خىتاي ھۆكۈمىتى ئەيدىز مەسىلىسى ھەققىدە يېڭى دوكلات ئېلان قىلدى


2006.01.27
hiv.aids.gif
دوقتۇرخانىدا قان ئارقىلىق HIV يۇقترۇرىۋالغان ئانىدىن تۇغۇلغان 4 ياشلىق سۇن ۋېيلىن 28-نويابىر كۈنى ئانىسى بىلەن بەئىجىڭدا.. AFP

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا خىتايدىكى ئەيدىز ئەھۋالى ھەققىدە ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، يەنە بىر قېتىم دوكلات ئېلان قىلدى ھەمدە مەزكۇر دوكلاتتا خىتايدا 2005‏ - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 650 مىڭ ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇندىن ئىلگىرى مەملىكەت ئىچىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانىنى 840 مىڭ دەپ جاكارلاپ كەلگەن. دېمەك بۇ قېتىم ئېلان قىلغان سان ئاۋال ئېلان قىلغاندىن خېلىلا ئاز بولغان.

ھەقىقەتنى يوشۇرالمايدۇ

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەمەلدارى دوكتور خەنك بېكېدام ئەپەندى Dr. Henk Bekedam خىتاي دائىرىلىرى چىقارغان دوكلات بويىچە، بەزىلەر خىتايدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى ئازايدى، خىتايدىكى ئەيدىز ئەھۋالى ياخشىلىنىشقا قاراپ ماڭدى - دەپ چۈشىنىشى مۇمكىن، لېكىن ئەمەلىي ئەھۋال ھەرگىزمۇ بۇنداق ئەمەس، يېڭى ئېلان قىلىنغان بۇ سان ھەرگىزمۇ خىتايدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى كۆپىيىۋاتقان بۇ خىل ھەقىقەتنى يوشۇرۇپ كېتەلمەيدۇ " دەپ كۆرسەتتى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم ئېلان قىلغان ساننىڭ تۆۋەن بولۇشىدىكى سەۋەب، بىمارلارنىڭ ئازايغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى بۇندىن ئىلگىرى ئېلان قىلىشتا، ساننىڭ بىر قەدەر يۇقىرى مۆلچەر قىلىنغانلىقىدىن ئىكەن.

ئەيدىز ھەققىدە ئۇزۇن يىل تەتقىقات ئېلىپ بارغان نيۇيوركتا تۇرۇشلۇق دوكتور مۇھەممەت ئىمىن ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان بۇ قېتىملىق سان ھەققىدە توختىلىپ، بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقان ساننىڭ تەخمىن سان ۋە تىزىملىكتىكى ساندىن ئىبارەت ئىككى خىل سان ئىكەنلىكىنى، گەرچە تەخمىن سان بۇرۇنقىدىن ئازلىغان بولسىمۇ، ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار تىزىملىكىدىكى ساننىڭ بۇرۇنقىدىن كۆپ بولۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەمەلىي سان كۆپ يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن

خىتايدا بۇلتۇر بىر يىلنىڭ ئىچىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى 70 مىڭدىن ئاشقان. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى" بۇ يىل خىتايدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى تېخىمۇ بەك ئېغىر بولۇشى مۇمكىن ھەمدە كەلگۈسى 5 يىل ئىچىدە خىتايدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى 10 مىليونغا يېتىشى مۇمكىن" دەپ پەرەز قىلماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، خىتايدىكى نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈش خىزمىتىدە ئىلگىرىكىدىن بىر قەدەر ئىلگىرىلەش بولغان، شۇڭا ھازىر ئۇلار ئەڭ يېڭى ئۇسۇل ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ھەققىدە ستاتىستىكا ئېلىپ بارغان. لېكىن بېيجىڭدىكى " ئەي جىشىن "تەتقىقات مەركىزىدىكى داڭلىق ئەيدىز پائالىيەتچىسى ۋەن يەنخەي "خىتايدا قوللىنىۋاتقان نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرىنى ئىشەنچلىك دەپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئەگەر راسلا ئىشەنچلىك بولسا، كىشىلەر ئۆزلىكىدىن بېرىپ تەكشۈرتكۈزگەن بولاتتى. ھازىر خىتايدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ قانۇن ۋە ئەخلاق بېسىمى تۈپەيلىدىن، ئۆزلىكىدىن سەھىيە ئورگانلىرىغا بېرىپ تەكشۈرتىشى مۇمكىن ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان بۇ سان پەقەت زەھەرلىك چېكىملىكنى چەكلەش سورۇنلىرى ۋە پاھىشىلەرنى قاماش ئورۇنلىرىغا بېرىپ، مەجبۇرى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئىگىلىگەن سان، شۇڭا بۇ خىل ستاتىستىكا قىسقىسى پاھىشىۋازلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئومۇمى سانىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ " دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان بۇ قېتىمقى دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى خىتايدا 25 مىڭ كىشى ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئۆلگەن ھەمدە بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى 15 مىڭى يۈننەن، ئۇيغۇر ئېلى ۋە گۇاڭشىدا ئۆلگەن. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.