2007 - يىلى خىتايدا قان ۋە جىنسىي يوللار بىلەن AIDS يۇقتۇرۇۋالغۇچىلار جىددىي كۆپەيدى
-
2008-02-26 -
-
-
Your browser doesn’t support HTML5 audio
خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى تور بېتىدە ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى مەلۇماتتا، قان ۋە جىنسىي يوللار بىلەن يۇقۇدىغان كېسەللىكلەر ئىچىدە ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش نىسبىتى خىتايدا 2007 - يىلى ئالدىنقى يىلغا قارىغاندا 45.4 پىرسەنت كۆپەيگەنلىكىنى، سىفلىس كېسىلىنىڭ بولسا 24.09 پىرسەنت ئاشقانلىقىنى تەكىتلىگەن. لېكىن مەلۇماتتا ئەيدىزنىڭ ھەر قايسى ئۆلكە - ئاپتونوم رايونلاردىكى كۆپىيىش ئەھۋالىنى تىلغا ئالمىدى. بەزى مۇتەخەسسىسلەر جىنسىي قاناللار بىلەن يۇقۇدىغان كېسەللىكلەر ئىچىدە 2007 - يىلى ئەيدىز ۋە سىفلىس كېسىلىنىڭ زور كۆلەمدە كۆپىيىشىدە كۆپ تەرەپلىمىلىك سەۋەبلەر بولسىمۇ، لېكىن بۇلارنىڭ ئىچىدە مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى سەھىيە داۋالاش سېستىمىسى ئىسلاھاتىنىڭ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىشىدۇر، دەپ قارىماقتا.
" خىتايدا زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر ياردەمگە ئېرىشەلمەيدۇ"
ئامېرىكا سالامەتلىك ئېڭىنى ئۆستۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى لۇڭ يۈيبىڭ بۇ قاراشتىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى. ئۇ رادىئومىزغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى باياناتىدا مۇنداق دەيدۇ: " ئۆتكەنكى 50 يىلغا نەزەر سالغىنىڭىزدا، جۇڭگودا پاھىشىلەر يوق ئىدى. يۇقىرىقى جىنسىي كېسەللىكلەرنى ئۇچراتمايتىڭىز. ئەيدىز تەھدىتى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا بايقالغاندا جۇڭگودا يوق ئىدى.
تېخنىكا جەھەتتىن ئېيتقاندا، جۇڭگونىڭ سەھىيە ئورگانلىرى، داۋالاش سېستىمىسى بولماي قالدى. ھەتتا بىرلەشمە داۋالاش، يالاڭ ئاياغ دوختۇر دەيدىغان نەرسىلەر قالمىدى. كىشىلەرنىڭ دوختۇرغا كۆرۈنەي دىسە پۇلى يوق. گەرچە داۋالاش ئەسلىھەلىرى ناھايىتى تەرەققى قىلغان بولسىمۇ، لېكىن داۋالاش راسخودىنىڭ %90 ى خىيانەتچى ئەمەلدارلارنىڭ چۆنتىكىگە چۈشۈپ كېتىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. داۋالاش راسخوتىغا ھەقىقىي تۈردە ئېھتىياجى بارلار، مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تېگىشلىكلەر زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر، لېكىن ئۇلارنى بۇ ياردەمگە ئېرىشىۋاتىدۇ، دېگىلى بولمايدۇ."
" ئەيدىز ئۇيغۇرلاردا بولۇپمۇ، ھامىلدار ئاياللاردا تېز كېڭىيىۋاتىدۇ"
ئۇيغۇر ئىلى خىتايدىكى ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار ئىچىدە ئەيدىز ۋىرۇسى ئەڭ تېز كېڭىيىۋاتقان جايلارنىڭ بىرىدۇر. ئامېرىكىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدىكى كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تىببىي مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى مۇھەممەت ئەپەندى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ جىنسىي قاناللار بىلەن تارقىلىش مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى. ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئىستراتېگىيە ۋە خەلقئارا تەتقىقات مەركىزى 2007 - يىلى ئېلان قىلغان بىر دوكلاتتا ئەيدىزنىڭ ئۇيغۇرلاردا بولۇپمۇ ئۇيغۇر ھامىلدار ئاياللاردا تېز كېڭىيىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، غۇلجىدا ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئاز دېگەندە %3 ى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى، بۇ نىسبەتنىڭ قەشقەردە ئاز دېگەندە %4 گە يېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مۇھەممەت ئەپەندىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەيدىزنىڭ ئۇيغۇرلارغا جىنسىي يوللار بىلەن يۇقۇش خەۋپى ئېغىر بولۇپ، بۇ ۋەزىيەت ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئىجتىمائىي ۋە ئەخلاقىي كرىزىس بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەيدىز بىمارلىرىنى داۋالاش مەسىلىسى خىتاينىڭ ھازىرقى مەۋجۈت سەھىيە داۋالاش سېستىمىسىدا ھەل قىلىش قىيىنغا چۈشۈۋاتقان مەسىلە. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي جەمئىيىتىدە ئەيدىز بىمارلىرىنى كەمسىتىش ياكى چەتكە قېقىش خاھىشى ئېغىر بولۇپ، بۇ ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقتۇرۇۋالغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ياكى دوختۇرغا تەكشۈرتىشىگە توسالغۇ بولماقتا.
" زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچى ئەيدىز بىمارلىرىنى يىغىۋېلىپ داۋالاش كېرەك"
شەنشى خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ باش دوختۇرى جىن فۇشىڭ، ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ئىچىدىكى زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنى يىغىۋېلىشنى تەشەببۇس قىلغۇچى خىتاي دوختۇرلارنىڭ بىرى. ئۇ،"مېنىڭ شەخسىي قارىشىمچە، غەربنىڭ ئۇسۇلىنى پۈتۈنلەي ئۈلگە قىلغىلى بولمايدۇ.
ئەگەر ھازىرقى ئۆلچەم ئاساس قىلىنسا ئۇلارغا گاندۇن تارقىتىپ بەرمىسەك، ئۇلارغا تەلىم - تەربىيە بەرمىسەك ئەيدىزنى تىزگىنلىيەلمەسلىكىمىز مۇمكىن. بىز ئۇلارنى يىغىلىۋېلىشىمىز، زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچى ئەيدىز بىمارلىرىنى يىغىۋېلىش مەركەزلىرىدە ياكى ئەيدىز كەنتلىرىدە ئايرىم تۇتۇشىمىز كېرەك. بۇ ئۇسۇلنى قوللانغاندىلا مەسىلە ھەل بولىدۇ. ئامېرىكا ياكى غەربنىڭ ئۇسۇلى بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلالمايمىز." دەيدۇ.
" خىتاي جەمئىيىتى ئىجتىمائىي ئەخلاقنىڭ چۆكۈش دەۋرىدە تۇرماقتا"
لېكىن ئامېرىكا كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مۇھەممەت ئەپەندى بولسا ئەيدىز بىمارلىرىنى يىغىۋېلىشقا قارشى تۇردى. ئۇ، ئەيدىز بىمارلىرىنى يىغىۋېلىشنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا توغرا كەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ،"ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقتۇرۇۋالغان قانۇنسىز ئۇنسۇرلار بىلەن ئادەتتىكى ئەيدىز بىمارلىرىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلغىلى بولمايدۇ،" دەپ قارىماقتا.
ئامېرىكا سالامەتلىك ئېڭىنى ئۆستۈرۈش جەمئىيىتىدىكى لۇڭ يۈيبىڭ،"نۆۋەتتىكى خىتاي جەمئىيىتى ئىجتىمائىي ئەخلاقنىڭ چۆكۈش دەۋرىدە تۇرماقتا" دەيدۇ. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئادەملەردىكى ئەخلاقىي چەك - چېگرانىڭ بۇزۇلۇشى ۋە مەنىۋىي گادايلىق جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ كۆپىيىشىگە سەۋەبچى بولۇۋاتقان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرىدۇر. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر ئېلىدە قىزىل كېسەللىكى يەنىمۇ كۆپ جانغا زامىن بولماقتا
- مۇتەخەسسىسلەر: ئەيدىز ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىدا جىنسىي زوراۋانلىقنىڭ رولى بار
- ئۇيغۇرلاردا ئەيدىز ۋىرۇسى شىددەت بىلەن تارقالماقتا
- دۇنيا ئەيدىز كۈنىدە تەتقىقاتچى دوختۇر مەمتىمىن بىلەن سۆھبەت
- ئۇيغۇر ئېلىدە" ئەيدىز " ساراسىمى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلار بىرلەشمە كومىتېتى 2007- يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلدى (4)
- ئەيدىز ئۇيغۇر خەلقىگە چاڭگال سالماقتا
- ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزنىڭ يامرىشىنى كونترول قىلىشتا كېچىكىپ بېسىلغان بىر قەدەم
- "ئەيدىز ئاشخانىلاردا "دىن ساراسىمگە چۈشۈشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟
- زەھەر تاشلىغۇچى: "ئىرادىلىك بولسىڭىز زەھەرلىك چېكىملىكنى چوقۇم تاشلىيالايسىز..."
- مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز بىمارلىرى دۇچ كېلىۋاتقان كەمسىتىش مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى
- ئەيدىز بىمارلىرى خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە زور كەمستىشلەرگە دۇچ كەلمەكتە
- ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆلۈش سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ گۆشى بايقالدى
- داڭلىق ئەيدىز پائالىيەتچىسى گاۋ ياۋجيې رادىئومىزغا كېلىپ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى
- ئەيدىز پائالىيەتچىسى گاۋ ياۋجېنىڭ مۇكاپات تاپشۇرۋىلىشىغا رۇخسەت قىلىندى