ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ سانى كۆپەيمەكتە


2006.02.17

خىتاي بويىچە ئەيدىز كېسىلى ئەڭ ئېغىر جايلارنىڭ بىرى دەپ قارىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز كۆپەيمەكتە.

خىتاي ئاخبارات تورىنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان مەلۇماتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 2005 ‏- يىلى بىر يىل ئىچىدە پۈتۈن شەھەر بويىچە ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، ئۆزىنى مەلۇم قىلغانلار سانى 5929 ئادەمگە يەتكەن بولۇپ، جىنسىي كېسەللىكلەر ئىچىدە ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ نىسبىتى بۇرۇنقىدىن كۆپەيگەن.

يۇقۇملىنىش دەرىجىسى يۇقىرى، داۋالاش قېيىن، ئاخىرى ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بۇ خىل كېسەلنىڭ، ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى ۋە غۇلجا قاتارلىق شەھەرلىرىدە تېز سۈرئەتتە تارقىلىپ كۆپىيىپ كېتىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى نېمە؟

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ دوكتور مەمەت ئىمىن ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.