ئافغانىستاننىڭ نۆۋەتتىكى سايلام ۋەزىيىتى

0:00 / 0:00

ئافغانىستاندا، پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلام پائالىيەتلىرى جىددى ئېلىپ بېرىلماقتا، خەۋەرلەردىن مەلۇم بولىشىچە، نۆۋەتتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان پرېزدېنت كارزاي تۇنجى قېتىم، كابۇلدا ئۆزى ئۈچۈن ئاۋاز توپلاش پائالىيىتىنى باشلىۋەتكەن، كارزاي يەنە سايلام ھەققىدە توختۇلۇپ " مەجبۇرىي يوسۇندا دۆلەت باشقۇرۇش دەۋرى ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتتى" دەپ بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ، ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدا خەلق ئارىسىدا نۇتۇق سۆزلەپ، خەلقتىن ئۆزىنى قوللاشنى تەشەببۇس قىلدى.

ئافغانىستاندا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان سايلام پائالىيەتلىرىدىن سىلەرنى تولۇق خەۋەردار قىلىش ئۈچۈن، تۆۋەندە يېڭىلا ئاغغانىستاننىڭ كابۇل شەھىرىگە يېتىپ بارغان ئۆز مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات بىلەن ئالاقە باغلىدۇق، تۆۋەندە بۇ ھەقتە سىلەرگە مەلۇمات يەتكۈزىمىز. (ئەقىدە)