خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بالىلارنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولماقتا (2)


2005.07.26

خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېرىلگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھازىر خىتايدا ئاپىسى ياكى دادىسىدىن ئايرىلغان 15 ياشتىن تۆۋەن ئەيدىز يېتىملىرى سانى تەخمىنەن 76 مىڭ بولۇپ، ئەيدىز كېسىلىگە ئۇچراۋاتقان بالىلار سانى كۈنسېرى كۆپىيىشكە باشلىغان.

يېقىندا خىتاينىڭ كېيىنكى ئەۋلاتلارغا كۆيۈنۈش خىزمەت كومىتېتى تەرەققىيات مەركىزىنىڭ مۇدىرى سۈن جىگاڭمۇ خىتايدىكى ئەيدىز كېسىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتقان بالىلار سانىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ھەمدە ئەيدىز كېسىلى تەسىرىگە دۇچ كېلىۋاتقان بۇ بالىلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىدا تۈرلۈك كەمسىتىش ۋە بېسىملارغا دۇچ كېلىپ، روھىي جەھەتتە ئىنتايىن چۈشكۈن ھالەتتە قالغانلىقىنى مەلۇم قىلغان.

ئەيدىز كېسىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتقان بالىلار دېگىنىمىز، نورمالدا ئاتا - ئانىسى ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن ئەيدىز يېتىملىرىدىن باشقا يەنە، ئائىلىسىدە ئاپىسى ياكى دادىسى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ياكى ئۆزى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قالغان بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

خىتايدىكى ئەيدىز يېتىملىرى ئەڭ كۆپ بولغان جاي خېنەن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ

90 - يىللاردىن بۇيان، خىتاينىڭ خېنەن ئۆلكىسىدىكى ئەيدىز كەنتىدە يۈز بەرگەن ئەھۋاللار يەنى نۇرغۇنلىغان دېھقانلارنىڭ نامراتلىق سەۋەبىدىن ئازغىنە پۇل ئۈچۈن قان سېتىش جەريانىدا ئەيدىز كېسىلىنى ئۆزىگە يۇقتۇرىۋالغانلىقى مەتبۇئاتلاردا ئاشكارىلانغاندا، پۈتۈن دۇنيانى زىل - زىلىغا كەلتۈرگەن.

بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، شۇ ئەيدىز بىمارلىرى ئۆلگەندىن كېيىن، يېتىم قالغان بالىلار سانى كۈنسېرى كۆپىيىپ،خىتايدىكى ئەيدىز كېسىلى تەسىرىگە دۇچ كېلىۋاتقان بالىلارنىڭ ئومۇمى سانى 2 مىليونغا يەتكەنلىكى پەرەز قىلىنماقتا.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز بىمارلىرى بۇندىن كېيىن ھەسسىلەپ كۆپىيىشى مۇمكىن

گەرچە ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى ئەيدىز بۆلۈمى مەسئۇلى ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز كېسىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتقان بالىلار سانىنى ناھايىتى ئاز دەپ بىلدۈرگەن بولسىمۇ، نيو-يوركتا تۇرۇشلۇق ئەيدىز مۇتەخەسسىسى مۇھەممەت ئىمىن ئەپەندى " مۇتلەق سان بويىچە ھىسابلىغاندا ئەلۋەتتە ئاز كۆرىنىدۇ، لېكىن نىسبەت بويىچە ھىسابلىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز كېسىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتقان بالىلار سانى يەنىلا كۆپ، ھەمدە بۇندىن كېيىن بۇ سان تېخىمۇ بەك كۆپىيىشى مۇمكىن " دەپ بىلدۈردى.

ئەيدىز كېسىلى تۈپەيلىدىن تۈرلۈك بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتقان بالىلار

ئەيدىز پائالىيەتچىلىرىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ھازىر جەمئىيەتتە ئەيدىز كېسىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىۋاتقان يەنى ئائىلىسىدە ئاپىسى ياكى دادىسى ئەيدىز بولۇپ قالغان، ياكى ئاتا - ئانىسىدىن ئايرىلىپ يېتىم قالغان، ۋەياكى ئۆزى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بالىلار ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ھەر خىل كەمسىتىش ۋە بېسىملارغا دۇچ كەلمەكتە.

مەسىلەن 2004 - يىلى يازلىق تەتىلدە بېيجىڭدىكى ئوقۇغۇچىلار لاگىرىغا قاتناشقان ئاتا -ئانىسىز قالغان ئەيدىز يېتىملىرى، گەرچە ئۆزلىرى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانمىغان بولسىمۇ، يەنىلا كەمسىتىشكە ئۇچراپ، ھەتتا بېيجىڭدىكى مېھمانخانىدا يېتىش ھوقوقىغىمۇ ئېرىشەلمىگەن. بۇ خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئەيدىز كېسىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بەزى بالىلار روھى جەھەتتىن ناھايىتى چۈشكۈن ھالەتتە بولۇپ، ھەر زامان ئۆزىنى باشقىلاردىن تۆۋەن كۆرىدىغان بولۇپ قالغان، يەنە بەزىلىرى بولسا، جەمئىيەتنىڭ ئۆزلىرىگە بولغان ناھەق مۇئامىلىسىنى كۆرگەندىن كېيىن، قەلبى نەپرەتكە توشۇپ، ھەر زامان باشقىلاردىن ئۆچ ئېلىشنىلا ئويلايدىغان بولۇپ قالغان. مەسىلەن، بەزى بىر ئەيدىز يېتىملىرى بىلەكلىرىگە " چىدا، ئۆچ ئال، ئۆلتۈر " دېگەندەك سۆزلەرنى ئويۇپ چېكىۋالىدىغان ئەھۋال داۋاملىق ئۇچرىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئەيدىز يېتىملىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشتە، ئەمەلىي چارە - تەدبىرلەرنى قوللىنىشى كېرەك

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئىلگىرىكىدىن بىر قەدەر جىددىي قاراۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلار بالىلار ئارىسىدىكى ئەيدىز مەسىلىسىگە دېگەندەك كۆڭۈل بۆلمىگەن.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بالىلار فوندى جەمئىيىتى ئەيدىز مەسىلىسى مۇتەخەسسىسلىرى : " خىتاي ھۆكۈمىتى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بالىلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ئەيدىز يېتىملىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشتە، ئەمەلىي چارە - تەدبىرلەرنى قوللىنىشى كېرەك، ئۇلارغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك، خىتاي ھۆكۈمىتى تا ھازىرغىچە تېخى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بالىلار سانىنىڭ زادى قانچىلىك ئىكەنلىكىنىمۇ ئېنىق بىلمەيدۇ" دەپ ئەيىبلىمەكتە.

ئەيدىز ئەۋلاتلىرى دۇچ كېلىۋاتقان يەنە بىر چوڭ مەسىلە

يېقىندا رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان "خەلقئارا بىخەتەر قان ئېلىش تەشكىلاتى" نىڭ رەئىسى جېف ئەپەندى مەزكۇر تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ يېقىندا خىتايدىكى ئەيدىز ئاپىتى ئەڭ ئېغىر بولغان خېنەن ئۆلكىسىگە بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقىنى ھەمدە بۇندىن كېيىن خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىگىمۇ بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ بۇندىن كېيىن، خىتاينىڭ خېنەن ئۆلكىسىدىن باشقا جايلىرىغىمۇ بېرىپ، قان پونكىتىدا ئىشلىگۈچىلەرنى تەربىيىلەش ۋە يېتىلدۈرۈش خىزمىتى ئېلىپ بارماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى:

"بىز ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ بۇ ئۆلكىدىكى پۈتۈن دوختۇرخانىلارنى بىر بىردىن زىيارەت قىلىپ چىقتۇق، بىز يەنە، كۆپلىگەن قان ئېلىش پونكىتلىرىغا بېرىپ ئەمەلىي ئەھۋاللارنى ئىگىلىدۇق. خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى ھازىر بىزنىڭ ھەرقايسى جايلارغا بېرىپ تەكشۇرۇش ئېلىپ بېرىشىمىزغا ماقۇل بولدى، بىز ھازىر قان ئېلىش ۋە قان بېرىشتە ئوبدان كونترول قىلىش شۇنداقلا قاننىڭ سۈپىتىنىڭ ياخشى بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەققىدە سېستىمىلىق تەربىيىلەش ۋە يېتىلدۈرۈش خىزمىتى ئېلىپ بارماقچى"

داڭلىق ئەيدىز پائالىيەتچىسى خۇجيانىڭ بىلدۈرىشىچە، ھازىر خىتايدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بالىلار دۇچ كېلىۋاتقان يەنە بىر چوڭ مەسىلە، ئۇلار ئۈچۈن مەخسۇس ياسالغان دورىنىڭ كەم بولۇۋاتقانلىقى ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتاربولغان بالىلارنى داۋالايدىغان مەخسۇس دوختۇرمۇ يوق دىيەرلىك ئىكەن. شۇڭا مەيلى داۋالاش جەھەتتە بولسۇن، ياكى دورا ئىچىش جەھەتتە بولسۇن، ھېچقانداق ئۈنۈملۈك نەتىجىلەر كۆرۈلمىگەن. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.