ئافغانىستان پرېزىدېنتى كارزاي خىتاي بىلەن بىر قاتار كېلىشىملەر ئىمزالىدى


2006.06.19
karzay-hujintao.jpg
خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئافغانىستان پرېزىدېنتى ھامىد كارزاي 19 – ئىيۇل كۈنى بېيجىڭدا. AFP

ئافغانىستان پرېزىدېنتى ھامىد كارزاي بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ دۈشەنبە كۈنى خىتاي - ئافغانىستان ئىقتىسادى -سودا ۋە ھەربىي مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىدىغان بىر قاتار كېلىشىملەر ئىمزالاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ ساھەدىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ۋەدە قىلىشتى. پرېزىدېنت كارزاي خىتايدا ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيارىتىنىڭ تۇنجى كۈنى خۇ جىنتاۋ بىلەن خەلق سارىيىدا سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

خىتاينىڭ مەبلىغى ئافغانىستاننىڭ جەلپ قىلماقتا

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، شۇ كۈنى ئىككى دۆلەت 11 تۈرلۈك سودا ۋە ئىقتىسادى كېلىشىم ئىمزالىغان. لېكىن تەرەپلەر كېلىشىمنىڭ مەزمۇنى ۋە تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىمىدى. خەلق سارىيىدىكى سۆھبەت ئارىسىدا خۇ جىنتاۋ كارزايغا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى "جۇڭگو - ئافغانىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى يېڭى باسقۇچقا كىردى" دەپ تەرىپلىگەن.

كارزاينىڭ خىتاي زىيارىتىدىكى ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپى ئىقتىسادىي ئالاقە ۋە خىتاي مەبلىغىنى ئافغانىستانغا جەلپ قىلىش بولۇپ، ئۇ بېيجىڭدا خىتاي سودا سانائەت ساھەسىدىكى بىر گۇرۇپپا زاتلارنى ئافغانىستانغا مەبلەغ سېلىشقا چاقىرغان ۋە ئافغانىستان خىتاينىڭ ئىران ۋە تۈركمەنىستان بىلەن ئالاقە قىلىدىغان مۇھىم ئۆتكىلى، دەپ تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا مېلۋاكى ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى قىلىچ قاناتنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئافغانىستان خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى قامدايدىغان ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىيا نېفىت ئېنېرگىيىسىگە ئېرىشىش ئىستىگىگە يېتىشتىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى.

بۇ قېتىمقى سەپىرى پرېزىدېنت كارزاينىڭ خىتاينى 2 - قېتىم رەسمىي زىيارەت قىلىشى بولۇپ، ئۇ 2002 - يىلى 1 - ئايدا ئافغانىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى سۈپىتى بىلەن بىر قېتىم خىتاينى زىيارەت قىلغان.

خۇ جىنتاۋ خەلق سارىيىدا كارزايغا "سىزنىڭ زىيارىتىڭىز ئىككى دۆلەت بېسىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك ئۇزۇن مەنزىلنىڭ ئالاھىدە مۇھىم دەۋرىگە توغرا كەلدى" دەيدۇ. خىتاي بىلەن ئافغانىستاننىڭ يىللىق سودا ھەجىمى 400 مىليون دوللاردىن 500 دوللارغىچە ئارلىقتا بولۇپ، بۇنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خىتاي تەرەپنىڭ ئافغانىستانغا چىقارغان ئېكسپورت ماللىرىنى ئاساس قىلىدۇ. ئىككى تەرەپ ئىقتىسادى - سودا مۇناسىۋىتىنى كېڭەيتىش بىلەن بىرگە، ھەربىي ئالاقىسىنى كۈچەيتىشكە ۋەدە قىلىشتى.

ئافغانىستان: ئۆز ‏- ئارا ھەربىي مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە تەييار

شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، دۈشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ساۋ گۇئاڭچۈئەن ئافغانىستان دۈلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئابدۇل رەھىم ۋارداك بىلەن ئۇچراشقاندا " جۇڭگو ئافغانىستان بىلەن ھەربىي ئالاقىسىنى كۈچەيتىشكە قىزىقىدۇ ۋە ھەربىي مۇناسىۋەت دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتىرىشكە ئىزچىل تىرىشىدۇ " دەپ تەكىتلىگەن. ئابدۇل رەھىم ۋارداق ساۋ گۇئاڭچۈئەنگە ئافغانىستان خىتاي بىلەن "ئۆز ‏- ئارا ھەربىي مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە تەييار " دەيدۇ. ھامىد كارزاي شەنبە كۈنى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە چاقىرىلغان ئاسىيا بىخەتەرلىك يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن يەكشەنبە كۈنى بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى. كارزاينىڭ 4 كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى.

لېكىن كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، كارزاينىڭ رايوندا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتى سىمۋۇللۇق خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ، ئۇ كونكرېت بىر مەسىلىنى كۆرۈشۈشكە كەلمەسلىكى مۇمكىن.

بىخەتەرلىك مەسىلىسى خىتاينىڭ ئافغانىستان بىلەن ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولماقتا

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن ئافغانىستاننىڭ ئورتاق چېگرا لىنىيىسى تەخمىنەن 100 كىلومېتىرچە كېلىدۇ. خىتاي 2001 - يىلى 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئافغانىستان بىلەن چېگرالىنىدىغان تاشقورغان رايونىغا 2 دىۋىزىيە ئەسكىرى كۈچىنى يۆتكىگەن ۋە رايوندىكى يەرلىك خەلقلەرنى چېگرىدىن يىراق جايلارغا كۆچۈرۈپ، ئافغانىستان ھەربىي - تەلىم تەربىيە بازىسى قۇرغان شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ تاسادىپى ھۇجۇمىغا قارشى تەدبىر ئالغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. تالىبان ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندىكى تەسىر كۈچىنى ۋە شاڭخەي گۇرۇھىنىڭ رولىنى كۈچەيتىشكە باشلىدى. خۇ جىنتاۋ " دەۋر بۆلگۈچ " دەپ تەرىپلىگەن شاڭخەي گۇرۇھىنىڭ 15 - ئىيۇندىكى باشلىقلار يىغىنغا پرېزىدېنت كارزاي كۆزەتكۈچى دۆلەت رەھبىرى سۈپىتىدە ئىشتىراك قىلغان ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بىخەتەرلىك مەسىلىسى خىتاينىڭ ئافغانىستان بىلەن ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولماقتا. 2004 - يىلى 6 - ئايدا ئافغانىستان پايتەختى كابۇلنىڭ 200 كىلومېتىر شىمالىدا تاش يول ياساۋاتقان خىتاي ئىشچىلار ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ۋە 11 خىتاي ئىشچىسى ئۆلتۈرۈلگەن.

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، يۇقىرىدىكى ئەندىشىلەر سەۋەبىدىن خىتاي 2001 - يىلى ئامېرىكا ئافغانىستانغا ھۇجۇم قىلىشتىن بۇرۇن ئافغانىستاندا شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ ھەربىي بازا قۇرۇشىغا يول قويغان تالىبانلار بىلەن ئۈن - تۈنسىز مۇناسىۋەت قىئىلغان.

كارزاي 2002 - يىلى 1 - ئايدا خىتاينى زىيارەت قىلغاندا ئەينى دەۋردىكى خىتاي باش مىنىستىرى جۇ روڭجىغا شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ ئافغانىستاندا بازا قۇرۇش ياكى پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتاي دۆلەت رەئىسى جياڭ زېمىن شۇ قېتىمدا ئافغانىستانغا 150 مىليون دوللار ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

خىتاي مەتبۇئاتلىرى پرېزىدېنت كارزاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدە كىملەر بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ۋە نېمىلەرنى سۆزلىشىدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.