
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2003 - يىلى بارلىق ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرىنى كېرەكلىك بولغان دورىلار بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن. ئەمما خىتاي بۇ ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن ئاستا ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. بۇ يىل 6 - ئايغىچە، خىتاينىڭ 28 ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونلىرىدا پەقەت 20 مىڭ كىشى ئەيدىزنىڭ دورىلىرىغا ئېرىشكەن.
خىتايدا ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى كەڭ
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدىكى 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق شەھەردە ئەيدىز بىمارلىرى بايقالغان. بۇنىڭ ئىچىدە يۈننەن، خېنەندىكى ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر، چىڭخەي ۋە تىبەتتە ئەيدىزنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ئەڭ يېنىك ھېسابلىنىدۇ. خېبېينىڭ شىڭتەي شەھىرىدە يېقىندا 90 - يىللاردا قانۇنسىز قان ئېلىش پائالىيەتلىرىدىن نۇرغۇن كىشىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. شىڭتەي شەھەرلىك مەركىزىي قان پونكىتىدىكى خىزمەتچى خادىم لى ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغىچە بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكىنى ئەيىبلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
"شىڭتەي شەھىرىدىكى قان بۇلغىنىش ۋەقەسى ھازىرغىچە قان پونكىتلىرىدا بايقالغان، ئەڭ كۆپ ئادەم قاندىن ئەيدىزنى يۇقۇملاندۇرغان ۋەقەمىكىن دەيمەن. قان سېلىشتىن ئەيدىز ۋىرۇسنىڭ يۇقۇش نىسپىتىمۇ يۇقىرى. شىڭتەيدىكى قان ساقلاش پونكىتلىرىدىكى قاننى ئىشلىتىشكە قەتئىي بولمايدۇ. ئۆلچەمگە توشمايدىغان قاندىن 10 مىڭ پارچىدىن ئارتۇقى بايقالدى. بولۇپمۇ 95-، 96 - يىللىرى ئەيدىز كۆپ تارقالغان شەنشى يۈنچىڭدىن سېتىۋېلىنغان قانلار بۇلغانغان چىقتى. ھازىرقى ئەھۋالغا قارىغاندا، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى قەستەن بۇ ئەھۋاللارنى يوشۇرغان".
ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى يېتەرلىك ئەمەس
ب د ت نىڭ دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، خىتايدا زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش ۋە قالايمىقان جىنىسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش، ئەيدىز ۋىرۇسى تارقىلىشىنىڭ ئاساسلىق يوللىرى ھېسابلىنىدۇ.
ئۇيغۇر ئېلى خىتاي بويىچە ئەيدىز ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى ئەڭ تېز رايون ھېسابلىنىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى تېخى بۇ ئاينىڭ باشلىرى ئېلان قىلغان مەلۇماتلىرىدا، بۇ يىل 6 - ئايدىن 9 - ئايغىچە بولغان ئۈچ ئاي ئىچىدىلا مەلۇم بولغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 400 دەك ئاشقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ياشلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز مەسىلىسى ھەققىدە كۆپ ماقالە ئېلان قىلغان نيو-يوركتىكى تىببى تەتقىقاتچى مۇھەممەت ئىمىن ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەيدىزنىڭ تارقىلىش يوللىرىنى توسۇشتا قوللىنىۋاتقان تەدبىرلىرىنىڭ ئۈنۈم بەرمەيۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ستاتىستىكىلىرىغا قارىغاندا، خىتايدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى 0.1% بولۇپ، تەخمىنەن 840 مىڭ ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ سانى 80 مىڭدىن ئاشىدۇ.
ئەيدىز پائالىيەتچىلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى
بېيجىڭدا ئەيدىز بىمارلىرىنى قۇتقۇزۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان يازغۇچى سۈي زىن ئەپەندىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئەيدىز بىمارلىرىغا قارىتىلغان كەمسىتىشنى يوقىتىش جەھەتتە تەشۋىقاتنى كۈچەيتىشكە چاقىرىۋاتقان پائالىيەتچىلەرنىڭ بىرى. ئۇمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيدىز بىمارلىرىغا ھەقسىز دورا تارقىتىش قاتارلىق ۋاستىلەرنى قوللىنىپ، ئەيدىزنىڭ تېز يامرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى:
"بىمارلارنى ھەقسىز دورا بىلەن تەمىنلەش كېرەك. بولۇپمۇ، قان سېتىش ۋە ھەر خىل داۋالاش ھادىسىلىرى جەريانىدا ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرىۋالغان كىشىلەرنى ھەقسىز داۋالاش كېرەك. زەھەرلىك چەككۈچىلەر توپى ئارىسىدىمۇ، دورا تارقىتىش ۋە ھەقسىز داۋالاشنى يولغا قويۇش كېرەك. خەلق تەشكىلاتلىرىنى بۇ ئىشقا ئارىلاشتۇرۇش كېرەك. ئاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر ۋە جىنىسىي مۇلازىمەت بىلەن شوغۇللىنىدىغانلارغا قارىتا تېزدىن يېڭى بىر سىياسەت بىكىتىپ چىقىشى كېرەك. ئۇلارنى تاشلىۋەتمەستىن، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈشى، غەمخورلۇق قىلىشى، يېتەكلىشى كېرەك. گەرچە بۇ خىزمەتلەرنى قىلماق تەس بولسىمۇ، ھۆكۈمەت تېزدىن قول تىقىپ بۇلارنى قىلىشى كېرەك".
پۈتۈن دۇنيادا تەخمىنەن 40 مىليوندىن ئارتۇق ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بار. بۇلارنىڭ تەخمىنەن 20% ئى ئاسىيادا. 2003 - يىلى، تايلاندتىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسپىتى تارىخىدىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشۈپ، يېڭىدىن ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ سانى ئازلىغان.
ب د ت دوكلاتىدا تايلاندتىكى بۇ ئىلگىرىلەشلەرنى تەرىپلىدى. ب د ت نىڭ مۇتەخەسسىلىرى خىتايدىن سىرت يەنە، بېرمىنىمۇ ئەيدىز ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىدا يېتەرلىك تەدبىر قوللانمىغان دۆلەت دەپ تەنقىدلىگەن. (ئارزۇ)