ئافغانىستاندىكى ۋەيا غەرب دۆلەتلىرىدىكى ھېچقانداق سىياسەتچى ياكى دىپلومات، تالىبان قالدۇقلىرىنىڭ ئافغانسىتاندىكى ئامېرىكا ۋە ئافغان ئارمىيە قىسىملىرىغا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى قىسىملىرىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىغا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان تالبانلارنىڭ رەھبىرى موللا ئۆمەر ۋە ئافغانىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ رەئىسى گۇلبۇددىن ھىكمەتيار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييار بولمىسا كېرەك، ئەمما ئافغانىستان پرېزىدېنتى ھامىد كەرزەي ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدىكى پرېزىدېنت سارىيىدا مۇخبىرلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، تالىبان رەھبەرلىرى بىلەن بىۋاستە سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.
كەزەي: تىنچلىق ئۈچۈن
كەرزەي مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇندىن بېرى تالىبان مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭمۇ بەزى تالىبان ۋەكىللىرى بىلەن بىۋاستە سۆھبەتلەشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ھالبۇكى پرېزىدېنت كەرزەي تېخى يېقىندىلا پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ پاكىستان- ئافغانىستان چېگرا رايونىدىكى تالىبانلار ھەرىكىتىنى قوللاۋاتقان قەبىلىلەر بىلەن كېلىشىم ئىمزالىغانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، پاكىستاننىڭ بۇ ھەرىكىتى تالىبانلارنىڭ ئافغانىستان- پاكىستان چېگرا رايونىدا ئەركىن پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.
تالىبانلارنى قوللاۋاتقان قەبىلىلەر بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى دەپ، پاكىستان ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلغان كەرزەينىڭ تالىبان مەسئۇللىرى بىلەن بىۋاستە سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئافغانىستاندا تىنچلىقىنى قايتىدىن تىكلەش ئۈچۈن موللا تالىبانلارنىڭ رەھبىرى موللا ئۆمەر بىلەن سۆھبەتكە تەييار ئىكەنلىكىنى جاكارلىشى، ھەم ئافغانىستاندىكى ھەم غەرب دۆلەتلىرىدىكى سىياسەتچىلەرنى ھەيران قالدۇردى.
پرېزىدېنت كەرزەينىڭ سىياسىي رەقىبلىرىنىڭ بېرى ھېسابلانغان، ئافغانىستان پارلامېنتىنىڭ رەئىسى يۇنىس قانۇنى كەرزەينىڭ تالىبانلار بىلەن بىۋاستە سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، " كەرزەينىڭ تالىبانلار بىلەن يوشۇرۇن سۆھبەتلەشكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشى، بىز ئۈچۈن كۈتۈلمىگەن بىر ۋەقە ئىدى. بىزگە ھازىرغىچە بۇنداق سۆھبەتلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن" دېگەن.
لېكىن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرى پرېزىدېنت كەرزەينىڭ تالىبانلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدىكەن.
غەرب دۆلەتلىرى كەرزەينىڭ تۇتقان يولىنى قوللايدۇ
سىياسىي ئانالىزچى فىلىپ سىموكەرنىڭ ئاسىيا ۋاقتى گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى تالىبانلارنىڭ ئافغانىستاننىڭ سىياسىي سەھنىسىگە كېلىشىنى ئۆزلىرىنىڭ ئافغانىستاندىكى سىياسىي ئىستراتېگىيىسىنىڭ مۇھىم بىر قىسىمى دەپ قارايدىغان. ئۇ نىڭ ئېيتىشىچە، تالىبانلار بولۇپمۇ ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىي ۋە شەرقىي جەنۇبىي رايونلىرىدا كۈنسېرى تەسىرى دائىرىسىنى كېڭەيتمەكتە. يېقىندا ئېلىپ بېرىلغان بىر راي سىناشتا، نوپۇسنىڭ ئاساسلىق قىسىمى پەشتۇنلاردىن تەشكىل تاپقان ئافغانىستانننىڭ جەنۇبىي ۋە شەرقىي جەنۇبىي رايونلىرىدىكى ئاھالىنىڭ 27 پىرسەنتى تالىبانلارنى قوللايدىغانلىقىنى ئوچۇق ئىپادىلىگەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تالىبانلارنىڭ كۈچىيىشىدە بولۇپمۇ كەرزەي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغىچە كابۇل سىرتىدا كونتروللۇقنى پۈتۈنلەي قولغا ئېلىپ خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلالمىغانلىقى ۋە ھۆكۈمەت ئىچىدە چىرىكلىكنىڭ يامراپ كەتكەنلىكى مۇھىم رول ئوينىغان. ئافغانسىتاننىڭ بولۇپمۇ جەنۇبىي ۋە شەرقىي جەنۇبىي رايونلىرىدىكى خەلق تالىبانلار دەۋرىدىكى ۋەھشىلىكلەر ۋە زوۋانلىقلارنى ئۇنتۇپ ئۇ دەۋىردىكى بىخەتەرلىكنى ۋە چىرىكلىككە قارشى ئېلىنغان قاتتىق تەدبىرلەرنى ئەسلەشكە باشلىغان.
ئافغانىستاندا تالىبانلارنىڭ كۈچىيىشى ۋە خەلق ئارىسىدا ئۇلارنى قوللايدىغانلارنىڭ سانى كۆپەيگەنسىرى، ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ھەربىي خادىملىرىنىڭ ھەربىي كۈچ ئارقىلىق تالىبانلارنىڭ ھەرىكىتىنى باستۇرۇش مەسىلىسىدە ئۈمىدسىزلىككە چۈشۈشىگە سەۋەب بولماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرى تالىبانلارنى ئافغانىستاننىڭ سىياسىي سەھنىسىگە قايتىدىن تارتىپ كېلىش ئۈچۈن پرېزىدېنت كەرزەينى تالىبانلار بىلەن سۆھبەتلىشىشكە ئۈندىمەكتە.
ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، ئافغانىستاندىكى سىياسەتچىلەرنىڭ پرېزىدېنت كەرزەينىڭ تالىبانلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىگە قارشى چىقىشىنىڭ باشقا سەۋەبلىرى بارئىكەن. سىياسىي مۇلاھىزىچى فىلىپ سومۇكەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئافغانىستاندىكى بولۇپمۇ تاجىك سىياسەتچىلەر ئۆزى پەشتۇن مىللىتىگە مەنسۇب بولغان پرېزىدېنت كەرزەينى، تالىبانلار بىلەن سۆھبەتكە ئولتۇرۇش ئارقىلىق، پەشتۇنلار ئارىسىدىكى تەسىرىنى كېڭەيتىپ، پەشتۇنلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشمەكچى دەپ ئەيىبلىمەكتە. (قانات)