لوندوندا ئافغانىستان مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى
2006.01.31
31- يانۋار كۈنى لوندوندا ئېچىلغان ئىككى كۈنلۈك يېغىننىڭ ئېچىلىشىدا سۆز قىلغان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنستىرى كوندالىزا رايس، پرېزىدېنت بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىن كېلەر يىلى ئافغانىستان ئۈچۈن بىر مىليارد يۈز مىليون دوللار سوراشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
يېڭى پىلان
يېغىندىكى سۆزىدە، ئافغانىستاننى قايتىدىن قۇرۇش پائالىيىتىنىڭ ناھايىتى تېز ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنستىرى رايس، ئەمما بۇنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ، بىز ئافغان خەلقىغە بېرىدىغان ياردىمىمىزنى كۆپەيتىشىمىز كېرەك، دېدى.
ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنستىرى جاك سترو ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كېلەركى ئۈچ يىل ئىچىدە ئافغانىستانغا 800 مىليون دوللار ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى ھەمدە ئافغانىستاننىڭ رايوندا دېموكراتىك بىر دۆلەت بولۇپ قەد كۆتۈرۈشى پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكى ئۈچۈن پايدىلىق، دېدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لوندون يېغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر ئالدىمىزدىكى بەش يىل ئىچىدە ئافغانىستان مىللىي بىخەتەرلىكى، ئىقتسادىي تەرەققىياتى ۋە بۇ دۆلەتنىڭ زەھەرلىك چىكىملىكلەرگە قارشى ھەرىكىتىگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن بىر پىلان ئوتتۇرىغا قويغان.
بۇ پىلانغا ئاساسەن، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى، دۆلەت ئىچىدىكى قانۇنسىز قوراللىق گۇرۇپپىلارنى قورالسىزلاندۇرۇش ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغانلىقى، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلايدىغانلىقى ھەمدە زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىگە قارشى جىددىي كۈرەش ئېلىپ بارىدىغانلىقى توغرىسىدا، يېغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەت ۋەكىللىرىگە ۋە ب د ت نىڭ باش كاتىبى كافى ئاننانغا ۋەدە بەرگەن.
تالىبان قالدۇقلىرى يەنىلا مەۋجۇت
ئافغانىستاندا تالىبانلار ھاكىمىيىتىنىڭ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە ئارمىيە تەرىپىدىن گۇمران قىلىنغانلىقىدىن تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقت ئۆتتى. ئەمما ئافغانىستان ھېلىمۇ دۇنيانىڭ ئەڭ كەمبەغەل دۆلەتلىرىنىڭ بېرى ھەمدە بىخەتەرلىك مەسىلىسى بۇ دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئالدىدىكى مۇھىم توسالغۇ ھېسابلىنىدۇ.
گەرچە، ئافغانىستاندا يېڭى بىر ئاساسىي قانۇن قوبۇل قىلىنىپ، دېموكراتىك ئۇسۇلدا پرېزىدېنت ۋە پارلامېنت سايلاملىرى ئۆتكۈزۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ دۆلەتنىڭ بولۇپمۇ جەنۇبى ۋە شەرقى رايونلىرىدا توقۇنۇشلار ھېلىمۇ داۋاملىشىۋاتىدۇ. ئافغانىستاندا مەۋجۇت 18 مىڭ ئامېرىكا ئەسكىرى ۋە بۇنىڭغا قوشۇمچە بۇ دۆلەتتە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ھەربىي قىسىملىرى تېخىچە ئافغانىستاندىكى تالىبان ۋە ئەلقائىدە قالدۇقلىرىنى پۈتۈنلەي باستۇرالمىدى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئافغانىستاندىكى تالىبان قالدۇقلىرى پائالىيەتلىرىنى كۈندىن - كۈنگە كۈچەيتمەكتە. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن يىلى ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا 1600 ئەتراپىدا كىشى ئۆلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ 91 ئى ئامېرىكا ئەسكىرى ئىكەن. تۆت ئايدىن بېرى ئافغانىستاندىكى تالىبان قالدۇقلىرىمۇ، ئىراقتىكى قارشىلاشقۇچى كۈچلەرگە ئوخشاش ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇملارنى ئېلىپ بارماقتا.
ئامېرىكا ئافغانىستانغا داۋاملىق ياردەم بېرىدۇ
ۋەزىيەتنىڭ بۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جۇرج بۇش يېقىندا، ئامېرىكىنىڭ 2006- يىلى ئافغانىستاندىكى ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سانىنى 19000 دىن 16500 كىشىگە چۈشۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. گەرچە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئافغانىستاندىكى ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىپ، ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ يۇقىرىدىكى سۆزلىرى، ئامېرىكا ئافغانىستاندىن چىكىنىۋاتامدۇ دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنىڭ تارقىلىشىغا سەۋەب بولغان. ھەتتا بەزى ئافغان رەھبەرلىرىمۇ ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن ئەندىشىلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنستىرى كوندالىزا رايس 30- يانۋار كۈنى بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكىنىڭ 1989- يىلى سوۋىت قىسىملىرىنىڭ ئافغانىستاندىن چىكىنىپ چىقىشىدىن كېيىن، ئافغانىستانغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلمىگەنلكىدىن كېلىپ چىققان نەتىجىدىن قاتتىق دەرس ئالغانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇ قېتىم بۇنىڭ قايتىلانمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ، سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي قىسىملىرىنى ئافغانىستاندىن چېكىندۈرۈپ چىقىشى بىلەن بىرلىكتە، ئافغانىستان بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزۈپ، بۇ دۆلەتنى ئۆز ھالىغا قويۇپ بېرىشى نەتىجىسىدە، ئافغانىستاندا ئىچكى ئۇرۇش پارتلاپ، ئاخىرىدا ئافغانىستاندا تالىبانلارنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىشى بىلەن بۇ دۆلەت تېررورچىلىق پائالىيەتلىرى ۋە زەھەرلىك چىكىملىكلەر ئەتكەسچىلىكىنىڭ مەركىزىگە ئايلانغان.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇنىڭدىن دەرس ئالغان دۇنيا دۆلەتلىرى بۇ قېتىم ئافغانىستاننى دېموكراتىك بىر دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، بۇ دۆلەتتە مۇقىملىقنى قايتىدىن تىكلەش ئۈچۈن جىددىي تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. تالىبانلار ھاكىمىيىتىنىڭ گۇمران بولغانلىقىدىن تۆت يىلدىن كۆپرەك بىر ۋاقىت ئۆتكەندە، ئافغانىستاننى قايتىدىن قۇرۇش مەسىلىسىدە ئېچىلغان لوندوندىكى يېغىنغا 70 ئەتراپىدا دۆلەتنىڭ ۋەكىلى قاتناشقانلىقى، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئافغانىستانغا بولغان ئالاقىسىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىسپاتى ھېسابلىنىدىكەن. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئەنگىلىيىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق قىسىملىرى كۆپەيتىلىدۇ
- ئامېرىكا ئافغانىستاندىكى 3000 ئەسكىرىنى قىسقارتماقچى
- پارلامېنت سايلىمى – ئافغانىستاندىكى مۇھىم ۋەقە
- ئافغانىستاندىكى پارلامېنت سايلىمى ئاخىرىلاشتى
- ئافغانىستان پارلامېنت سايلىمىنىڭ بېلەت تاشلاش ئىشلىرى ئاخىرلاشتى
- ئافغانىستاندىكى پارلامېنت سايلىمىدىن بۇرۇنقى ۋەزىيەت
- ئافغانىستان بىلەن ھىندىستان تېررورچىلىققا قارشى ھەمكارلىق ئورناتتى