خىتاي ھۆكۈمىتى ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى يېڭى قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق ئالالامدۇ؟


2006.02.15

خىتاي دۆلەت كابېنتى يېقىندا " ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش نىزامنامىسى" ئېلان قىلدى. مەزكۇر نىزامنامىغا ۋىن جياباۋ قول قويغان بولۇپ. ئۇنىڭدا ھۆكۈمەتنىڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ۋەزىپىسى ۋە بىمارلارنىڭ ھوقۇقى ھەققىدە ئېنىق بەلگىلىمىلەر بېكىتىلگەن.

خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە. خىتايدا ئەيدىز كېسىلى تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلار سانى بارغانسېرى كۆپىيىپ. مەزكۇر كېسەل خىتايدىكى 5 چوڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ئارىسىدا 3 ‏- ئورۇندا تۇرىدىكەن ھەمدە ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى ب تىپلىق جىگەر كېسىلىدىنمۇ يۇقىرى ئىكەن. خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بېرىلگەن سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە. ھازىر خىتايدا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تۈپەيلىدىن ئۆلگەنلەر خىتايدىكى كېسەل تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىنىڭ 82 % نى ئىگىلىگەن. ئەيدىز كېسىلى بولسا مەملىكەت ئىچىدىكى ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان 3 چوڭ كېسەلنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلانغان.

يېڭىلىق يوق

گەرچە بۇ قېتىم خىتاي دۆلەت كابېنتى ئېلان قىلغان نىزامنامىدا " ھەر قايسى ئۆلكە. ئاپتونوم رايون ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەت. سەھىيە ئورۇنلىرى مەزكۇر نىزامنامىغا ئاساسەن ئۆزىگە ماس كېلىدىغان يېڭى پىلان تۈزۈپ چىقىشى كېرەك. كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش ئورگانلىرى ئەيدىز كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش ۋە تارقىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشتە ئالاھىدە مەسئۇلىيەتچان بولۇشى كېرەك " دەپ كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ. ئەيدىز پائالىيەتچىسى خۇ جيا " بۇ قېتىمقى نىزامنامىغا ھېچقانداق ئالاھىدە يېڭى مەزمۇن كىرگۈزۈلمىگەن. مەسىلەن. ئەيدىز بىمارلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئانا - بالىنى ھەقسىز داۋالاش. دورىنى بىكارغا بېرىش قاتارلىق مەزمۇنلار 2003 ‏- يىلىدىكى نىزامنامىسىدىلا ئوتتۇرىغا قويۇلغان " دەپ بىلدۈردى.

خىتاي دۆلەت كابېنتىنىڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە يېڭىدىن ئېلان قىلغان بۇ نىزامنامىسىدا مۇنداق بەلگىلىمىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان: "ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخىسنىڭ ئەيدىز بىمارلىرىنى كەمسىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ ؛ قانۇن ئەيدىز بىمارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىدىكىسىلەرنى ھەر جەھەتتىن قوغدايدۇ. ئەيدىز بىمارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى مەيلى نىكاھ ئىشىدا بولسۇن ياكى مەكتەپتە ئوقۇش. خىزمەتكە چىقىش. دوختۇرغا كۆرىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە بولسۇن. باشقىلارغا ئوخشاش قانۇنىي ھوقۇققا ئىگە بولۇشى كېرەك. داۋالاش ئورۇنلىرى ئەيدىز بىمارلىرى ئۈچۈن تۈرلۈك مۇلازىمەت خىزمەتلىرىدە بولۇشى كېرەك. ئەيدىز بىمارلىرىنى كەمسىتىش قىلمىشلىرىغا ھەرگىزمۇ يول قويماسلىق كېرەك ".

خىتاي ھۆكۈمىتى ئەيدىز بىمارلىرىنى كەمسىتىش ئىدىيىسىنى خەلقنىڭ كاللىسىغا سىڭدۈرۈۋەتكەن

لېكىن ئەيدىز پائالىيەتچىسى خۇ جيا ئەپەندى "ئەيدىز بىمارلىرىنى كەمسىتىش مەسىلىسىگە كەلسەك. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى ئەيىبلىك" دەپ تەكىتلەپ. ئۆز كۆز -قاراشلىرىنى مۇنداق بايان قىلدى:

"خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 'ئەيدىز بىمارلىرىنى كەمسىتىشكە يول قويماسلىق كېرەك' دېگىنى خۇددى دەرۋازىغا قارىماي ھارۋا ياسىغاندەكلا بىر ئىش. چۈنكى، ئەيدىز بىمارلىرىنى كەمسىتىش ئىدىيىسىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى خەلقنىڭ كاللىسىغا سىڭدۈرۈۋەتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 80 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىسىدا. ئەيدىز ھەققىدە ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلىرىدە. مەزكۇر كېسەلنى ' كاپىتالىزم دۆلىتىدىكى چىرىك تۇرمۇشنىڭ مەھسۇلاتى. يەنى زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر ۋە ئوخشاش جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغۇچىلار كەلتۈرۈپ چىقارغان مەينەت كېسەل ' دەپ تەشۋىق قىلغان. شۇڭا خىتاي پۇقرالىرىدا ئەيدىز كېسىلىگە نىسبەتەن. ناھايىتى كۈچلۈك بىر خىل يىرگىنىش پەيدا بولغان. بۇ خىل ھالەتنى دەل خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئەمدى كېلىپ قۇرۇقتىن - قۇرۇق ئۇنداق كەمسىتمەسلىك كېرەك. بۇنداق كەمسىتمەسلىك كېرەك " دېگىنىنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق. ئەگەر راستلا چارە -تەدبىر قوللىنىش ئويى بولىدىكەن. ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدا قىلغان خاتا تەشۋىقاتىنى بوينىغا ئېلىشى كېرەك ھەمدە خىتايدىكى كۆپ ساندىكى ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغۇچىلارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ سەۋەنلىكىدىن مەزكۇر كىسەلنى ئۆزىگە يۇقتۇرىۋالغانلىقىغا. يەنى كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ مەزكۇر كىسەلنى قان بېرىش. ئوپىراتسىيە قىلىش قاتارلىق جەريانلاردا يۇقتۇرۇۋالغانلىقىغا ئىقرار بولۇشى كېرەك. پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا. خەلقنىڭ ئەيدىز بىمارلىرىغا بولغان كەمسىتىشىنى يوقاتقىلى بولاتتى. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى تا ھازىرغا قەدەر بۇ ھەقتە ئۆز خاتالىقىنى بوينىغا ئالماي كەلمەكتە. چۈنكى ئۇلار بۇنداق قىلسا ئۆز ئابرويىنىڭ چۈشۈپ كېتىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ".

خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە. 2005 يىلى خىتايدا ئەيدىز كىسىلى تۈپەيلىدىن ئۆلگەنلەر سانى ئىلگىرىكى يىلىدىن 80% كۆپەيگەن. بىر قىسىم سەھىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە. خىتايدىكى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ھەقىقىي سانى خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ساندىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق ئىكەن. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.