
بۇ يىلقى دۇنيا ئەيدىز كۈنىنىڭ باش تېمىسى "ئەيدىزنى تىزگىنلەپ، ۋەدىمىزدە تۇرايلى" دېگەن شۇئار بولۇپ، بۇ كۈننىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى كوفى ئاننان ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنى ئۆز ۋەدىلىرىدە تۇرۇپ، ئەيدىزنى تىزگىنلەپ، ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، جەمئىيەتتىكى ئاجىز تەبىقىلەرنى قوغداشقا چاقىردى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا ئەيدىز كۈنى ئېلان قىلغان 2006 - يىللىق دوكلاتىدا، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى تارقىلىش ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر بولۇۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ خىتايدىكى ئەيدىز ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ جىددىي ھالەتكە يەتكەنلىكى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ ھەقتە خىتاي ھۆكۈمىتى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.
دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، 25 يىلدىن بۇيان، دۇنيادا 25 مىليون ئادەم ئەيدىز كېسىلى تۈپەيلىدىن ئۆلگەن ھەمدە 40 مىليون ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان. ئاسىيا رايونىدا بولسا، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى8 مىليون 600 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، خىتايدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ ئۆزىلا 650 مىڭدىن ئاشقان ھەمدە كۆپىيىش نىسبىتى بىر يىل ئىچىدە 30 % ئۆرلىگەن.
بۇ قېتىمقى دۇنيا ئەيدىز كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىمۇ مەزكۇر دۆلەتتىكى ئەيدىز ئاپىتىنىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى ئېغىر ھالەتتە ئىكەنلىكىگە ئىقرار بولغان ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز ئاپىتىنىڭمۇ ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا تېخىمۇ بەك ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.
نيۇيوركتىكى مېدىتسىنا تەتقىقاتچىسى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز مەسىلىسى ھەققىدە ئىزچىل تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان دوكتور مۇھەممەت ئىمىن ئەپەندى دۇنيا ئەيدىز كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.