ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ئاياللار تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشكە مۇھتاج
2005.07.12
بۇ يىل دۇنيا مىقياسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش پائالىيەتلىرىدە ئاياللارنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىشىنىڭ ئاَلدىنى ئېلىشقا بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈش كۆپرەك تەشەببۇس قىلىنماقتا. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تەكشۈرۈشلىرىدىن مەلۇمكى، ئون يىلنىڭ ئالدىدا دۇنيادا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 38٪ نى ئاياللار ئىگىلەيتتى. بۈگۈنگە كەلگەندە، پۈتۈن دۇنيادىكى ئەيدىزلەرنىڭ يېرىمىدىنمۇ كۆپرەكىنى ئاياللار ئىگىلىمەكتە.
بولۇپمۇ، 15 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغان ياش ئاياللارنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىشى ئوخشاش ياشتىكى ئەرلەردىن بىر ھەسسە يۇقىرى تۇرماقتا.
ئاياللارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى ئاشماقتا
خىتايدا 1985 - يىلى تۇنجى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچى بايقالغاندىن ئېتىبارەن، ئەيدىز پۈتۈن خىتايدا شىددەت بىلەن تارقىلىپ، ھازىرغىچە 31 ئۆلكە، ئاپتونۇم رايون ھەم شەھەرلەرگىچە يامرىدى.
خىتاي سەھىيە تارماقلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بولۇپمۇ يېقىنقى بەش يىلدا ئاياللارنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى تېز ئاشقان بولۇپ 2001- يىلىدىكى تەكشۈرۈشتىن، خىتايدىكى ئەيدىزلەرنىڭ 44.1٪ ئى ئاياللار بولغان بولسا، 2005 - يىلىغا كەلگەندە 55٪ كە يەتكەن.
ئەيدىزلەر نىسبىتى ئىچىدە ئاياللار يۇقىرى ساننى ئىگىلىگەندىن سىرت، تەكشۈرۈشلەردىن مەلۇمكى كۆپ نىسبەتتىكى ئاياللار بولۇپمۇ يېزا نوپوسىدىكى ئاياللار ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە ساۋاتقا ئىگە ئەمەس ئىكەن.
مۇتەخەسىسسلەر، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش ئېڭىنىڭ تۆۋەن بولۇشىمۇ ئاياللارنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىشىنىڭ ئېغىر بولىشىدىكى بىر سەۋەب دەپ قارىماقتا.
11 - ئىيۇل خەلقارا نوپۇس كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي تەشۋىقات مىنىستىرلىقى ھەمدە سەھىيە تارماقلىرى خىتاي مىقياسىدا ئاياللارنىڭ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئەيدىزنىڭ يۇقۇشىدىكى ئاساسلىق ئامىل – جىنسىي مۇناسىۋەت
دۇنيا سەھىيە ئورۇنلىرىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ئاياللارنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىشى ئاساسەن جىنسىي ئالاقە ۋاستىسى بىلەن بولماقتا ئىكەن. ئەيدىز مۇتەخەسسىسلىرى نۆۋەتتە، ئاياللارنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتىنىڭ يۇقۇرىلىشى بۇنىڭغا ئەگىشىپ بالىلاردا ئەيدىزنىڭ سانىنىڭمۇ يۇقۇرلىشىدەك ئېغىر بىر ۋەزىيەتتىن ئەندىشە تۇيماقتا. شۇنداقلا ئاياللارنى ئەيدىزدىن ساقلاش پۈتۈن دۇنيا نوپوسىغا مۇناسىۋەتلىك ھالقىلىق مەسىلە دەپ جىددىي قارىماقتا.
جۈملىدىن، ئۇيغۇر رايونى خىتايدىكى ئەيدىزلەر سانى جەھەتتە يۈننەندىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرۇپ كەلمەكتە. ئۇيغۇر رايونى سەھىيە نازارىتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە 2001 - يىلى ئەيدىزلەرنىڭ يەتتىدىن بىرىنى ئاياللار ئىگىللىگەن بولسا، 2003 - يىلىغا كەلگەندە، ئەيدىزلەرنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئاياللار تەشكىل قىلغان. ئۇيغۇر رايونى سەھىيە نازارىتىنىڭ كۈزۈتىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا ئەيدىزلەر سانى 1000 دىن ئېشىپ بارماقتا ئىكەن.
ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تەشكىللەنگەن ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن ئىگە بىلىشىمىزچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە بايقالغان ئەيدىزلەرنىڭ 90٪ تىن كۆپرەكى ئۇيغۇرلار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ياشلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى يۇقىرى ئىكەن، شۇنداقلا ئۇلار ئاساسەن زەھەرلىك چېكىملىكنى ئورتا ق ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش ئارقىلىق يۇقتىرىۋالغانلار ئىكەن.
ياش قىز ۋە ئاياللارنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى يېقىنقى يىللاردىن بېرى بارغانچە ئېشىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي ياكى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر بۇ ھەقتە ئېنىق مەلۇمات ئېلان قىلماي كەلمەكتە.
ئەھۋالنى يوشۇرۇش، ئەيدىزنىڭ تېخىمۇ تىز تارقىلىشىغا تۈرتكە بولماقتا
ئەمما، رادىئومىزغا تېلېفون قىلغان بەزى ئۇيغۇرلار، نۇرغۇن ياش يىگىت - قىزلارنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان غەيرى كېسەللىكلەر بىلەن ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا، كىشىلەرنىڭ ئەيدىزدىن يىرگىنىش كەيپىياتى كۈچلۈك بولغاچقا، ئەيدىزلەرنى ئائىلە ھەم جەمئىيەتنىڭ يۇشۇرىدىغانلىقىنى، بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ئەيدىزنىڭ تېخىمۇ تېز تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرمەكتە.
بىز ئۇيغۇر رايونىدا ئاياللارنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش سۈرئىتىنىڭ تېز بولىۋاتقانلىق سەۋەبلىرىگە جاۋاب ئېلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر رايونى ئەيدىز مەسىلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراش ئورنىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، بىر خادىم ئۇيغۇر رايونىدا نۆۋەتتە ئاياللارنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتىنىڭ تېز سۈرئەتتە يۇقۇرلىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بېرىپ مۇنداق دېگەن ئىدى:
"ئۇيغۇر رايونىلا ئەمەس، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئاياللارنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىشى بارغانچە كۆپەيمەكتە. ئاساسەن جىنسى ئالاقە يۇقتۇرىۋېلىش يولى بولماقتا. مەسىلەن، بىر ئەيدىز ئەرنىڭ بىر ئايال ھەمراسى بار دەپ قارىساقمۇ، ئاياللار ئەيدىزنىڭ ۋاستىلىق قۇربانىغا ئايلىنىپ يىلدىن - يىلغا كۆپەيمەكتە".
مەسۇلىيەتچانلىق ئېڭى ئاجىز
ئۇ يەنە ئاياللارنىڭ ئاساسەن ئۆزى بىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئەيدىزنى يۇقتۇرىۋالىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بۇندا ق زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىدا ئۇلارنىڭ جىنسىي ھەمرالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
"ئەيدىز يۇقۇملۇق كېسەللىك خاراكتېرى بولغان بىلەن خېلى بىر مەزگىلگىچە ئۇنىڭ كېسەللىك ئالامىتى ئېنىق كۆرۈلمەيدۇ، پەقەت دوختۇرخانىلاردا تەكشۈرۈلۈپ ئېنىقلانغاندىن كېيىن بىلگىلى بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ئەيدىز بولغان تەرەپ چوقۇم ھەمرايىغا ئۆزىنىڭ ئەيدىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش مەسئۇلىيىتى بار. بولمىسا بۇ بىر زىيانكەشلىك ھېسابلىنىدۇ".
بىز پەقەت ھەر خىل تەشۋىقات تەربىيە خىزمەتلىرى بىلەن بۇ تارقىلىش تېزلىكىنى ئاستىلىتىلىشىمىز مۇمكىن، بىراقلا بۇنىڭ تارىلىشىنى توسىيالمايمىز، بۇنىڭغا قۇربىمىز يەتمەيدۇ. چۈنكى بۇ ئادەملەرنىڭ مەسئۇلىيەت ئېڭىغىمۇ باغلىق.
نۆۋەتتە، دۇنيا خاراكتېرىدە ئاياللارنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تارماقلىرى ھەم مۇتەخەسسىسلەر بىردەك "ئەيدىزنىڭ ئېغىرلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، چوقۇم ئاياللارغا بولغان كۆڭۈل بۆلۈشنى كۈچەيتىش، ئۇلارنىڭ ئورنىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك، ئاياللار ئۆزىگە ياخشى قارىغاندىلا ئاندىن ئائىلىسى ھەم بالىلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ. ئاياللارنى ھەقسىزلىككە، باسقۇنچىلىققا، خەتەرگە ئۇچراشتىن قوغدىمىغاندا، ئايال ۋە بالىلارنىڭ ساقلىقىغا كاپالەتلىك قىلمىغاندا، ئەيدىزنىڭ پۈتۈن دۇنيادا ئەۋج ئېلىشىنى توسۇپ قېلىش مۇمكىن ئەمەس" دەپ تەكىتلىمەكتە. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ياپونىيىدە ئېچىلغان خەلقئارا ئەيدىز يىغىنى ئاياقلاشتى
- خىتايدىكى زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنىڭ سانى 790 مىڭغا يەتتى
- خىتايدىكى ئەيدىز گۇرۇپپىلىرى شەخسى مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئەيدىز پائالىيەتچىلىرىنىڭ ھەرىكىتىگە توسقۇنلۇق قىلماقتا
- ئامېرىكا، خىتايغا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن 30 مىليون دوللار ياردەم قىلماقچى