0:00 / 0:00
ئۇيغۇر ئېلىدىكى سەھىيە نازارىتى تەرىپىدىن بېرىلگەن سانلىق مەلۇماتتا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارسانىنىڭ 60 مىڭغا يەتكەنلىكى تەكىتلىنىپ، ئۈرۈمچىنىڭ ئۆزىدىلا 30 مىڭ كىشىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى مەلۇم قىلىنغان .
ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز مەسىلىسىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان نيو-يوركتىكى تىببىي تەتقىقاتچى مۇھەممەت ئىمىن ئەپەندى خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا بېرىلىۋاتقان ئەيدىز ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ بىر- بىرى بىلەن پەرقلىنىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار مۆلچەر سانىنىڭ ھۆكۈمەت ئېيتقاندەك 60 مىڭ ئەمەس بەلكى 100 مىڭغا يەتكەنلىكىنى ھەمدە بېرىلىۋاتقان مەلۇماتلاردا قالايمىقانچىلىق بارلىقىنى بىلدۈردى.