەرنى كۈچلەندۈرمەكتە. ئالاھىدە دېڭىز، پىيادە كوماندىرلىرىنىمۇ ئالدىنقى سەپكە يوللىغان ئامېرىكا، تالىبانلار مەركەزلىك ھالدا يەرلەشكەن ئەتراپى سارپ تاغلىرى بىلەن قورشالغان داخانەھ بازىرىغا ھۇجۇم قوزغىدى. 400 ئامېرىكىلىق دېڭىز ئەسكىرى ۋە 100 گە يېقىن ئافغانلىق ئەسكەر ئېلىپ بارغان بۇ ھۇجۇمغا بومباردىمانچى ئايروپىلان ۋە تىك ئۇچارلار ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بۇ ھۇجۇم تالىباننىڭ تاغلاردىن ئولتۇراق رايونلارغا كېلىپ سايلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان يولىنى ئېتىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

ئەمما سايلامغا ئاز قالغانسېرى تالىبانلارمۇ ھەرىكەتلىرىنى كۆچەيتىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار 11 - ئاۋغۇست كۈنى دەسلەپ ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى گېرمان قىسىملىرىنىڭ قوغدىشى ئاستىدا بولغان ۋە نىسبەتەن تېنچ ھېسابلىنىدىغان قۇندۇز ۋىلايىتىدىكى بىر ساقچىخانىنى ئوققا تۇتقان. تالىباننىڭ بۇ خىل زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى سايلامغا تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقان بولۇپ، ھەتتا نۇرغۇن نامزاتلارمۇ تالىبان كۈچلىرىدىن قورققانلىقى ئۈچۈن سايلامغا پەقەت ئۆزلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى ۋە پلاكاتلىرىنى ئەۋەتىش بىلەنلا توختاپ قالغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە سۈننىي مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ رادىكال قانىتى دەپ قارىلىدىغان تالىبانلاردا ئايال كىشىلەرنىڭ سىياسەتكە كىرىشىگە قەتئىي رۇخسەت قىلىنمىغانلىقتىن، سايلامغا قاتناشقان ئايال نامزاتلارمۇ قاتتىق ئەندىشە ئىچىدە ئىكەن.

ئافغانىستاندا ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ سايلامغا ئامېرىكا، رۇسىيە، خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەر ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىۋاتقان بولۇپ، دۇنيانىڭ ئەڭ كەمبەغەل دۆلىتى بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە نېفىت ياكى تەبىئىي گاز بايلىقىمۇ بولمىغان ئافغانىستاندا ئېلىپ بېرىلىدىغان سايلام نېمىشقا دۇنيانىڭ دىققىتىنى بۇنچىلىك تارتىدۇ؟

تۈركىيە ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى جېلالەتتىن ياۋۇز ئەپەندى بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزە ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: " بۇنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى، ئافغانىستاننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن ھىندى ئوكياننىڭ ئارىسىغا ئورۇنلاشقان بولۇشىدۇر. يەنى ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقلىرىنى ھىندى ئوكيانغا ئۇلاشتۇرىدىغان ئەڭ قىسقا يول ئافغانىستاندىن ئۆتىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيادا سۆز ئىگىسى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئامېرىكا ئۈچۈن ئافغانىستان ئىنتايىن مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئوتتۇرا ئاسىيانى ئۆزىگە تەۋە بىر ئارقا ھويلىدەك كۆرىدىغان رۇسىيە ۋە خىتاي ئۈچۈنمۇ ئافغانىستان ئىنتايىن مۇھىم. ئۇلار ئوتتۇرا ئاسىياغا ئامېرىكىغا ئوخشاش باشقا كۈچلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئافغانىستاننى بىر قورغان دەپ قارايدۇ."

سايلامنىڭ بىخەرلىكى ئۈچۈن سايلام كۈنى 200 مىڭ ئافغان ئەسكىرى ۋە 100 مىڭ ناتو ئەسكىرى ۋەزىپە ئۆتەيدىغان بولۇپ، 34 ۋىلايەتتىن 17 مىليون سايلىغۇچى ئۆزىنىڭ جۇمھۇر رەئىسى ۋە 420 نەپەر ۋىلايەت مەجلىس ئەزالىرىنى سايلاپ چىقىدۇ.

بۇ قېتىمقى سايلامدا خامىت كارزائىنىڭ قايتا سايلىنىش ئېھتىمالى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئۇنىڭدىن قالسىلا ئابدۇللاھ ئابدۇللاھمۇ سايلامنىڭ ئىككىنچى كۈچلۈك نامزاتى دەپ قارالماقتا. خامىت كارزائىي 1957 - يىلى كانداھاردا تۇغۇلغان بولۇپ، ھىندىستاندا ئوقۇغان ۋە نۇرغۇن قېتىم ئامېرىكىدا بولغان. ئۇ 1980 - يىللاردا ئافغانىستاندا رۇس ئىشغالىغا قارشى مۇجاھىد بولۇپ جەڭگە قاتناشقان. پاكىستاندا سۈرگۈندە ياشىغان مەزگىلىدە تالىباننى قوللىغان، كېيىن دادىسىنىڭ تالىبان تەرىپىدىن قەتلى قىلىنىشى بىلەن تالىبانغا قارشى تەرەپكە ئۆتۈپ، تالىبانغا قارشى كۈچلەر يىغىلغان قەندىخارغا قايتقان.

2001 - يىلى ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستانغا كىرىشى بىلەن ئامېرىكىنىڭ قوللىشغا ئېرىشىپ 2002 - يىلى ئافغانىستاننىڭ جۇمھۇر رەئىسى بولغان. 2005 - يىلى ئېلىپ بېرىلغان سايلامدا بولسا خەلقنىڭ ئاۋاز بېرىشى بىلەن 2 - قېتىم جۇمھۇر رەئىسى بولۇپ سايلانغان. بۇ قېتىمقى سايلامدىمۇ كارزائىنىڭ يېڭىپ چىقىش ئېھتىمالى زور دەپ قارالماقتا.

ئافغانىستاندا بەشى چوڭ، ئۈچى نىسبەتەن كىچىك بولۇپ جەمئى 30 دىن ئارتۇق ئېتنىك گۇرۇپپا ياشايدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تىل، مەدەنىيەت ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىمۇ بىر - بىرىدىن پەرقلىق. ئافغانلارنىڭ 80 پىرسەنتى سۇنئىي، 18 پىرسەنتكە يېقىنى شىيە. ئافغانىستاندا 45 پرسەنتلىك نوپۇس بىلەن ئەڭ چوڭ ئېتنىك گۇرۇپپا پەشتۇنلار بولۇپ، تىلى شەرقىي ئىرانچە دەپ بىلىنىدىغان پەشتۇنچىدۇر.

ئافغانىستاندىكى ئىككىنچى چوڭ ئېتنىك گۇرۇپپا بولسا تاجىكلار بولۇپ، ئۇلار نوپۇسنىڭ 28 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. تاجىكلار پەقەت تاجىكىستان بىلەن چېگرىداش رايونلاردىلا ئەمەس، پايتەخت كابۇلدىمۇ نوپۇسنىڭ كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. تاجىكلار ئافغانىستاننىڭ بىلىم سەۋىيىسى يۇقىرى كىشىلىرى بولۇپ، ھاكىمىيەتتىكى مۇھىم ئورۇنلارنى تاجىكلار ئىگىلىگەن. قالغان 21 پىرسەنتنى بولسا ھازار، ئۆزبەك ۋە تۈركمەن قاتارلىق ئېتنىك گۇرۇپپىلار تەشكىل قىلىدۇ.
 
 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.