ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز شىددەت بىلەن يامرىماقتا


2006.03.08
heroin-chikimlik.jpg
1999-يىلى 25-ماي كۈنى بىر خىتاي ساقچىسى بېيجىڭدىكى زەھەرلىق چېكىملىككە قارشى تۇرۇش تەربىيىلەش مەركىزى ئالدىدا . AFP

ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز شىددەت بىلەن يامرىماقتا

بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان خىتاي خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيىغا ئۇيغۇر ئېلىدىن بارغان بىر ۋەكىل مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەيدىز ۋەزىيىتىدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق، ساھىيە نازارىتىنىنىڭ نازىرى ۋاڭنىڭ بۇ مەسىلىگە بەرگەن جاۋابى باشقىچە.

ئۇيغۇر ئېلىدە بۇنىڭدىن 11 يىل ئىلگىرى تۇنجى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچى بايقالغان ئىدى. نۆۋەتتە ئەيدىز ۋاباسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 15 ۋىلايەت، ئوبلاست ھەمدە 69 ناھىيىسىگىچە تىز سۈرئەتتە يامرىدى. بۇنىڭ ئىچىدە غۇلجا، ئۈرۈمچى قەشقەر قاتارلىق شەھەرلەر ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى ئەڭ ئېغىر جايلار ھېسابلىنىدۇ.

تەڭرىتاغ تور بېتىنىڭ 8 - مارتتىكى خەۋىرىدىن ئىگە بولۇشىمىزغا قارىغاندا، بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان خىتاي خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيىغا ئۇيغۇر ئېلىدىن بارغان بىر ۋەكىل مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەيدىز ۋەزىيىتىدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەيدىز كېسىلى تىز يامرىغان

بۇ ۋەكىلنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، ئەيدىز ياردەم تۈرلىرىنىڭ، ئەيدىزگە قارشى ئەسلىھە ھەمدە ئادەم كۈچىنىڭ كەمچىل بولۇشى، مەبلەغنىڭ ئازلىقى قاتارلىق سەۋەبلەردىن، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدا ئەيدىز ۋىرۇسى شىددەت بىلەن تارقالغان بولۇپ، ئەيدىزنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى خىتاي بويىچىمۇ ئەڭ ئالدىغا ئۆتكەن. ئىلى ئوبلاستىنىڭ ئۆزىدىلا بايقالغان ئەيدىزلەرنىڭ سانى 3900 نەپەردىن كۆپرەك بولۇپ، ئەيدىزلەرنىڭ نىسبىتى جەھەتتىمۇ خىتاي بويىچە ئەڭ ئالدىدا ئىكەن. شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 90%تىن كۆپرەكى ياشلار بولۇپ، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ يېشى بارغانچە كىچىكلەپ بارماقتا ئىكەن. بۇ ۋەكىل ھۆكۈمەت شۇنداقلا جەمئىيەتنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەيدىز مەسىلىسىگە جىددىي قاراشقا، ئەيدىزلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان.

ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق سەھىيە تارماقلىرىنىڭ ئەيدىز مەسىلىسى ھەققىدە ئېلان قىلىپ كەلگەن مەلۇماتلىرىدىمۇ، ئۇيغۇر ئېلىدا ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنىڭ تىز بولۇۋاتقانلىقى شۇنداقلا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كۆپ ساندىكىسىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر ۋە ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن ئىدى. ھەمدە ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنىڭ ئوخشاش يىڭنىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۆز-ئارا يۇقتۇرىۋېلىشىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزنىڭ تىز تارقىلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولماقتا ئىكەن.

ۋاڭ نازىرنىڭ جاۋابى

ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزنىڭ بۇنچە تىز ھەم كەڭ تارقىلىشىغا نېمىلەرنىڭ سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇماتلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىنىڭ نازىرى ۋاڭغا تېلېفون ئاچتۇق. ۋاڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ ئەمما خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز ۋەزىيىتىنىڭ ئېغىرلىقى ھەققىدە قىلغان سۆزلىرىنى قاتتىق پوزىتسىيە بىلەن ئىنكار قىلدى.

بىز گەرچە مەزكۇر خەۋەرگە ھۆكۈمەتنىڭ تەڭرىتاغ تور بېتىدىن ئىگە بولغانلىقىمىزنى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەيدىزنىڭ تارقىلىش تىزلىكى جەھەتتە خىتايغا بويىچە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتكەنلىكىنى قۇرۇلتاي ۋەكىلى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولساقمۇ، ۋاڭ نازىر ئىككىلەنمەي تۇرۇپ "مەن مەسئۇلىيەت بىلەن شۇنداق جاۋاب بېرىمەنكى، ئەيدىز مەسىلىسى ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ دەرىجىدە ئېغىر ئەمەس، تارقىلىشى جەھەتتە، ئەيدىزلەر نىسبىتى جەھەتتىمۇ مەملىكەت بويىچە ئالدىغا ئۆتكىنى يوق. بۇ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس، سىلەر ئىگە بولغان خەۋەردە چاتاق بار ئىكەن، خەلق ۋەكىلى ئېيتقان تەقدىردىمۇ ئۇ ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويغان بولسا كېرەك. بىزنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىمىز ناھايىتى سىستېمىلىق ياخشى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ" دېدى.

ئاشۇرۇپ كۆرسىتىشمۇ؟

ئەمما ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى قار لەيلىسى نامىدىكى ئەيدىزگە قارشى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات رەئىسى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ "ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز مەسىلىسى خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدىنمۇ ئېغىر، بۇ جايدا ئەيدىز مەسىلىسى سىياسەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تەشۋىقاتتىن باشقا ئەمەلىي ئىش قىلغىنى يوق" دېگەن ئىدى.

زىيارىتىمىز جەريانىدا ۋاڭ نازىر ئەكسىچە ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇكەممەل ئەسلىھە ھەم مەخسۇس خادىملارغا ئىكەنلىكىنى تونۇشتۇرۇپ، "نازارىتىمىزنىڭ ئۆزىدىلا مەخسۇس ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشخانىسى بار، ھەربىر ناھىيە، كەنتلەرگىچە مەخسۇس خادىملىرىمىز بار، سەھىيە ساھەسىدىلا مەخسۇس ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تارماقلىرى ئالتە يۈزدىن ئاشىدۇ، بۇ جەھەتتىكى خىزمىتىمىز ئىنتايىن مۇكەممەل، ھۆكۈمەتمۇ نۇرغۇن مەبلەغ ئاجرىتىۋاتىدۇ، ئەيدىز بىمارلىرىنىمۇ ھەقسىز داۋالاش پروگراممىلىرى بار، چەتئەلدە تۇرۇپ ئەمەلىي ئەھۋالنى بىلمەيسىلەر، بەزىلەر بۇ مەسىلىلەرنى مەقسەتلىك ئاشۇرۇپ كۆرسىتىدۇ" دېدى.

بىز ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، بۇ نازىر "چۈنكى شىنجاڭدىكى مىللەتلەر ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئەيدىزلەرنىڭ نىسبىتىمۇ يۇقىرى بولىدۇ‏ - دە" دېگەن تەئەججۇپلىنەرلىك جاۋابنى بەردى. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.