ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى ھەربىي ھەرىكىتى كۈتكەن نەتىجىنى بەردىمۇ؟


2006.10.24

ھەربىي مۇتەخەسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئافغانىستاندىكى تالىبانلار ھاكىمىيىتىنىڭ گۇمران بولۇشىدىن 5 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، قايتىدىن تەشكىللەنگەن تالىبان قالدۇقلىرى ئاللىقاچان ئافغانىستان تېررىتورىيىسىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنىڭ كونتروللۇقىنى قولىغا ئالغان بولۇپ، ئافغان ئارمىيىسىگە ۋە ئافغانىستاندىكى بىرلەشمە ئارمىيە قىسىملىرىغا قارشى 400 – 500 كىشىلىك مۇنتىزىم ئارمىيە قىسىملىرى شەكلىدە ھۇجۇملار ئېلىش بېرىشقا باشلىغان.

تالىبانلارنىڭ ھۇجۇملىرى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە

ئافغانىستاندىكى ئەنگىلىيە ھەربىي قىسىملىرىنىڭ يېقىندا ۋەزىپىسىدىن ئايرىلماقچى بولغان قوماندانى گېنېرال ئىد بەتلەر ئافغانىستاندىكى ۋەزىيەتنىڭ ئىراقتىكى ۋەزىيەتتىنمۇ يامان ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئافغانىستاندىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى قىسىملىرىنىڭ قوماندانلىرىنىڭ بېرى بولغان ئەنگلىيىلىك گېنېرال دىۋىد رىچاردس تالىبان قالدۇقلىرىنىڭ بولۇپمۇ پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋېز مۇشەررەپ پاكىستاندىكى تالىبانلارنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىغاندىن كېيىن، ھۇجۇملىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

توقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىنستېتوتىنىڭ دېركتورى ئاجاي ساھنىنىڭ يېقىندا ئاسىيا ۋاقتى گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە بىلدۈرۈشىچە، ئافغانىستاندىكى تالىبان قالدۇقلىرىنىڭ قايتىدىن تەشكىللىنىپ، ئافغان مىللىي ئارمىيىسى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ھەربىي قىسىملىرىغا تەھدىت سالالايدىغان بىر كۈچكە ئايلانغانلىقى، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستانغا قارشى ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ كۈتكەن نەتىجىنى بەرمىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكىتى 11‏- سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى پىلانلاپ، بۇ ھۇجۇملارنى ئېلىپ بارغان ئەلقائىدە تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىرىگە پاناھلىق بەرگەن تالىبانلار ھاكىمىيىتىنى جازالاش ھەمدە ئەلقائىدە تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاننى قايتىدىن پائالىيەت بازىسىغا ئايلاندۇرۇۋىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغان.

گەرچە ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ھەرىكىتى نەتىجىسىدە ئافغانىستاندىكى تالىبانلار ھاكىمىيىتى گۇمران بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئافغانىستاندا مەۋجۇت ۋەزىيەت ئامېرىكىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. تالىبانلار قايتىدىن تەشكىللىنىپلا قالماي كۈنسېرى كۈچەيمەكتە ھەمدە ئافغانىستاننىڭ تالىبانلار كونتروللۇقىدىكى رايونلاردا ئەلقائىدە تەشكىلاتى پائاليىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئاجاي ساھنى: تالىبانلار ھەرىكىتىنىڭ كۈچىيىشىگە پاكىستان سەۋەب بولغان

ئاجاي ساھنىنىڭ ئاسىيا ۋاقتى گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە تەكىتلىشىچە، ئافغانىستاندا تالىبانلار ھەرىكىتىنىڭ قايتىدىن كۈچىيىشىگە ئاساسەن ئامېرىكىنىڭ ئېلىپ بارغان خاتا سىياسىتى ھەمدە ئامېرىكا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتا ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى دەپ ئېلان قىلغان پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسەتلىك سىياسىتى سەۋەب بولغان.

ئافغانىستان پرېزىدېنتى ھامد كەرزەي ئۇزۇندىن بېرى ئافغانىستاندىكى تالىبان قالدۇقلىرىنىڭ كۈچىيىشىدە ئاساسلىق مەسىلىسىنىڭ پاكىستاندا ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلگەن بولۇپ، ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ۋە بىرلەشمە ئارمىيە قوماندانلىرىمۇ ئافغانىستان پرېزىدېنتىنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزلىرىنى قوللىماقتا. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر پاكىستان ھەربىي ئاخبارات ئىدارىسى ياردەم قىلمىسا، تالىبانلارنىڭ بۈگۈنكىدەك بىر كۈچكە ئېرىشىشى مۇمكىن ئەمەس. تالىبانلار بىلەن پاكىستان ھەربىي ئاخبارات ئىدارىسى ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇن يىللىق يېقىن مۇناسىۋەت مەۋجۇت بولۇپ، تالىبانلار ھەرىكىتى 1994 ‏- يىلى پاكىستان ھەربىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ياردىمى بىلەن ئافغانىستاندا ھەربىي ھەرىكەت باشلىغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تالىبان قىسىملىرىنىڭ ئافغانىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇملىرىدا پاكىستاننىڭ قولى بارلىقى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈنمەكتە. 4‏-سېنتەبىر كۈنىدىن 17‏- سېنتەبىر كۈنىگىچە ئافغانىستاننىڭ پەنجۋاي رايونىدا 1500 كىشىلىك مۇنتىزىم بىر تالىبان قىسىمى بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا قاتتىق توقۇنۇشلار يۈز بەردى. بۇ توقۇنۇشلاردا 1100 ئەتراپىدا تالىبان مىلىتانى ئۆلگەن ۋە 160 تالىبان پىدائىيسى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ھەربىي قىسىملىرىنىڭ قولىغا ئەسىر چۈشكەن. ئەسىر چۈشكەن تالىبان مىلىتانلىرىنىڭ سوراق خاتىرىلىرى پاكىستان ھەربىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ تالىبانلار ھەرىكىتىدىكى رولىنى ئوچۇق كۆرسەتمەكتە.

بەزى مۇتەخەسسىسىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتا ئۆزىنى ئامېرىكىنىڭ تەۋرەنمەس ئىتتىپاقدىشى، دەپ كۆرسىتىۋاتقان پاكىستاننىڭ پرېزىدېنتى پەرۋېز مۇشەررەپ، بۇ ئۇستىلىق بىلەن بىر تەرەپتىن ئامېرىكىنى قوللىغان بولۇپ ئامېرىكىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ، يەنە بىر تەرەپتىن تالىبانلارنىڭ قايتىدىن تەشكىللىنىشىگە ياردەم قىلىش ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ كۈتكەندەك نەتىجىگە ئېرىشەلمەسلىكىدە ئاساسلىق رول ئوينىغان. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.