خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئافغانىستان پارلامېنتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان كەچۈرۈم قانۇنى، تالىبانلار ئالدىمىزدىكى ئەتىيازدا كەڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇمغا ئۆتۈشنى پىلانلاۋاتقان بىر پەيتتە، تالىبانلار ئارىسىدا پىكىر جەھەتتىن ئىختىلاپ چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى ئاجىزلىتىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.
ئافغانىستاندا تالىبانلار كۆپەيمەكتە
ئافغانىستاندا قايتىدىن تەشكىللىنىپ، ئافغانىستاندىكى ئىتتىپاقداش ئارمىيە ۋە ئافغان مىللىي ئارمىيىسىگە قارشى ھۇجۇمغا ئۆتكەن تالىبانلارنىڭ، ئاستا-ئاستا ئافغانستاننىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدىكى ئۇرۇشخۇمار يەرلىك قوماندانلارنى ئۆز سېپىگە تارتىشقا باشلىغانلىقى، ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنى ھەمدە ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى ئىتتىپاقداش ئارمىيە خادىملىرىنى قايغۇلاندۇرماقتا.
ئۆتكەن يىلى ئەتىيازدا تالىبانلار ئافغانىستاندا كەڭ كۆلەملىك بىر خەلق قوزغىلىشى چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشقان، خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئۇلار بۇ قېتىم مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ئۆتكەن يىلغا قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى تەييارلىق كۆرمەكتە.
سىياسىي ۋە ھەربىي مۇلاھىزىچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆتكەن يىلى تالىبانلار ئافغانىستاندا تالىبانلار سېپىدە ئۇرۇشۇش ئۈچۈن 40 مىڭ كىشىنى جەلىپ قىلغان. بۇ يىل تالىبانلار سېپىدە ئۇرۇشۇشى خالايدىغان جەڭچىلەرنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپەيگەن بولۇپ، نەچچە مىڭ كىشى بۇ مەقسەت بىلەن ئاللىقاچان پاكىستاندىن ئافغانىستاننىڭ ھېلمەند ئۆلكىسىنىڭ گەرمسىئېر ناھىيىسىگە ئۆتكەن.
بۇنىڭدىن سىرت يەنە نەچچە مىڭ كىشى پاكىستاننىڭ باجاۋەر رايونىدىن ئافغانىستاننىڭ كۈنەر، نۇرىستان ۋە كابۇل شەھىرىنى قورشاش ئۈچۈن تەگاپ رايونىغا بېرىشقا تەييارلانماقتا.
تالىبانلار ئافغانىستاننىڭ پەكتىكا ، پەكتىيا، خوست ۋە غەزنى ئۆلكىلىرىدە ئاللىقاچان كۈچلۈك تەسىرىنى تۇرغۇزغان بولۇپ، خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تالىبانلار رەھبىرى موللا ئۆمەر بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە يېڭى قوماندانلارنى تەيىنلەپ، تالىبانلارنىڭ ھەربىي قۇرۇلمىسىغا بەزى ئۆزگىرىشلەر كىرگۈزىدىكەن.
تالىبانلارنىڭ 2006-يىلىدىكى ئاساسلىق نىشانى قەندەھار شەھىرىنىڭ كونتروللۇقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، كابۇلغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىش ئىدى. سىياسىي مۇلاھىزىچى سېد سەلىم شاھزادنىڭ ئاسىيا ۋاقتى گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە بىلدۈرۈشىچە، تالىبانلارنىڭ ھەربىي تەييارلىقلىرىدىن ئۇلارنىڭ بۇ يىل كابۇلغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن تەييارلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
كەچۈرۈم قانۇنى توقۇنۇشلارغا يو ئېچىشى مۇمكىن
تالىبانلارنىڭ كەڭ كۆلۈملىك بىر ھۇجۇم ئۈچۈن تەييارلىقى ئافغانىستان پارلامېنتى يەرلىك قوماندانلارنىڭ تالىبانلار سېپىگە قېتىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمدە تالىبانلار سېپىدە ئىختىلاپ پەيدا قىلىش مەقسىتىدە بىر كەچۈرۈم قانۇنى قوبۇل قىلىشقا زورلىغان.
سېد سەلىم شاھزادنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە ئافغانىستان پرېزىدېنتى ھامىد كەرزەينىڭ باياناتلىرىدىن ئۇنىڭ تالىبانلارنى ھاكىمىيەتكە شىرىك قىلىشنى خالىمايدىغانلىقى ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇرسىمۇ، ئەمما بۇ كەچۈرۈم قانۇن لايىھىسىنىڭ ئافغانىستان پارلامېنتىدا قوبۇل قىلىنغانلىقى سىياسىي جەھەتتىن مۇھىم بىر ۋەقە ھېسابلىنىدۇ. ئەمما نىمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇنداق بىر كەچۈرۈم قانۇنىنىڭ ئافغانىستان پارلامېنتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى، ئافغانسىتاندىكى ھاكىمىيەت بىلەن غەرب دۆلەتلىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئوتتۇرىسىدا بىر توقۇنۇشقا سەۋەب بولالايدۇ. چۈنكى تالىبانلارنىڭ رەھبىرى موللا ئۆمەر ۋە ئافغانىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ھىكمەتيار، ئافغانىستاندا قايتىدىن تەشكىللەنگەن تالىبانلار ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان ، ئامېرىكا ۋە ئافغانىستاندىكى ئىتتىپاقداش ئارمىيە قىسىملىرى ئۇلارنى تۇتۇش ئۈچۈن ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلەر. شۇنداقلا مەزكۇر قانۇن بىلەن قىلمشىلىرى كەچۈرۈم قىلىنغان نۇرغۇن يەرلىك قوماندانلار، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن دەپ ئەيىبلەنمەكتە. (قانات)