
گەرچە ھۆكۈمەت يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەيدىز ۋەزىيىتىدىن جىددىي ئەندىشە تۇيغاندەك كۆرۈنسىمۇ ئەمما ، قوللىنىۋاتقان ئۇسۇللىرى ئەيدىز تارقىلىشىنى كونترول قىلىشتا نەتىجە ھاسىل قىلالمىغاندەك تۇيغۇ بەرمەكتە
ئەيدىز ھەققىدە ئەڭ يېڭى ستاتىستىكىلىق سانلار
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىنىڭ خىتاي شىنخۇئا ئاگېنتلىقىغا ئاشكارلىشىچە، بۇ يىل 6 - ئايغىچە ئۇيغۇر ئېلىدە تىزىمغا ئېلىنغان ئەيدىز 16035 نەپەرگە يەتكەن بولۇپ، ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار 563 نەپەر، ئەيدىز بىلەن ئۆلگەنلەر سانى 105 كە يەتكەن. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەلۇم بولغان ئەيدىزلەر سانى جەھەتتە پۈتۈن خىتاي بويىچە تۆتىنچى ئورۇندا ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان.
16 - ئاۋغۇست شىنخۇئا تورىدا بېرىلگەن خەۋەردە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى ئەمەلدارى جاڭ يۇڭجۇڭنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئەسكەرتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەرنىڭ ئەمەلىي سانى بولسا 60 مىڭدىن ئاشىدىكەن. شۇنداقلا بۇ سان داۋاملىق تېز سۈرئەتتە ئۆرلىمەكتە ئىكەن.
شۇنداقلا ئىلگىرى ئەيدىز ھەققىدە بېرىلگەن خەۋەر، مەلۇماتلاردا تەكىتلەنگەندەك، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىزلەرنىڭ ئاساسلىق قىسمى ئۇيغۇرلار بولۇپ ئۇلارنىڭ ئەيدىزنى يۇقتۇرۇۋىلىشتىكى ئاساسلىق يولى زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى ئوخشاش شپرىستا ئۇرۇش ئىكەن. ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ كەڭرى تارقىلىشى بىلەن ئۇنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر ياكى پاھىشە قاتارلىق ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىپ خەتىرى كۈچلۈكرەك بولغان ئىنسانلاردىن باشقا نورمال كىشىلەر ئارىسىدا تارقىلىشىمۇ تېز بولماقتا ئىكەن. ئەيدىزنىڭ ئادەتتىكى نورمال كىشىلەر ئارىسىدا كەڭ تارقىلىشى ئەيدىز ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ جىددىي بىر باسقۇچقا ئۆتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئەيدىزنى كونترول قىلىشمۇ تېخىمۇ مۇشكۈللىشىدىكەن.
ئادەتتىكى كىشىلەر توپىدا ئەيدىزنىڭ كەڭ تارىلىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىزىل كرىست جەمئىيىتىدىن ئاۋازىنى ئاڭلىتىشنى خالىمىغان بىر ئەيدىز گە قارشى پىداكارىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزنىڭ تېز سۈرئەتتە تارقىلىشى پەقەت خېروئىننى دىزىنفىكسىيىسىز ئۇكۇل بىلەن بەدەنگە ئۇرۇش بىلەنلا مەيدانغا كەلگەن بولماستىن، يەنە قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشتىن مەيدانغا كەلگەن ئىكەن.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەربنى ئېچىش سىياسىتىنىڭ روھىغا ئاساسەن، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن ئۇيغۇر دىيارىغا پۇل تېپىش ئۈچۈن كەلگەن خىتاي سودىگەرلەر، ھەر خىل شەكىلدە كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى تەسىس قىلغان بولۇپ، بولۇپمۇ كىچىك قونالغۇ، ھور مۇنچىسى، ساتىراشخانا، پۇت يۇيۇشخانىسى، ئۇۋۇلاش ئۆيى، يەر ئاستى چايخانا ۋە كافىيخانىلاردا خىتاي پاھىشىلىرىنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق كۆپ پۇل تېپىش مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن. بۇنىڭغا ئوخشاش سەۋەبلەرمۇ ئۇيغۇرلار ئارسىدا ئەيدىزنىڭ كۆپ تارقىلىپ كېتىشىگە يول ئاچقان.
گەرچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ، شۇنچە تېز ئارىدا ئەيدىز قورشاۋى ئاستىدا قالغانلىقى خەلقارا جامائەتنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغاپ، ئەيدىز بىمارلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش دولقۇنىنى قوزغىغان بولسىمۇ، ئەمما كىشىلەر يەنىلا، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ جەھەتتىكى خىزمىتىنىڭ يېتەرلىك بولمايۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. ئەيدىز ۋىرۇسى دەسلەپ ئۇيغۇر ئېلىدە بايقىلىپ ھازىرغىچە بولغان11 يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ - پۇشقاقلىرىغىچە تارالغان بولۇپ، سەھىيە ئورۇنلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 15 شەھەر، ۋىلايەت، ئوبلاستلىرىنىڭ 83 ناھىيە، بازارلىرىغىچە ئەيدىزلەر بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان ئۇيغۇرلار پەۋقۇلئاددە كۆپ، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ 90% تىن كۆپرەكى ئۇيغۇرلار، نۆۋەتتەئەيدىز ۋەزىيىتى خۇددى تېگى يوق قۇدۇققا ئوخشايدۇ.
تەڭرىتاغ خەۋەر تورىنىڭ ئىلگىرى خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز كېسىلى ۋەزىيىتى ھەممىدىن غۇلجا، ئاقسۇ، ئۈرۈمچى ۋە قەشقەردە ئېغىر بولغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ يېشى بارغانسېرى كىچىكلەپ ماڭغان. ھازىر ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 90% ئى 20 ياشتىن 40 ياشقىچە بولغان كىشىلەر ئىكەن. شۇنداقلا ئاياللارنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتىمۇ بارغانچە ئاشماقتا ئىكەن. كىشىلەر ئەندىشىدە، ھۆكۈمەتچۇ
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون خەلق ۋەكىللىرى بىر نەچچە قېتىم خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە قۇرۇلتاي يىغىنلىرى داۋامىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېغىر ئەيدىز ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بەرگەن ئىدى. ۋەكىللەر سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەيدىز ۋەزىيىتىنىڭ كىشىنى ئىنتايىن ئەندىشىگە سالىدىغانلىقىنى، ئەمما ۋەزىيەت شۇنداق ئېغىر تۇرۇقلۇق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى ۋە ئەسلىھەلىرىنىڭ يېتەرلىك بولمايۋاتقانلىقىنى ھەتتا مەبلەغمۇ يېتىشمەيۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن.
يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىنىڭ نازىرى مەمەت ياسىن ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا "شىنجاڭدا ئەيدىز كېسىلى يۇقتۇرۇۋالغان كىشىلەر ئەڭ كۆپ، يۇقۇملىنىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى، ئەيدىز كېسىلى يۇقتۇرۇۋالغان ئاياللار داۋاملىق كۆپەيمەكتە" دەپ تەكىتلىگەن ".
ئىلى ئوبلاستلىق سەھىيە ئىدارىسىدىن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خادىم، " ئىلى ئوبلاستىداھىۋدىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ھەققىدە گۇمانلىق دەپ قارالغان 6000 ئادەم ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىمىزنىڭ نەتىجىسى كىشىنى چۈچۈتىدۇ. ھازىرغا قەدەر ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇۋالغانلار 4500 گە يەتتى بۇنىڭ 88% ئى ئۇيغۇرلار " دەپ بىلدۈرگەن ئىدى ئۇ يەنە، " ئىلىدا ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى ئىنتايىن تېز بولماقتا" دېدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشتە ھىۋدىن يۇقۇملانغۇچىلار سانى جەھەتتە گەرچە ئۈرۈمچى بىرىنچى ئورۇندا بولسىمۇ، ئەمما نوپۇس سانىغا سېلىشتۇرغاندا ئەيدىزلەر نىسبىتى جەھەتتە ئىلى رايونى ئۇيغۇر ئېلى بۇيىچە ئالدىنقى ئورۇندا بولۇپلا قالماي يەنە، خىتاي بۇيىچىمۇ ئەڭ ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتكەن.
بۇ كىشىنىڭ تەكىتلىشىچە، گەرچە ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئەيدىزلەر ھەققىدە داۋاملىق مۇشۇنداق ستاتىستىكا قىلىش ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ پەقەت سانلارنى خاتىرىلەپ قويۇشتىن باشقا ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىغا قارشى بىر جىددىي ھەرىكەتتىن دېرەك بەرمەيدىكەن. بۇ خادىم ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەيدىز ۋەزىيىتىنى سۆرەتلەپ" ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان ئۇيغۇرلار پەۋقۇلئاددە كۆپ، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ 90%تىن كۆپرەكى ئۇيغۇرلار، نۆۋەتتەئەيدىز ۋەزىيىتى خۇددى تېگى يوق قۇدۇققا ئوخشايدۇ " دەپ ئەندىشىسىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكىدىكى خەلقئارا ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورنى 2 - ئىيۇن كۈنى ۋاشىنگتوندا خىتاينىڭ ئەيدىز ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى. دوكلاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا ھازىر ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى تەخمىنەن 9 يۈز مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلى ئەيدىز ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقى جەھەتتە خىتاي بۇيىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن.
تەنقىد ۋە تەدبىر
خەلقئارا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمى باشلىقى بېيتس گىل بىر تەرەپتىن، ئەيدىز كېسىلىنى ئەزەلدىن چەتئەللىكلەرنىڭ كېسىلى دەپ قاراپ كەلگەن خىتاينىڭ تۇنجى قېتىم ئەيدىز ئەھۋالىنى ئېتىراپ قىلىشىنىڭ بىر ياخشى بېسىلغان قەدەم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن، خىتايدىكى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ سانى بىر مىليونغا يېقىنلىشاي دېگەن تۇرۇقلۇق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىر ئۈنۈملۈك چارە قوللانمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، زەھەرلىك چېكىملىكنى تومۇردىن ئۇرۇش ئەھۋالىنىڭ ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە ئىنتايىن ئېغىر مەسىلە بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ رايونغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەندىن باشقا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە ياخشى ئېتىبار بەرمەسلىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدا تېخىمۇ ئېغىرراق ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى. گىل ئەپەندى گەرچە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى ئېتىراپ قىلسىمۇ، ئەمما بۇ زىددىيەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەيدىز ئەھۋالىغا سەل قارىشىغا سەۋەب بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
خىتاينىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا جىددىي ۋە ئۈنۈملۈك تەدبىر ئالمىغانلىقى، جەمئىيەت بىخەتەرلىكىدىكى پوزىتسىيىسى خەلقارا جەمئىيەت تەرىپىدىن داۋاملىق تەنقىدكە ئۇچراپ كەلمەكتە. شۇنداقلا بۇ ئەھۋال ئۇيغۇر ئېلىدە تېخىمۇ روشەن ئىپادىلەنمەكتە.
ئىلگىرى ئامېرىكىلىق ئۇيغۇرشۇناس دوكتۇر جاستىن رودېلسون ئەپەندى ئۇيغۇرلارغا كېلىدىغان مىللىي خەۋپ خىتاينىڭ سىياسىي زىيانكەشلىكىدىن كۆپرەك ئەيدىزنىڭ تەھدىتى ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.
يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، خەلقئارالىق ئەيدىز فوندى جەمئىيەتلىرى ھەمدەئاۋستىرالىيە، ئامېرىكا قاتارلىق باشقا ئەللەردىكى سەھىيە ئورگانلىرىنىڭ ياردەم تۈرلىرى بىلەن گەرچە ئۇيغۇر ئېلىدە دەسلەپكى قەدەمدە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات ئىشلىرى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئەيدىزلەرگە قارىتا داۋالاش، پاراۋانلىق تۈرلىرى يولغا قويۇلمىغان ئىدى. -16 ئاۋغۇست تەڭرىتاغ تورىنىڭ بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ 30 - قېتىملىق دائىمىي ھەيئەتلەر يىغىنىدا تۇنجى قېتىم ئەيدىزلەرگە قارىتا تۈرلەر بۇيىچە مەبلەغ ئاجرىتىش ھەققىدە " ئەيدىزلەردىن تۆتنى بىكار قىلىش بىر تۈردە كۆڭۈل بۆلۈش" دەپ ئاتالغان سىياسەتنى بېكىتكەن.
بۇ سىياسەت بۇيىچە يېزا - كەنتلەردىكى ئېغىر ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىغا ھەقسىز تەكشۈرۈش ھەم داۋالاش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارىدىكەن. تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمان قىلىدىكەن ھەمدە بۇ تۈرلەرنى بەش يىللىق پىلان ئىچىگە كىرگۈزۈپ، ھۆكۈمەت ھەمدە سەھىيە ئورۇنلىرىنىڭ نازارىتى بىلەن جىددىي ئىجرا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرماقچى ئىكەن. (گۈلچېھرە)