خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بالىلارنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولماقتا (1)
2005.07.25
گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئىلگىرىكىدىن بىر قەدەر جىددىي قاراۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلار بالىلار ئارىسىدىكى ئەيدىز مەسىلىسىگە دېگەندەك كۆڭۈل بۆلمىگەن.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بالىلار فوندى جەمئىيىتى ئەيدىز مەسىلىسى مۇتەخەسسىسلىرى " خىتاي ھۆكۈمىتى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بالىلار سانىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىگىنىمۇ ئېنىق بىلمەيدۇ، شۇڭا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇلار بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئېنىق سانلىق مەلۇمات بېرەلمىگەن" دەپ كۆرسەتمەكتە.
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋەرلەر تور بېتىدا بېرىلگەن مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2001 - يىلى ئەيدىز كېسىلىدىن كېلىپ چىققان ئەيدىز يىتىملىرى سانىنى 76 مىڭ دەپ ئېلان قىلغاندىن بۇيان، تا بۈگۈنگە قەدەر ھېچقانداق مۇناسىۋەتلىك مەلۇمات بەرمىگەن.
بىر قىسىم دوختۇر ۋە مۇتەخەسسىسلەر: " خىتايدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بالىلارنىڭ ئەھۋالى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پەرىزىدىنمۇ ئېغىر بولغان، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەيدىز بالىلارغا دېگەندەك كۆڭۈل بۆلمىگەن. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان كۆپ ساندىكى بالىلار تا ھازىرغىچە داۋالىنىش پۇرسىتىگىمۇ ئېرىشەلمىگەن" دەپ كۆرسەتمەكتە.
خىتايدىكى ئەيدىز كېسىلى تەسىرىگە ئۇچرىغان بالىلار سانى 2 مىليون بولۇشى مۇمكىن
خىتاينىڭ "كېيىنكى ئەۋلاتلارغا كۆيۈنۈش خىزمەت كومىتېتى تەرەققىيات مەركىزى" نىڭ مۇدىرى سۈن جىگاڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە: خىتايدىكى ئەيدىز كېسىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتقان بالىلارنىڭ سانى ھەقىقەتەن يىلدىن يىلغا كۆپەيمەكتە ئىكەن. ئۆ سۆزىدە: " گەرچە بۇ ھەقتە تېخى ئېنىق بىر سانلىق مەلۇمات بېرىلمىگەن بولسىمۇ، ئەيدىز كېسىلى تۈپەيلىدىن تۈرلۈك بېسىملارغا دۇچ كېلىۋاتقان ئەيدىز بالىلىرىنىڭ سانى 1 مىليونغا يەتكەن بولۇشى مۇمكىن" دەپ پەرەز قىلغان.
لېكىن خىتايدىكى ئەيدىز يېتىملىرىغا ياردەم بېرىش فوندىنى قۇرۇپ چىققان ئەيدىز پائالىيەتچىسى دۇ چۇڭ ئەيدىز كىسىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتقان بالىلار سانىنىڭ ئەمەلىيەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى پەرەز قىلغان ساندىنمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ :" خىتاي ھۆكۈمىتى بۇندىن ئىككى يىل ئىلگىرى "ئەيدىز بىمارلىرى 1 مىليونغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە 840 مىڭى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار بولۇپ، 160 مىڭى ئەيدىز كېسىلى تۈپەيلىدىن ئۆلگەن" دەپ ئېلان قىلغان. ئەگەر خەلقئارا ئۆلچەملىك ھېسابلاش ئۇسۇلى بويىچە ھېسابلىغاندا، ھازىر خىتايدىكى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ سانى 2 مىليونغا يەتكەن، شۇڭا ئەگەر 1:1 بويىچە ھېسابلىغاندىمۇ، ئەيدىز كېسىلى تەسىرىگە ئۇچراۋاتقان بالىلارنىڭ سانى 2 مىليونغا يەتكەن بولۇشى مۇمكىن" دەپ بىلدۈردى.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز كېسىلى تەسىرىگە ئۇچرىغان بالىلارنىڭ ئەھۋالى
بىز ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بالىلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىگە تېلېفون قىلدۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر نازارەتنىڭ ئەيدىز بۆلۈمى مەسئۇلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ئىنتايىن ئاز ساننى ئىگىلەيدىغانلىقىنى، ھەمدە كېسەلنىڭ ئاساسەن بالا تۇغۇلۇش ۋە ئانا سۈتى بىلەن ئوزۇقلىنىش جەريانىدا يۇقىدىغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.
بىز زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر بۆلۈم مەسئۇلىدىن " ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بالىلار ھەققىدە ئېنىق بىر ئىستاتىستىكىلىق سان بارمۇ؟" دەپ سورىغىنىمىزدا، مەزكۇر باشلىقى : " ئەلۋەتتە بار، لېكىن بىز سىزگە بۇ ساننى ئاشكارىلىساق بولمايدۇ. سىز ئالدى بىلەن بىزنىڭ نازارەت باشلىقىمىزنىڭ تەستىقىنى ئېلىڭ. ئۇ كېلەر ھەپتە قايتىپ كېلىدۇ. ئەگەر ئۇ ماقۇل دېسە، ئاندىن سىزگە دەپ بېرەلىشىمىز مۇمكىن. چۈنكى دۆلەت يۇقۇملۇق كىسەللىكلەر ھەققىدىكى بەلگىلىمىدە، كېسەل ئەھۋالىنىڭ مەلۇم بىر مەزگىل ئىچىدە چوقۇم مەخپىي بولۇشى كېرەكلىكى ئېنىق بېكىتىلگەن" دەپ، سانلىق مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.
مەزكۇر بۆلۈم مەسئۇلى سۆھبەت جەريانىدا يەنە: ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بالىلارنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكىدەك كۆپ بولماسلىقىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختىلىپ : " ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ ئەھۋالى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكىگە ئوخشىمايدۇ. مەسىلەن خېنەندە بولسا، ئۇ يەردىكى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ھەممىسى دېگىدەك قان سېتىش ۋە قان بېرىشتىن بولغان. ئۇيغۇر ئېلىدە بولسا ئاساسەن شەھەرلەرگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، كۆپ ساندىكىسى زەھەرلىك چېكىملىكنى ئىستىمال قىلغانلىقتىن كېلىپ چىققان" دەپ كۆرسەتتى.
لېكىن نيۇيوركتىكى ئەيدىز تەتقىقاتچىسى مۇھەممەت ئىمىن ئەپەندى : " ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بالىلار سانىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكىلەر بىلەن مۇتلەق سان بويىچە سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. چۈنكى نىسبەت بويىچە ھېسابلىغاندا، يەنىلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى سان يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ" دەپ بىلدۈردى.
ئەيدىز مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ھازىر خىتايدا ئەيدىز كىسىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتقان بالىلار روھى جەھەتتىن زور بېسىملارغا دۇچ كېلىپ، ئىنتايىن چۈشكۈن ھالەتتە ياشىماقتا ئىكەن. (مېھرىبان)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بالىلارنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولماقتا (2)
- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ۋەزىيىتى ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىگە سالماقتا
- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ۋەزىيىتى جىددىي تەدبىر قوللىنىشقا مۇھتاج
- ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ئاياللار تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشكە مۇھتاج
- ياپونىيىدە ئېچىلغان خەلقئارا ئەيدىز يىغىنى ئاياقلاشتى