خىتاي ھۆكۈمىتى 18 - قېتىملىق دۇنيا ئەيدىز كۈنىدە نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بەردى
2005.12.01

بۇ يىلقى دۇنيا ئەيدىز كۈنىنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن، خىتاي دۆلەت كابىنېتى بېيجىڭدا مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى ھەمدە مەزكۇر يىغىندا، خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى مۇخبىرلارنىڭ خىتايدىكى ئەيدىز مەسىلىسى ھەققىدە سورىغان تۈرلۈك سۇئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
خىتاي دائىرىلىرى كىشىلەرنىڭ قان ئارقىلىق كېسەل يۇقتۇرىۋالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى
خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باشلىقى گاۋچاڭ مۇخبىرلارنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بېرىشتە، خىتايدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ئارىسىدا تەخمىنەن 7 مىڭ ئادەمنىڭ مەزكۇر كېسەلنى قان ئارقىلىق يۇقتۇرۇۋالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ھەقىقەتەن دوختۇرخانىلاردا يۈز بەرگەنلىكىگە ئىقرار بولغان.
بېيجىڭدا ئېچىلغان بۇ قېتىمقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ دوختۇرخانىلاردا قان بېرىش ئارقىلىق يۇقىۋاتقانلىقىغا ئىقرار قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، "2010 - يىلىغا بارغاندا خىتايدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار سانىنى 1 مىليون 500 مىڭ ئەتراپىدا كونترول قىلىپ تۇرىمىز " دەپ نۇرغۇن ۋەدىلەرنى قىلغان.
بېيجىڭدا ئېچىلغان بۇ قېتىمقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باشلىقى گاۋچياڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇندىن كېيىن دوختۇرخانىلاردا قان بېرىش ۋە قان سېلىش تۈپەيلىدىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنى ھەقسىز داۋالايدىغانلىقىنى ھەمدە ئەيدىز يېتىملىرى ئۈچۈن ھەقسىز ئوقۇش قاتارلىق سىياسەتلەرنى يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
بىمارلارنىڭ ئىنكاسلىرى
رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان 95 - يىلى تۇغۇت ئۈستىدە قان سالغانلىقتىن ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئۆزىگە يۇقتۇرىۋالغان خېنەنلىك لى شىگې ئىسىملىق بىر ئايال "خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان ئەيدىز ۋىرۇسىنى 'زەھەرلىك چېكىملىك، پاھىشە ۋە قالايمىقان جىنسى مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقىدۇ' دەپ قاراپ كەلگەن. ئۇلار يەنە 'بىر قىسىم كىشىلەر ئۆلچەمسىز قان پونكىتلىرىغا بېرىپ قان سېتىش ئارقىلىق يۇقتۇرۇۋالغان' دەپ ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ھۆكۈمەتكە قارايدىغان دوختۇر خانىلاردىمۇ قان بېرىش ۋە قان سېلىش جەريانىدا يۇقىدىغانلىقىغا ئىقرار بولماي كەلگەن. بۇ قېتىم مەسىلىنى ئوچۇق - ئاشكارا ئېتىراپ قىلىشىنى، بىر ئىلگىرىلەش دەپ قارىساق بولىدۇ" دەپ بىلدۈردى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ ئەيدىز بىمارى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى بىلەن ئەمەلىي ھەرىكىتىنىڭ داۋاملىق بىر- بىرىگە ماسلاشمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، " بۇ قېتىم ھۆكۈمەت ئەيدىز مەسىلىسى ھەققىدە يېڭى سىياسەتلەرنى بېكىتىپ، نۇرغۇن ۋەدىلەرنى قىلغىنى بىلەن، مەن نېمىشقىدۇر يەنىلا گۇمانلىق كۆز قاراشتىمەن. چۈنكى قۇرۇق سىياسەتنى بېكىتىپ قويۇپ، ئۇنى تولۇق ئىجرا قىلمىسا يەنىلا ئوخشاش. مەسىلەن، ھۆكۈمەت ئەيدىز بىمارلىرىنى ھەقسىز ئوقۇتىمىز دەيدۇ، لېكىن بۇ بىچارە بالىلار قايسىلا مەكتەپكە بارسا، كەمسىتىلىپ ھەتتا قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئۇلار مەكتەپكە كىرىش ئۈچۈن، ئىلاجى يوق يۇرت ئاتلاپ، ئىسىم فامىلىسىنى يوشۇرۇشقا مەجبۇر بولىۋاتىدۇ" دەپ بىلدۈردى.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەھۋال
خىتاي ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن بېرىلگەن مەلۇماتلاردا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش سۈرئىتىنىڭ ئىنتايىن تىزلەپ كېتىۋاتقانلىقى مەلۇم قىلىنغان بولسىمۇ، مەزكۇر جايدا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىدا ئاساسىي سەۋەب قان بېرىش ياكى قان سېتىشتىن ئەمەس بەلكى زەھەرلىك چېكىملىك تۈپەيلىدىن - دەپ كۆرسەتمەكتە.
لېكىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز مەسىلىسى ھەققىدە ئىزچىل تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان نيۇ-يوركتىكى مېدىتسىنا تەتقىقاتچىسى مۇھەممەت ئىمىن ئەپەندى باشقىچە كۆزقاراشتا بولۇپ، ئۇ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى دوختۇرخانىلاردىمۇ قان سېلىش ۋە قان بېرىش ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇۋېلىش ئېھتىماللىقىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ مەسىلىگە ھەرگىزمۇ سەل قارىغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى "ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئەيدىز مەسىلىسىگە يەنىلا سەل قاراپ جىددى چارە - تەدبىرلەرنى قوللانمايدىكەن، 2010 - يىلىغا بارغاندا، خىتايدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى 1 مىليون 500 مىڭ ئەمەس، بەلكى 10 مىليونغا يېتىشى مۇمكىن " دەپ ئاگاھلاندۇرغان. (مېھرىبان)
دۇنيا ئەيدىز كۈنى (2004)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- دۇنيادا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى 40 مىليوندىن ئاشقان
- ب د ت دوكلاتىدا خىتاينىڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا يېتەرلىك تەدبىر قوللانمىغانلىقىنى كۆرسەتتى
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ كۆپ قىسمىنى ياشلار ئىگىلىمەكتە
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى زادى قانچە ؟
- خىتايدا ئەيدىز كېسىلى ھەققىدە يېپىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى