
ئەيدىز كېسىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئەمدى پاھىشىلەر، زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر ۋە ئۆز - ئارا مۇھەببەتلىشىدىغان ئوخشاش جىنىسلىقلار ئارىسىدا ئۆز ئارا بىر - بىرىگە يۇقتۇرۇدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىك بولۇشتىن ھالقىپ كەتتى. خىتاي سەھىيە دائىرىلىرىنىڭ يېقىندا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، رايوندا ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش شەكلىدە ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن.
ئەيدىز، ئەر - ئاياللار جىنسىي مۇناسىۋىتى بىلەن تارقىلىۋاتقان كېسەللىككە ئايلاندى
خىتاي دائىرىلىرى ئەيدىزنى نورمال پۇقرالار ئارىسىدا ئەر - ئاياللار جىنسىي مۇناسىۋىتى بىلەن تارقىلىۋاتقان كېسەللىككە ئايلاندى، دەپ كۆرسەتمەكتە. خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خې ياڭ، رايوندىكى بۇ ۋەزىيەتنى "ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش شەكلى ئافرىقىلاشماقتا" دەپ تەسۋىرلىدى.
ئافرىقا دۇنيا بويىچە ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئەڭ كۆپ قىتئە ھېسابلىنىدۇ. ئافرىقىنىڭ تۆۋەن سەھرايى كەبىر رايونىدىكى دۆلەتلەردە ئاياللارنىڭ 58 % ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بولسا، بوتسۋانا، لېسوتو، سۋىزىلاند، زىمبابوۋى قاتارلىق دۆلەتلەردە ئاياللارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى 30 % گە يېتىدۇ. ئافرىقىدا ئەيدىز ئاساسلىقى جىنسىي مۇناسىۋەت يولى بىلەن تارقالماقتا.
خې ياڭ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھەر كۈنى 17 كىشىنىڭ ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىۋاتقانلىقىنى ۋە ئىلىدا ھەر 100 ھامىلدار ئايالنىڭ بىرى ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقتۇرۇۋالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ،" بىزنىڭ ئىلى ۋىلايىتىدە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىلىدا ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى 1 % گە يېتىپ، ھەر 100 ئايالنىڭ بىرى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان" دەيدۇ.
ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ ئېغىر تەھدىت
قان بىلەن يۇقۇش ئىچكىرى ئۆلكىلەردە بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان ئەھۋال. لېكىن شىنجاڭدا ئەيدىز كۆپ ھاللاردا جىنسىي مۇناسىۋەت بىلەن يۇقۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. كىشىلەر زەھەرلىك چېكىملىك چېكىپ، سىرتتا پاھىشىۋازلىق قىلىپ ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقتۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئايالى ياكى قىز دوستى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش جەريانىدا ئۇلارغا يۇقتۇرىدىغان ئەھۋاللار كۆپ ئۇچرايدۇ.
ئامېرىكىدا ياشايدىغان دوختۇر ماھىنۇر بارات خانىم، بۇ ئەھۋالنى ئۇيغۇرنىڭ جىسمانىي سالامەتلىكى دۇچ كېلىۋاتقان جىددىي تراگېدىيە" دەيدۇ ئامېرىكىلىق ئۇيغۇرشۇناس جاستىن رودېلسون ئىلگىرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بىر ئىسپات بېرىش يىغىنىدا ئەيدىز مەسىلىسىنى "مېنىڭچە ئەيدىز كېسىلى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان خىتاينىڭ سىياسىي زۇلۇمىدىنمۇ ئېغىر تەھدىت" دەپ تەكىتلىگەن ئىدى.
خې ياڭ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەيدىز ۋەزىيىتى ناھايىتى ئېغىر ۋەزىيەتكە دۇچ كەلمەكتە، بۇ ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىشى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. ئۇنىڭ يىتەكچىلىكىدىكى خىتاي دۆلەت كابىنتى ئەيدىز كېسىلى خىزمەت كومىتېتىنىڭ بىر لېكسىيە ئۆمىكى ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. خې ياڭ، 2006 - يىلى 6 - ئاينىڭ - 30 كۈنىگىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تىزىملىكتىكى ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقتۇرۇۋالغۇچىلارنىڭ 16 مىڭ 35 كىشىگە يېتىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئەيدىز كېسىلىگە قارشى تۇرۇشنىڭ چارە - تەدبىرى سۈپىتىدە بەزمىخانا ۋە پاھىشىخانىلاردا خېرىدارلارغا جىنسىي قاپچۇقى تارقىتىش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرماقتا.
ئەخلاقتىكى بۇزۇلۇش ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنى تىزلەتمەكتە
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى قار لەيلىسى ئەيدىز كېسىلى پروگراممىسىنىڭ مۇدىرى چاڭ كۈن، رادىئومىزغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەيدىز ئەھۋالى ھەققىدە توختالدى. ئۇ، "قان بىلەن يۇقۇش ئىچكىرى ئۆلكىلەردە بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان ئەھۋال. لېكىن شىنجاڭدا ئەيدىز كۆپ ھاللاردا جىنسىي مۇناسىۋەت بىلەن يۇقۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. كىشىلەر زەھەرلىك چېكىملىك چېكىپ، سىرتتا پاھىشىۋازلىق قىلىپ ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقتۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئايالى ياكى قىز دوستى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش جەريانىدا ئۇلارغا يۇقتۇرىدىغان ئەھۋاللار كۆپ ئۇچرايدۇ" دەپ كۆرسەتتى.
خې ياڭ، ئىلىدىكى ھامىلدار ئاياللارغا ئەيدىز ۋىرۇسىنى زەھەرلىك چېكىملىك چېكىدىغان ئەرلىرى يۇقتۇرغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، 2005 - يىلى ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقتۇرۇۋالغان كىشىلەرنىڭ 48 % ئەيدىزنى جىنسىي مۇناسىۋەت يولى بىلەن يۇقتۇرۇۋالغان. خې ياڭ، بۇ كېسەللىكنىڭ ئەمدى ئافرىقىغا ئوخشاش جىنسىي يوللار بىلەن تارقىلىدىغان كېسەللىككە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتايدىكى 650 مىڭ ئەيدىز بىمارىنى دورا بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بېشىنى قاتۇرۇۋاتقان جىددىي مەسىلە بولۇپ قالدى. خې ياڭنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بەزى خەلقئارا دورا شىركەتلىرى بىلەن بۇ مەسىلە ئۈستىدە سۆزلەشمەكتە ئىكەن.
كىشىلەرنى ئەندىشىگە سالىدىغىنى تۇغۇت ئالدىدىكى ھامىلدار ئاياللارغا جىددىي تەدبىر قوللانمىسا، تۇغۇلغان بوۋاقلار ئەيدىز ۋىرۇسىدا يۇقۇملانغۇچىلار سېپىگە قوشۇلۇشى مۇمكىن. چاڭ كۈن، "ئۆسمۈرلەرنىڭ دورىسى مەسىلىسىدە بىزنىڭچە جۇڭگو چوقۇم بالىلارغا ئىشلىتىدىغان ئەيدىز دورىسىنى ياساپ چىقىشىنى، بالىلار دورىسىنىڭ مۇۋاپىق نىسبەتنى ئىگىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقتۇرۇۋالغان ئاياللار ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تۇغماسلىقى كېرەك. ئەگەر ھامىلدار بولۇپ قالسا، بوۋاقنى ئاسراش تەدبىرلىرىنى ئېلىپ، بوۋاقنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىدا يۇقۇملىنىشىدىن ساقلىنىش كېرەك" دەيدۇ. (ئەركىن)