
18 - قېتىملىق دۇنيا ئەيدىز كۈنىنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن، ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا ئەيدىز ھەققىدىكى مەلۇماتلار توختىماي بېرىلمەكتە. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىمۇ بۇ ھەقتە مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ شۇ تاپتا دۇنيادا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى 40 مىليوندىن ئاشقانلىقىنى، ھەمدە تەخمىنەن %20 ئى ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان دۇنيادا ئەيدىز كېسىلى تۈپەيلىدىن ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 25 مىليوندىن ئاشقانلىقىنى ئېلان قىلغان.
خىتايدا ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى كەڭ
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئەيدىز ھەققىدە ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدا ھازىر ئەيدىز كېسىلى ناھايىتى كەڭ كۆلەمدە تارقالغان بولۇپ، 31 ئۆلكە ۋە شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىدە دېگىدەك بايقالغان. بولۇپمۇ يۈننەن ۋە خېنەن ئۆلكىسىدە، ئەھۋال ناھايىتى ئېغىر بولغان.
خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باشلىقى ۋاڭ لۇڭدېنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل 9 - ئايغا قەدەر، خىتايدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى 135 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، بۇلتۇرقى ساندىن %50 كۆپەيگەن ھەمدە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى ئەڭ كۆپ بولغان ئۆلكە يۈننەن، خېنەن، گۇئاڭشى، گۇڭدۇڭ دىن باشقا يەنە ئۇيغۇر ئېلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان.شۇنداقلا بۇ جايلاردىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار خىتايدىكى ئومۇمى ساننىڭ %77 نى ئىگىلىگەن.
ۋاڭ لۇڭدﯤ سۆزىدە يەنە "خىتايدىكى ئەيدىز ۋىرۇسنى ئۆزىگە يۇقتۇرىۋالغانلارنىڭ %40 ئى زەھەرلىك چېكىملىك بۇيۇملىرىنى ئىستىمال قىلغانلىقتىن، %23 ئى قانۇنسىز قان بېرىش ۋە قان سېتىش تۈپەيلىدىن، %9 قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغانلىقتىن كېلىپ چىققان " دەپ كۆرسەتكەن.
ئەمەلىي سان سانلىق مەلۇماتتىن كۆپ يۇقىرى
كۆپلىگەن ئەيدىز مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، خىتاينىڭ مېدىتسىنا ۋە داۋالاش سىستېمىلىرى ئىنتايىن ۋەيران ھالەتتە بولغاچقا، ھۆكۈمەت ئىگىلىگەن ئەيدىز ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلار ناھايىتى چەكلىك بولۇپ، ئېلان قىلىنغان سان ئەمەلىي ساننىڭ پەقەت %15 نى ئەكس ئەتتۈرىدىكەن.
رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئەيدىز مۇتەخەسسىسى ئەنجۇ بول ئەپەندى ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئاسىيا دۆلەتلىرىدە تېخىمۇ بەك ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتايدىكى ئەيدىز مەسىلىسى ھەققىدىمۇ توختالغان.
ئەنجۇ بول ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە خىتايدا ئادەم نوپۇسى ئىنتايىن كۆپ بولغانلىقتىن،كېسەلنىڭ تارقىلىشى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانىمۇ بارغانسېرى كۆپەيگەن.
ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى توسالغۇ - نومۇس قىلىش، كەمسىتىش
بۇندىن ئىلگىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسلىھەتچىسى مىرۈئەم مالۇۋا، كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئەيدىز تەتقىقاتچىسى تومېس كورەم قاتارلىقلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش پىلان لايىھىسىنى تۈزۈپ چىققان ھەمدە مەزكۇر پىلاندا، ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىسى ئەيدىز كېسەللىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان نومۇس قىلىش، كەمسىتىش ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتلىگەن.
مەزكۇر پىلاندا يەنە "ئەيدىز كېسەللىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بۇ خىلدىكى مەسىلىلەر ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىنتايىن زور توسالغۇ بولۇپ ھېسابلانماقتا" دەپ كۆرسىتىلگەن.
خىتاينىڭ ئەيدىز كېسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشى يېتەرلىك ئەمەس
خىتايدىكى ئەيدىز پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى قارىماققا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەرنى قوللىنىۋاتقاندەك كۆرۈنگىنى بىلەن، ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ھاياتى ۋە ئۇلارنىڭ روھىي ھالىتىگە يەنىلا كۆڭۈل بۆلمىگەن. بولۇپمۇ ھازىر خىتايدا ئەيدىز بىمارلىرىنى كەمسىتىش ۋە ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش دېگەندەك مەسىلىلەر دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر جايدىن ئېغىر بولغان.
خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باشلىقى ۋاڭ لۇڭدېنىڭ ئەيدىز مەسىلىسىدە ئاساسلىق مەسئۇلىيەت مەركىزى ھۆكۈمەتتە ئەمەس، بەلكى يەرلىك ھۆكۈمەتتە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ " كۆپلىگەن ئۆلكە ۋە رايونلىرىدا، يەرلىك ھۆكۈمەت تا ھازىرغا قەدەر ئەيدىز ھەققىدىكى ھەقىقىي ئەھۋالنى يەنىلا يوشۇرۇپ كەلمەكتە، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە سىياسى تەقدىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئاشكارىلاشتىن ئەندىشە قىلىدۇ. ھەتتا بۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىشقا تېگىشلىك بولغان تەكشۈرۈشلەرگىمۇ كۆڭۈل بولمايدۇ، كېسەل ئەھۋالى ھەققىدە يۇقىرىغا دوكلات سۇنۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. شۇڭا بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ئەيدىز كېسىلىنى كونترول قىلىشتا، زور قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە" دەپ بىلدۈرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل ئاخىرىدا " ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش نىزامنامىسى"نى ئېلان قىلىشنى پىلانلىماقتا ھەمدە مەزكۇر كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يەنە 800 مىليون خەلق پۇلى ئاجراتماقچى بولغان. لېكىن خىتايدىكى ئەيدىز پائالىيەتچىسى خۇ جىئا ئەپەندى "خىتاي ھۆكۈمىتى پەقەت تەشۋىقات قىلىش جەھەتتىلا غەلىبە قىلىۋاتىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ياشاش ھوقۇقى ۋە ئىنسان ھوقۇقىغا ھېچقاچان ئەھمىيەت بەرمىگەن" دەپ تەكىتلەپ، دۇنياغا زور تەسىر كۆرسەتكەن خېنەندىكى ئەيدىز كەنتىدە ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ھۆكۈمەت دوختۇرخانىسىدىن ئېلىپ ئىشلىتىۋاتقان دورىلىرىنىڭ كۆكۈرۈپ قالغان ھەتتا قۇرتلاپ كەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. (مېھرىبان)