ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەمكارلىشىش پىلانى تۈزدى
2005.09.01
دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكىدىكى مەرۈلەند ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىنسانلاردىكى كېسەل ۋىرۇسى تەتقىقات ئىنستىتۇتى بىلەن خىتاينىڭ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى بىرلىكتە 3 يىللىق پىلان تۈزۈپ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۆزئارا ھەمكارلاشماقچى بولدى.
ئامېرىكا خىتايغا ياردەم قىلىپ، ئۈنۈملۈك ئەيدىز دورىسى تەتقىق قىلىپ چىقماقچى
"بالتىمور قۇياش گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئەيدىز ۋىرۇسىنى بايقىغۇچى، مەرۈلەند ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىنسانلاردىكى كېسەل ۋىرۇسى تەتقىقات ئىنستىتۇتى باشلىقى روبېرت گەلو ئەپەندى، ئىنسانلاردىكى كېسەل ۋىرۇسىنى تەتقىق قىلىش خىزمىتىنىڭ ئۆزى خىتايدىكى ئەيدىز كېسىلىنى كونترول قىلىشقا زور تۆھپە قوشالايدىغانلىقىنى مەلۇم قىلغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ بۇ قېتىم ئەيدىز مەسىلىسى ھەققىدە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشتىكى مەقسىتى، خىتايچە داۋالاش بىلەن غەربچە داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاشتىكى ئۈنۈملۈك دورىنى تەتقىق قىلىپ چىقىش ئىكەن. بۇ خىل تەتقىقات خىتاينىڭ ئەيدىز ھەققىدە تۈزۈپ چىقىۋاتقان ئىستراتېگىيىلىرىگە، خىتاي دوختۇرلىرىنىڭ ئەيدىز بىمارلىرىغا توغرا دىئاگنوز قويۇشى ۋە ئەيدىز كېسىلىنى كونترول قىلىشىغا ناھايىتى چوڭ ياردەمچى بولىدىكەن.
مەرۈلەند ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىنسانلاردىكى كېسەل ۋىرۇسى تەتقىقات ئىنستىتۇتى ئىشخانا مۇدىرى دەيۋىد ئەپەندىمۇ "بۇ قېتىم ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشتىكى ئاساسى ۋەزىپىسى خىتايدىكى ئەيدىز بىمارلىرىغا ئەڭ مۇۋاپىق ۋە ئۈنۈملۈك دورىنى تەتقىق قىلىپ چىقىش" دەپ تەكىتلەپ، ھازىر ئامېرىكىدا، ئەيدىز بىمارلىرىنى داۋالاشتا، نورمالدا 20 نەچچە خىل دورىنىڭ ئارىسىدىن 3 خىلنى تاللاپ بىرلىكتە ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى، لېكىن خىتايدا بولسا ئەيدىز دورىلىرى ناھايىتى كەم بولۇپ، پەقەت 6 خىل دورىنىڭ ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلدى.
بۇ قېتىمقى 3 يىللىق ھەمكارلىشىشقا، 7 مىليون ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىنىدىكەن
خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى خىتايدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 840 مىڭ دەپ ئېلان قىلغان. لېكىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پەرىزى بويىچە ئېيتقاندا، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئەيدىز مەسىلىسى ھەققىدە جىددىي چارە -تەدبىرلەرنى قوللانمايدىكەن، 5 يىلغا قالماي، خىتايدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى ھازىرقىدىن 10 ھەسسە كۆپىيىپ، 10 مىليونغا يېتىپ بارىدىكەن. خىتايدا، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 80 - يىللارنىڭ بېشىدىلا بايقالغان بولۇپ، 90 - يىللارغا بارغاندا، كېسەل كەڭ كۆلەمدە تارقىلىشقا باشلىغان. لېكىن تەتقىقاتچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەيدىز مەسىلىسىدە ئىزچىل ھالدا ئىنكار قىلىش ۋە ئۆزىنى قاچۇرۇش پوزىتسىيىسىدە بولۇپ، پەقەت يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، ئاز تولا چارە - تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغان ۋە ئازدۇر- كۆپتۇر مەبلەغ سالىدىغان بولغان.
مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي بىرلىكتە تۈزۈپ چىققان بۇ 3 يىللىق پىلاننى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، ئىككى تەرەپ ئاز دېگەندە 7 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىشى كېرەك ئىكەن. بۇ پۇل ئاساسەن ئامېرىكا ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېرىلىدىغان بولۇپ، يەتمىگەن قىسمىنى باشقا يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىنىدىكەن.
ئەڭ مۇھىم مەسىلە - ئالدىنى ئېلىش مەسىلىسى
نيۇ يوركتىكى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مېدىتسىنا تەتقىقاتچىسى دوكتور مۇھەممەت ئىمىن ئەپەندى ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ بۇ 3 يىللىق ئەيدىز پىلانى ھەققىدە توختىلىپ، " خىتايدىكى شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا، مۇھىم نۇقتا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاندىن قالسا داۋالاش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش" دەپ تەكىتلەپ ئۆز ئوي - پىكىرلىرىنى مۇنداق بايان قىلدى:
"ئامېرىكا بىلەن جوڭگو ئوتتۇرىسىدىكى بۇ پىلان ياخشى بىر باشلىنىش مېنىڭ قارىشىمچە. لېكىن 7 مىللىئون ھېچقانچە پۇل ئەمەس. ئامېرىكا 80 – يىللارنىڭ باشلىرىدا ئەيدىز كېسىلى بايقا لغاندىن باشلاپ نەچچە مىليارت پۇللارنى خەجلەپ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ئىشلىرىغا ئىشلىتىۋاتىدۇ. ئامېرىكا بىلەن جوڭگو ئوتتۇرىسىدىكى بۇ پىلان ياخشى بىر باشلىنىش بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز كېسىلىنى كونترول قىلىشقا مەلۇم رول ئوينىشى مۇمكىن، چوڭ ئۈمىدلەرنى ئېلىپ كېلىشى ناتايىن. چۈنكى جونڭودا ئادەم جىق، ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىنى خېلىلا ئېغىر، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بىر ئىجتىمائىي ۋە جەمئىيەت مەسىلىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەڭ ياخشىسى پۈتۈن جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك ھەرىكەتكە كېلىشى كېرەك. ئازراق پۇل سەرىپ قىلىش ياكى تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىش بىلەنلا ئۈنۈملۈك ھەل بولۇشى ناتايىن. مېنىڭ قارىشىمچە، بۇ ئىككى تەرەپمىلىك مەسىلە، ئۇنىڭ مۇھىمى ئالدىنى ئېلىش، مەغلۇپ بولغاندا ئاندىن داۋالاش".
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مۇھەممەت ئىمىن ئەپەندى "ھازىر مەيلى ئامېرىكىدا بولسۇن ياكى ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدا بولسۇن، ئەيدىزنى داۋالاش دېگەنلىك، پەقەت بىمارنىڭ ئۆمرىنى بىر نەچچە يىل ئۇزارتىش بولۇپ، كېسەلنى پۈتۈنلەي ساقايتىش دېگەنلىك ئەمەس، شۇڭا ئەڭ مۇھىمى يەنىلا كېسەلنى كونترول قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسىلىسى" دەپ كۆرسەتتى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:
"ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك، ۋىرۇس ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن ھۈجەيرە ئىچىدە ياشىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى پۈتۈنلەي نېگىزىدىن ساقايتىپ داۋالاش قىيىن. ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقارغان كېسەللەرگە نىسبەتەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقانى ئاساسەن ۋىرۇسنىڭ كۆپىيىشىنى كونترول قىلىپ كېسەل ئالامەتلىرىنى يوقىتىشنى ئاساس قىلىۋاتىدۇ. ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاشمۇ ئاساسەن شۇ باسقۇچتا. ئەيدىز كېسىلىنى پەيدا قىلغۇچى ۋىرۇس HIV ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن ھەر خىل دورىلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۇنىڭ كۆپىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ھەرگىز ئۇنى يوقىتىۋېتىش ئەمەس. مۇنداقچە ئېيتقاندا يوق قىلىۋېتەلمەيدۇ. HIV ۋىرۇسى تەرەققى قىلىپ ئەيدىز كېسىلىگە ئايلىنىپ ئادەمنىڭ جىنىنى ئالىدۇ. بۇ يەردىكى داۋالاش پەقەت ۋاقىتنى ئۇزارتالايدۇ، شۇڭا مەيلى ئامېرىكا ياكى ياۋروپادا بولسۇن، داۋالاشنىڭ ئۆزى پەقەت بىمارنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىش رولىنىلا ئوينايدۇ. كېسەلنى ساقايتىشقا ھازىرغا قەدەر تېخى ئۈنۈملۈك ئۇسسۇل يوق. شۇڭا بىزگە نىسبەتەن بىردىن – بىر ئامال كونترول قىلىش، شۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش. (مېھرىبان)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز يېتىملىرىنىڭ سانى ھەسسىلەپ كۆپەيمەكتە
- زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇشتا پاش قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش يولغا قويۇلماقچى
- خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بالىلارنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولماقتا (2)
- خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بالىلارنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولماقتا (1)
- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ۋەزىيىتى ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىگە سالماقتا