ئۇيغۇرلارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كىشىنى چۆچۈتكۈدەك ئېغىر بولماقتا
2006.05.16

ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىن ئېرىشكەن ئۇچۇرلىرىمىزغا ئاساسلانغاندا، خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى ھەمدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى، ئىلى ئوبلاستلىق سەھىيە ئىدارىسى، غۇلجا شەھەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئورنى قاتارلىق جايلارنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى بولغان كىشىلەرنى ئاساس قىلىپ ئىلى تەۋەسىدە ئېلىپ بارغان HIV نىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ھەققىدىكى ئۈچ ئايلىق تەكشۈرۈشى يېقىندا ئاخىرلاشقان. تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئېنىق ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئۇچۇرغا ئاساسەن ئىلىدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىن ئەمەلىي ئەھۋاللارنى ئىگىلىدۇق.
ئادەتتىكى كىشىلەر ئارىسىدا تارقىلىشى تىز بولماقتا
ئىلى ئوبلاستلىق سەھىيە ئىدارىسىدىن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خادىم، "ئىلى ئوبلاستىدا HIV دىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ھەققىدە گۇمانلىق دەپ قارالغان 6000 ئادەم ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىمىزنىڭ نەتىجىسى كىشىنى چۈچۈتىدۇ. ھازىرغا قەدەر ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇۋالغانلار 4500 گە يەتتى، بۇنىڭ 88% ئى ئۇيغۇرلار" دەپ بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇ يەنە، "ئىلىدا ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى ئىنتايىن تېز بولماقتا" دېدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشتە HIV دىن يۇقۇملانغۇچىلار سانى جەھەتتە گەرچە ئۈرۈمچى بىرىنچى ئورۇندا بولسىمۇ، ئەمما نوپۇس سانىغا سېلىشتۇرغاندا ئەيدىزلەر نىسبىتى جەھەتتە ئىلى رايونى ئۇيغۇر ئېلى بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا بولۇپلا قالماي يەنە خىتاي بويىچىمۇ ئەڭ ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتكەن.
بۇ كىشىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئىلگىرى ئەيدىز ۋىرۇسى ئاساسەن زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەردە بايقالغان بولسا ھازىر بارغانچە كېڭىيىپ ئادەتتىكى كىشىلەر ئارىسىدا تارقىلىشىمۇ ئىنتايىن تېز بولماقتا. ئۇ " نۆۋەتتە ئىلىنىڭ ئەيدىز ۋەزىيىتى خۇددى تېگى يوق قۇدۇققا ئوخشايدۇ " دەپ ئەندىشىسىنى بىلدۈردى.
ھۆكۈمەت ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىملىق ئەيدىز ھەققىدىكى تەكشۈرۈش ستاتىستىكا سانلىرىنى سىرتقا ئاشكارىلىماسلىق ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن بولغاچقا، ھازىرغا قەدەر بۇ قېتىمقى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئېلان قىلىنمىغان.
غۇلجىدا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ 90%تىن كۆپرەكى ئۇيغۇرلار
غۇلجا زەھەرلىك چېكىملىك مەسىلىسى بىر قەدەر ئېغىر بىر جاي بولۇپ قالدى، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭمۇ ئاساسلىق نىسبىتىنى شۇلار ئىگىلەيدۇ. ئۇيغۇرلار پەۋقۇلئاددە كۆپ، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ 90%تىن كۆپرەكى ئۇيغۇرلار، ئۇنىڭدىن قالسا تۇڭگانلار. چۈنكى غۇلجىنىڭ نوپۇسىنىڭ يېرىمىنىڭ كۆپىنى ئۇيغۇرلار ئىگىلىگەن. ئۇلاردا زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن شۇغۇللانغانلارنىڭ نىسبىتىمۇ كۆپ.
بىز ئىلىنىڭ ئەيدىز ۋەزىيىتى ھەققىدە ئىگە بولغان ئۇچۇرلىرىمىز ئاساسىدا يەنىمۇ ئېنىقراق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن بۇ قېتىم غۇلجا شەھرىدە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشكە قاتناشقان ئورۇنلاردىن بىرى بولغان غۇلجا شەھەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدارىسى بىلەن ئالاقىلاشتۇق.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خادىم ئەيدىز تەكشۈرۈشى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى. ئۇ بىزنىڭ بۇ قېتىم ئىلى ئوبلاستىدا ئېلىپ بېرىلغان ئەيدىز تارقىلىشى ھەققىدىكى تەكشۈرۈش نەتىجەڭلار چىقتىمۇ دەپ سورىغان سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ "بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشىمىز ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلدى. بىز ئاساسەن ئىلگىرى يۇقۇملانغان دەپ بايقالغان ھەم ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك دائىرىدە تەكشۈرۈشكە قوشۇلغان 6000 ئادەمنى ئاساس قىلىپ تەكشۈرگەن ئىدۇق، 4000 دەك كىشىنىڭ HIV بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئاشكارىلاندى "دېدى.
بىز ئۇنىڭدىن ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇۋالغانلار ئاساسەن زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرمۇ ؟دەپ سورىدۇق. ئۇ "غۇلجا زەھەرلىك چېكىملىك مەسىلىسى بىر قەدەر ئېغىر بىر جاي بولۇپ قالدى، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭمۇ ئاساسلىق نىسبىتىنى شۇلار ئىگىلەيدۇ. ئۇيغۇرلار پەۋقۇلئاددە كۆپ، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ 90%تىن كۆپرەكى ئۇيغۇرلار، ئۇنىڭدىن قالسا تۇڭگانلار. چۈنكى غۇلجىنىڭ نوپۇسىنىڭ يېرىمىنىڭ كۆپىنى ئۇيغۇرلار ئىگىلىگەن. ئۇلاردا زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن شۇغۇللانغانلارنىڭ نىسبىتىمۇ كۆپ" دەپ جاۋاب بەردى.
ئۇ يەنە ئىلىنىڭ ئەيدىز ۋەزىيىتىنى قىسقىغىنە چۈشەندۈرۈپ "غۇلجىدا 1996 - يىلى بىرىنچى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچى بايقالغاندىن ھازىرغا قەدەر ئون يىل بولدى. غۇلجىدا ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى بىر قەدەر تېز بولدى، بولۇپمۇ ھازىر ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇۋالغانلاردا كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ، ئۇلار دوختۇرخانىلارغا بارغاندا داۋاملىق ئېنىقلىنىپ چىقماقتا. شۇڭا ھازىر خۇددى بۇ يەردە ئەيدىز ناھايىتى كەڭ دائىرىدە تېز تارقىلىۋاتقاندەك بىلىنىۋاتىدۇ" دېدى.
ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى يېتەرلىك ئەمەس
گەرچە غۇلجا نۆۋەتتە خىتاي بويىچىمۇ ئەيدىزلەر ئەڭ كۆپ جاينىڭ بىرىگە ئايلانغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغا قەدەر ئەيدىزلەر ئۈچۈن بىرمۇ مەخسۇس دوختۇرخانا ياكى داۋالاش ئورنى قۇرۇلمىغان.
نۆۋەتتە ئىلىدىكى سەھىيە تارماقلىرىنىڭ ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا قوللىنىۋاتقان تەدبىرى پەقەت ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتى قىلىش بولۇپ، كىشىنى ئەجەپلەندۈرىدىغىنى، ھۆكۈمەت ئىلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق نوپۇس ئىكەنلىكىنى بولۇپمۇ، جۈملىدىن ئەيدىزلەرنىڭ نىسبىتىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۇيغۇرلار ئىگىلەيدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ، ھازىرغا قەدەر تارقىتىلىپ كېلىۋاتقان ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماتېرىياللىرىنى خىتاي تىلىدا نەشر قىلغان ئىكەن.
ئىلى خەۋەرلەر تورىدىن ئاشكارىلىنىشىچە ئىلى ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت -12 ئاپرىلدا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش ھەققىدە يىغىن ئېچىپ، تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىمۇ تارقىتىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئەمدى تەكىتلىگەن.
ئامېرىكىلىق ئۇيغۇرشۇناس دوكتۇر جاستىن رودېلسون ئەپەندى ئۇيغۇرلارغا كېلىدىغان مىللىي خەۋپ خىتاينىڭ سىياسىي زىيانكەشلىكىدىن كۆپرەك ئەيدىزنىڭ تەھدىتى ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇرماقتا.
نۆۋەتتە، ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئېلىدە بولۇپمۇ ئىلىغا ئوخشاش ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئىنقىلابى ھەرىكەتلەر بولغان جايدا، ئەيدىز ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ تارقىلىشىغا،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسەتلىك بوش قويۇۋېتىشى، ئۇنى توسۇشقا جىددىي تەدبىر قوللانماسلىقى ئاساسلىق سەۋەب بولماقتا دەپ قارىماقتا. بۇ ھەقتە كېيىنكى پروگراممىمىزدا داۋاملىق مەلۇمات بەرمەكچىمىز. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي دائىرلىرى قويۇپ بەرگەن ئەيدىز پائالىيەتچىسى خۇجيا رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى
- 10 - مارت ئاياللار ئەيدىز تەربىيە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن دوكتورمەمەت ئىمىن ئەپەندىنى زىيارەت
- بىر ئەيدىز پىداكارىنىڭ ليۇداۋاندىكى زىيارەت خاتىرىسى
- خىتايدىكى ئەيدىز پائالىيەتچىسى خۇ جيا ئەپەندىنىڭ ئىز - دېرىكى ھازىرغىچە تېپىلمىدى
- ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز شىددەت بىلەن يامرىماقتا
- ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ سانى كۆپەيمەكتە
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى يېڭى قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق ئالالامدۇ؟
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئەيدىز مەسىلىسى ھەققىدە يېڭى دوكلات ئېلان قىلدى
- زەھەرلىك چېكىملىكلەر ئۇيغۇر يېزىلىرىغىچە يامرىماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى 18 - قېتىملىق دۇنيا ئەيدىز كۈنىدە نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بەردى