خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى ئەيدىز مەسىلىسى ھەققىدە يېڭى مەلۇمات بەردى


2005.10.26

بۇندىن ئىلگىرى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خىتايدىكى ئەيدىز مەسىلىسى ھەققىدە كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ " ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشىغا جىددىي كۆڭۈل بۆلمىسە، 2010 - يىلىغا بارغاندا، خىتايدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى 10 مىليونغا يېتىشى مۇمكىن" دەپ كۆرسەتكەن.

خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى، ئەيدىز كېسىلى مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى دەي زىچىن 24 - ئۆكتەبىر كۈنى بەرگەن باياناتىدا "ئەگەر بىز ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، يېتەرلىك مەبلەغ سېلىپ، ئۈنۈملۈك چارە - تەدبىرلەرنى قوللانساق، 2010 - يىلىغىچە بارغاندا، خىتايدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانىنى 1 مىليون 500 مىڭ ئەتراپىدا كونترول قىلالىشىمىز مۇمكىن " دەپ بىلدۈرگەن.

ھۆكۈمەت ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانىنى بىلمەيدۇ

بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق داڭلىق ئەيدىز پائالىيەتچى ۋەن يەنخەي خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى دەي زىچىننىڭ دېگەنلىرىنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ، "مەن دەي زىچىننىڭ بۇ ساننى ھېسابلاشتا نېمىگە ئاساسلانغانلىقىنى پەقەت بىلەلمىدىم. ئۇنىڭ 'ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، پۇل ۋە توغرا سىياسەت بولسىلا، ئۇنىڭ ئالدىنى ئالالايمىز، ھەمدە يۇقۇملانغۇچىلار سانىنى 1 مىليون 500 مىڭ ئەتىراپىدا كونترول قىلىمىز' دېيىشى، مەنچە مەسىلىنى بەكلا ئاددىي چاغلىغانلىق" دېگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە، خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى ھازىرغىچە خىتايدا زادى قانچىلىك ئادەمنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ئېنىق بىلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇنداق بولۇشتىكى ئاساسىي سەۋەبلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

"بىرىنچى سەۋەب، خىتايدا ھازىر ئەيدىز كېسىلىنى تەكشۈرىتىدىغانلار ناھايىتى ئاز ساننى ئىگىلەيدۇ. ئىككىنچى سەۋەب، ھازىر خىتايدا ئۆزلىگىدىن سەھىيە مىنىستىرلىقىغا بېرىپ تەكشۈرۈتىدىغانلار سانى تېخىمۇ ئاز. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى تا ھازىرغا قەدەر 90 - يىللاردىكى قان بېرىلگەنلەر ئارىسىدا، ئۈنۈملۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارمىدى ھەتتا يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى قان بېرىلگەنلەر ئارىسىدىمۇ ھېچقانداق ئۈنۈملۈك تەكشۈرۈشلەر ئېلىپ بارمىغان. بۇنى ئاز دەپ، 90 - يىللاردا بالا تۇغقان ئاياللار ئارىسىدا، دوختۇرخانىدا قان سېلىنغان ئاياللارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ بولۇپ، كېيىن ئۇلارنىڭ بالىلىرىنىڭمۇ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئاشكارىلانغان. بۇخىل ئەھۋال خىتاينىڭ ھەممىلا جايلىرىدا ناھايىتى ئومۇملىشىپ كەتكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە خىتايدا زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر، قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق ئەيدىز كېسىلىنى تارقىتىدىغانلارمۇ ناھايىتى كۆپ، لېكىن يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەنلەرنىڭ زادى قانچىلىك ساننى ئىگىلەيدىغانلىقى تا ھازىرغىچى ئېنىق ئەمەس. "

ئەمەلىي سان ستاتىستىكىدىن كۆپ يۇقىرى

خىتاي ھۆكۈمەت دائىرلىرى خىتايدا 840 مىڭ كىشىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ئېتراپ قىلغان. لېكىن سەھىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ پەرز قىلىشىچە، ئەمەلىي سان ئاللىقاچان 840 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. چۈنكى بىر خېنەن ئۆلكىسىنىڭ ئۆزىدىلا قان سېتىش سەۋىبىدىن ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئۆزىگە يۇقتىرىۋالغۇچىلار سانى بىر مىليوندىن ئاشقان. بۇ ھەقتە ئەيدىز پائالىيەتچىسى ۋەن يەنخەي ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېرىلگەن بۇ سانغا بۇلغان گۇمانىنى بىلدۈرۈپ "خىتايدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى 2003 - يىلىدىلا 840 مىڭ ئىدى. ئىككى يىل ئۆتۈپمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنىلا 840 مىڭ دېگىنى پەقەتلا كاللامدىن ئۆتمەيدۇ" دېدى.

خىتايدىكى ئەيدىز مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم سەھىيە مۇتەخەسسىسلىرى "گەرچە ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئەيدىز مەسىلىسىگە ئىلگىرىكىدەك پاسسىپ پوزىتسىيىدە بولماي، ئەيدىز كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىر قىسىم مەبلەغ سېلىپ، تەربىيىۋى خىزمەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرى يەنىلا ناھايىتى كۆپ. خىتاي ھۆكۈمىتى بولۇپمۇ ئەيدىز بىمارلىرىنى كەمسىتىش ۋە ئەيدىز پائالىيەتچىلىرىن خالىغانچە باستۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قاتتىق تەدبىر قوللىنىشى كېرەك" دەپ بىلدۈردى. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.