ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ كۆپ قىسمىنى ياشلار ئىگىلىمەكتە
2005.11.10
خىتاي ئاگېنتلىقىنىڭ 4 - نويابىر كۈنى ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە : بۇ يىل 6 - ئايدىن 9 - ئايغىچە بولغان قىسقىغىنە 3 ئاي ئىچىدە، مەزكۇر رايوندىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار سانىغا يەنە 400 ئى قوشۇلغان ھەمدە بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ياشلار ئىگىلىگەن.
خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر "ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئۈنۈملۈك چارە تەدبىرلەرنى قوللانمايدىكەن، 2010 - يىلىغا بارغاندا، خىتايدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 10 مىليونغا كۆپىيىشى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى ئاز دېگەندە 1 مىليونغا يېتىشى مۇمكىن" دەپ كۆرسەتمەكتە.
ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى - پاھەشۋازلىق
مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن، زەھەرلىك چېكىملىك ۋە پاھىشە ئىشلىرى خىتاينىڭ يۈننەن، خېنەن، گۇئاڭشى ۋە ئۇيغۇر ئېلى قاتارلىق ھەممىلا جايدا ئەۋج ئېلىپ كەتكەن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋقىتتا ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش سۈرئىتىمۇ بارغانسېرى تىزلىگەن. بولۇپمۇ نامرات يېزا رايونلىرىدىن شەھەرلەرگە كېلىپ پاھىشۋازلىق قىلىدىغان خىتاي دېھقان قىزلىرىنىڭ كۆپىيىشى ئەيدىز كېسىلىنىڭ تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
"غەربنى ئېچىش" ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەھۋالنى ئېغىرلاشتۇرماقتا
بىر قىسىم ئانالىزچىلار "خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان غەربنى ئېچىش ھەرىكىتى، ئۇيغۇر مىللىتىگە ھەر جەھەتتىن زور تەھدىت ۋە يوقۇتۇشلارنى ئېلىپ كەلمەكتە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ 10 يىل ئىچىدە بۇنداق تېز سۈرئەتتە كۆپىيىشى، غەربنى ئېچىش ھەرىكىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. چۈنكى بۇ جەرياندا، مىليونلىغان خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە ئېقىپ كېلىشى بىلەن،زەھەرلىك چېكىملىك سودىلىرى تېخىمۇ يوشۇرۇن ھالدا ئېلىپ بېرىلغان ھەمدە سانسىز خىتاي قىزلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە تۈرلۈك ناملار بىلەن يەر ئاستى پاھىشە خانىلارنى ئاچقان " دەپ كۆرسەتمەكتە.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز مەسىلىسى ھەققىدە كۆپ ماقالە ئېلان قىلغان نيو-يوركتىكى تىببىي تەتقىقاتچى مۇھەممەت ئىمىن ئەپەندى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىۋاتقانلار سانىنىڭ كۈندىن - كۈنگە كۆپۈيىشىدىكى ئاساسىي سەۋەبلەر ھەققىدە توختىلىپ، مەزكۇر رايوندىكى ئەيدىز مەسىلىسىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ۋە پاھىشە ئىشلىرى بىلەن ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ھەمدە بۇ ھەقتە ھۆكۈمەت قوللىنىۋاتقان چارا - تەدبىرلەرنىڭ ھېچقانداق ئەمەلىي ئۈنۈمى بولمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىزلەر سانى ھەسسىلەپ ئاشماقتا
تەڭرىتاغ تور بېتىنىڭ 13 - ئۆكتەبىر كۈنى بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار سانى ئىلگىرىكىدىن يەنىمۇ كۆپەيگەن بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۆزىدىلا مەزكۇر كېسەل ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى 4386 گە يەتكەن يەنى بۇلتۇرقىدىن 800 دىن ئارتۇق كۆپەيگەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ بۇنداق تېز سۈرئەتتە تارقىلىشىنىڭ سەۋەبىنى زەھەرلىك چېكىملىكنى ئوكۇل قىلىشتا ئوكۇل يىڭنىسىنى ئورتاق ئىشلەتكەنلىكتىن دەپ كۆرسەتكەن.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى سەھىيە ئورۇنلىرىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، بۇلتۇر ئۈرۈمچىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ئارىسىدا، ئوخشاش ئوكۇل يىڭنىسىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق مەزكۇر كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلار، ئومۇمى ساننىڭ 92% نى ئىگىلىگەن شۇنداقلا يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئاياللارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى بارغانسېرى ئۆرلىگەن ھەتتا ئانىدىن بالىغا يۇقۇش ئەھۋالىمۇ ئىلگىرىكىدىن ئېغىرلاشقان.
ئامالنىڭ يوقىدا قوللىنىۋاتقان ئامال
يېقىندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر سەھىيە ئەمەلدارى، ھازىر يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ئۈرۈمچىدە " ئىشلىتىلگەن كونا ئوكۇل يىڭنىسىنى ھەقسىز يېڭىغا ئالماشتۇرۇش" مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنى قۇرغانلىقىنى ھەمدە بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر ئارىسىدا ئورتاق يىڭنە ئىشلىتىشنى توسۇپ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ تىز سۈرئەتتە يامرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مۇمكىنچىلىك يارىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
لېكىن نيۇيورۇكتىكى تىببىي تەتقىقاتچى مۇھەممەت ئىمىن ئەپەندى " يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ "شلىتىلگەن كونا ئوكۇل يىڭنىسىنى ھەقسىز يېڭىغا ئالماشتۇرۇش" مۇلازىمەت ئورنىنى قۇرۇش ئارقىلىق، ياشلار ئارىسىدىكى ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشىنى كونترول قىلىمىز دېگىنى ئامالنىڭ يوقىدا قوللىنىۋاتقان ئامالى" دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.(مېھرىبان)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى زادى قانچە ؟
- خىتايدا ئەيدىز كېسىلى ھەققىدە يېپىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى
- خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى ئەيدىز مەسىلىسى ھەققىدە يېڭى مەلۇمات بەردى
- ئۈرۈمچىدە ئەيدىز كېسىلى تىز سۈرئەتتە تارقالماقتا
- بىمارلار تەركىبىدە قان بولغان دورىلارنى ئىشلىتىپ ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇۋالدى
- ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەمكارلىشىش پىلانى تۈزدى
- خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز يېتىملىرىنىڭ سانى ھەسسىلەپ كۆپەيمەكتە