ئافغانىستاننىڭ نۆۋەتتىكى سايلام ۋەزىيىتى

0:00 / 0:00

ئافغانىستان 9 – ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن سايلامنىڭ بېلەتنىڭ 30 ٪ ئى سانىلىپ بولغان بولۇپ، ھازىرغىچە سانالغان بىلەتلەرنىڭ نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت پرېزىدېنتى خەمىد كارزايغا تاشلانغان بېلەت ٪ 60 دىن ئاشىدىكەن. گېنېرال ئابدۇرېشىد دوستومغا تاشلانغان بېلەت 9 ٪ نى ئىگىلىگەن بولۇپ، 3 – ئورۇندا تۇرىدىكەن.

سايلامدا يۈز بەرگەن خاتالىقلار ۋە كەمچىلىكلەرنى تەكشۈرىدىغان، ب د ت تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئۈچ كىشىلىك كومىتېت ئۆز خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 281 رەسمىي شىكايەت تاپشۇرۇپ ئېلىنغان.

بۇنىڭ تەپسىلاتىنى مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ ئافغانىستاندىكى مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن ئاڭلاڭ.