ئەيدىز بىلەن ئېلىشىۋاتقان ئايال
2006.05.18
ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىنقى ئون يىل ئىچىدە ئەيدىزنىڭ يامرىشى كىشىنى چۈچۈتكىدەك دەرىجىگە يېتىپ باردى. ئىلگىرى پەقەت ئۈرۈمچى، ئىلى، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا ئاساسلىق زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەردە بايقالغان بولسا، نۆۋەتتە ئەيدىز ۋاباسى ئۇيغۇر ئېلىدىكى 15 شەھەر ھەم ئوبلاست، ئوتتۇز نەچچە ناھىيە، يېزىلارغىچە تارقالدى. زەھەرلىك چېكىملىكنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش ئارقىلىق ئەيدىزنى يۇقتۇرۇۋالغان ئەرلەردىن باشقا ھەتتا ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ھەمدە بالىلىرىمۇ ۋاسىتىلىق ھالدا ئەيدىزنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلانماقتا. ئۇيغۇر ئېلىدە ياشاۋاتقان كىشىلە ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئۆز ئەتراپىدىلا پىرقىراپ يۈرىۋاتقانلىقىدەك بۇ رېئاللىقنى قوبۇل قىلماي ئامالى يوق. ئىلىدا تۇنجى ئەيدىز بايقالغاندىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر 10 يىل داۋامىدا، بۇ رايون ئىزچىل ھالدا زەھەرلىك چېكىملىك ھەمدە ئەيدىز ۋاباسى ئېغىر دەرىجىدە تارقالغان جىددىي ۋەزىيەتتە تۇرماقتا.
مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئېلان قىلغان ستاتىستىكىلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، نۆۋەتتە ئىلىدا بايقالغان ئەيدىزلەرنىڭ 90% تىن كۆپرەكى ئۇيغۇرلار ئىكەن شۇنداقلا ئەيدىزنىڭ يۇقۇملىنىش يوللىرى ئاساسەن زەھەرلىك چېكىملىكنى ئوخشاش شپىرىستا ئوكۇل قىلىش، جىنىسىي مۇناسىۋەت بولۇپ، يېقىندا يەنە، ئانىدىن بالىغا يۇقۇش مىساللىرىمۇ كۆرۈلمەكتە ئىكەن.
ئەيدىزگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ دائىرىسى كەڭ
غۇلجا شەھەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش پونكىتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، نۆۋەتتە ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش پەقەت زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچى ياش ئەرلەر ھەمدە قالايمىقان جىنىسىي مۇناسىۋەتتە بولغۇچىلاردىلا كۆرۈلۈپ قالماي، زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچى، ئەيدىزلەرنىڭ ئاياللىرىدىمۇ يۇقۇملىنىش نىسبىتىنىڭ بارغانچە ئۆرلەۋاتقانلىقى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى ئەندىشىگە سالماقتا ئىكەن. بەزى پاك ئىپپەتلىك ياش ئاياللارمۇ، بىگۇناھ نارسىدە بالىلارمۇ ئۆزى بىلمىگەن ھالدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ئېچىنىشلىق تەقدىر - قىسمەتلەرگە يولۇقماقتا ئىكەن.
ئىنسانىي جەمئىيەتتە، ئەيدىز يۇقتۇرۇۋالغاندىن كېيىن، بۇ قورقۇنچلۇق رېئاللىققا بەرداشلىق بېرەلمەي روھىي جەھەتتىن تۈگەشكەنلەرمۇ ۋە يەنە ھاياتقا بولغان تەلپۈنۈشىنىڭ كۈچى بىلەن بۇ رېئاللىقنى قەيسەرلىك قوبۇل قىلىپ، تۈرلۈك ئازابلارغا تاقابىل تۇرغۇچى ئىرادىلىك كىشىلەرمۇ بار.
ئەمەلىيەتكە يۈزلەنگەن ئايال
غۇلجىدا ئۈچ بالىنىڭ ئانىسى بولغان گۈلشەن ئىسىملىك ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىر يالغۇز ئانا، مانا ئۇ شۇنداق بەختسىز ئەمما قەيسەر ھەم مېھىر-شەپقەتلىك بىر ئايال. ئۇ بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى غۇلجا شەھەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئورنى تەرىپىدىن زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ھەمدە بالىلىرىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان. ئۇ شۇ چاغدا زەھەرلىك چېكىملىك سەۋەبىدىن ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغان ئېرىنىڭ ئۆز بالىلىرىغا پۈتمەس- تۈگىمەس دەرت -ئەلەمدىن باشقا، بۇ ئىپلاس كېسەلنى، ئۆزىگە داۋاملىق ئەگىشىپ يۈرۈيدىغان ئەزرائىلنى ئۆزىگە قالدۇرۇپ كېتىدىغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدى. ئۇ شۇ چاغدا ئەمدىلا 32 ياشقا كىرگەن ياش ئايال ئىدى ھەمدە ئۈچ بالا ئۇنىڭغا قاراشلىق تۇراتتى.
بىر يىل ئىلگىرى ئۇ غۇلجا تېلېۋىزىيىسىنىڭ زىيارىتىنى دادىل قوبۇل قىلىپ، ئۆزىگە ئوخشاش زەھەرلىك چېكىملىك ھەمدە ئەيدىزنىڭ ۋاسىتىلىق قۇربانلىرىغا ئايلىنىۋاتقان ئاياللارغا ئىلھام بەرگەن ھەمدە ئۆز كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق كىشىلەرنى زەھەرلىك چېكىملىكتىن ئىبرەت ئېلىشقا چاقىرغان.
ئازابلىق ئەسلىمە
گۈلشەن 1995 - يىلى قادىر بىلەن خۇددى باشقا قىز - يىگىتلەرگە ئوخشاش مۇھەببەتلىشىپ بەخىتلىك ئائىلە قۇرۇش ئۈچۈن توي قىلغان. كېيىن تاتلىققىنە بىر ئوغۇل پەرزەنتمۇ كۆرىدۇ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى باياشات دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، ئەمما بەختلىك ئىدى. ئەمما بۇ بەخت ئۇزۇنغا بارمىدى، چۈنكى قادىر، ئوغلى دۇنياغا كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئاق ئالۋاستىنىڭ ئارقىسىغا كىرىپ پۈتۈن بىساتى ئىككى قورو جايى ھەتتا ئۆيدىكى پۇلغا يارىغۇدەك ھەممە نېمىنى زەھەرگە تېگىشىپ قۇرۇتۇپ بولغان.
گۈلشەن ئېرىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىككە بېرىلىپ قالغانلىقىدىن ئازابلاندى، ئېرىغا يالۋۇردى، يىغلىدى، ئۇرۇشتى. بارلىق ئاماللارنى ئىشلىتىپمۇ ئۇنى بۇ يولدىن ياندۇرۇشقا قۇربى يەتمىدى، ئاجرىشىپ كېتەي دەپ تالاي قېتىم ئويلىغان بولسىمۇ، نارسىدە بالىلىرىنى ئاتىسىز قويۇشقا تېخىمۇ كۆڭلى ئۇنىمايتتى، ئاخىرى ئىككىنچى ئوغلىمۇ دۇنياغا كەلدى. قىرقى ئىچىدە يەنى 2000 - يىلى كۈز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ئاخىرى ئۇ ئەنسىرىگەن ئىش يۈز بەردى. كىشىلەر قادىرنىڭ زەھەرلىك چېكىملىكتىن قاتقان جەسىتىنى گۈلشەنباغ قەبرىستانلىقىدىن بايقىدى. شۇ چاغدا قادىرنىڭ بىلىكىدە زەھەر ئوكۇل قىلىدىغان شپىرىس سانجىقلىق تۇراتتى.
يېڭىلا بوشانغان گۈلشەن تۆت ياشلىق چوڭ ئوغلى يەنە يېڭى دۇنياغا كەلگەن بالىسى بىلەن ھېچقانداق كىرىم مەنبەسىز، ئىگە -چاقىسىز، ئىلاجىسىز قالدى. گۈلشەننىڭ ياشانغان ئاتا - ئانىسىمۇ ئۇزۇن ئۆتمەي قىزىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر كۈلپەتتىن ئىچى قان بولغان ھالدا ئارقا -ئارقىدىن بۇ ئالەمدىن خوشلاشتى.
گۈلشەن ئىشسىز ئەمما كىشىلەردىن ياردەم تىلەشنى نومۇس بىلدى، لېكىن بالىلىرىنى باقمىسا بولمايدۇ. ئۇ ئاخىرى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئەسكى - تۈسكىلەرنى يىغىپ بالىلىرىنى بېقىشقا كىرىشتى.
تاشلانغان بوۋاققا بېرىلگەن مېھر
گۈلشەن 2002 - يىلى ئەتىياز كۈنلىرىنىڭ بىر ئەتتىگىنىدە سەھەر تۇرۇپ باشقىلاردىن تېخىمۇ كۆپ پۇلغا يارايدىغان نەرسىلەرنى يىغىۋېلىشنى ئويلاپ يولدا كېتىۋاتقاندا، تام تۈۋىدىن چىققان بىر بوۋاقنىڭ نازۇك يىغا ئاۋازى ئۇنىڭ يۈرىكىنى تىترەتتى، ئۇ ئاۋاز چىققان تەرەپكە ئوقتەك ئېتىلدى. ئۇ يەردە ئانىسىنىڭ ئىمىتىشىگە تەشنا بىر قىز بوۋاق ياتاتتى. تۇغۇلغىنىغا ئۇزۇن بولمىغان بۇ بوۋاق گۈلشەنگە تەلمۈرۈپ يىغلايتتى. گۈلشەن بۇ بوۋاقنىڭ تاشلىۋېتىلگەن بوۋاق ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۇردى، بىراق باشقىسىنى ئويلاشتىن بۇرۇن بۇ بوۋاقنىڭ قوسىقىنى تويغۇزاي دەپ ئويلىدى-دە، ئۇنى قۇچاقلىغانچە ئۆيىگە ئېلىپ كەلدى. كېيىن ئۇ، بۇ بوۋاقنىڭ سالامئاي ئىسىملىك بىر ئەيدىزگە مۇپتىلا بولغان ئايالنىڭ تاشلىۋەتكەن قىزى ئىكەنلىكىنىمۇ بىلدى.
گەرچە گۈلشەن بۇ بوۋاقنى ئىقتىسادى ئەھۋالى ياخشىراق بىرەرسىنىڭ بېقىۋېلىشىنى كۈتۈپ كۆپ سۈرۈشتە قىلغان بولسىمۇ، بۇ بوۋاقنىڭ ئەيدىز ئانىنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ ھېچكىممۇ جۈرئەت قىلمىدى. ئەسكى - تۈسكىلەرنى سېتىپ ئاران دېگەندە ئىككى بالىسىنى بېقىپ كېلىۋاتقان گۈلشەنگە نىسبەتەن بۇ بىر جاننى بېقىش ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك بولغاندەك بىر ئىش بولسىمۇ، ئۇنىڭدىكى ئانىلىق مېھىر، ئادىمىي مېھرى- شەپقەت ئۇنى بۇ بىچارە نارەسىدىنى قوينىغا ئېلىشقا ئۇندىدى. پەقەت بىر نەچچە كاپام ئاشنى ئاز يېسەم پۈتۈدىغان ئىشقۇ، دەپ بۇ بوۋاقنى بېقىۋالدى ئەمما ئەمما تەقدىر ئۇ ئويلىغاندەك ئاددى ئەمەس ئەلۋەتتە.
پەرزەنتلەر ھاياتلىققا ئۈمىد
ئېرىنىڭ قالدۇرغان روھى ئازابلىرىنى، ئىقتىسادىي يۈكىنى ئاران - ئاران كۆتۈرۈپ دېگۈدەك ئۈچ بالىنى قاتارغا قوشۇش غېمىدە يۈرگەن گۈلشەنگە يەنە بەختسىزلىكلەر ئۈزۈلمەي كەلدى. ئۇنىڭغا غۇلجا شەھەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئورنى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ھەققىدە دىئاگنوز قويدى. بۇ خەۋەر ئۇنىڭغا نىسبەتەن بىر ئۆلۈم خېتىدەك، تەسۋىرلىگۈسىز كۆڭۈلسىزلىك ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىككى ئوغلى ھەمدە بېقىۋالغان قىزىنىڭ ئەيدىز ئەمەسلىكى ئۇنىڭغا زور تەسەللى ئىدى. گۈلشەن قانغۇچە يىغلىۋالدىن كېيىن يەنىلا ئۆزىگە تەسەللى بېرىپ ئانچە كۆپ ۋاقىت قالمىغان كەلگۈسىنىڭ غېمىنى يېيىشكە باشلىدى، ئۇنىڭ بالىلىرى تېخى كىچىك، چوڭ ئوغلى يەتتە ياشقا، كىچىك ئوغلى بەش ياشتا، بېقىۋالغان قىزى نۇرنىسا بولسا ئاران ئۈچ ياشتا.
گۈلشەن" مەن يەنە سەككىز - توققۇز يىل ئۆمۈر كۆرەلەيدىكەنمەن، ئۇنىڭغىچە چوڭ ئوغلۇممۇ كىچىكلىرىنىڭ خەۋىرىنى ئالغىدەك بولۇپ قالغۇدەك، كېسىلىم قوزغىلىشتىن بۇرۇن ئۇلارنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتمىسەم بولمايدۇ، كۆپرەك پۇل يىغىپ، ئۇلارنى ياخشى ئوقۇتۇپ، ئۇلارغا مەندىن قالسا قەيسەر ياشاشنى، قىيىنچىلىق ئىچىدە قانداق تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئۆگىتىشىم كېرەك" دېگەنلەرنى ئويلىدى-دە، يەنىلا ئۈچ بالىسىنىڭ ئالدىدا، بۇ ساقايماس كېسەل ئالدىدا، ئۆلۈمگە يېقىنلىشىۋاتقان بولسىمۇ قەيسەر بولۇش يولىنى تاللىۋالدى. ئۇ بىركۈنلا ھايات بولىدىكەنمەن، بىر كۈن بەرداشلىق بېرىمەن، بالىلىرىم ئالدىدا ئۈلگە بولۇپ، ئۇلارغا ھاياتنى قەدىرلەشنى ئۆگىتىمەن، ئۇلارغا ئانىلىق مېھرىمنى ھاياتىمنىڭ ئاخىرىغىچە بەخش ئېتىمەن دېگەن ئىرادە بىلەن ياشىماقتا.
بىراق غۇلجا شەھەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئورنىدىن ئىگىلىشىمىزچە، بۇ بەختسىز ئانا بارا - بارا جىسمانىي جەھەتتىن ئاجىزلىشىۋاتقان بولۇپ، ئەيدىز كېسىلىگە قوشۇلۇپ ئەگەشمە كېسەللىكلەرمۇ ئۇنىڭ ئورگانىزىملىرىنى ئاجىزلاشتۇرماقتا ئىكەن. ئۇ ھازىر پەقەت 200 يۈئەن ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىغا تايىنىپ ئۈچ پەرزەنتى بىلەن ناچار مۇھىتتا خۇددى قۇملۇقتا ئۆسكەن يانتاق كەبى قەيسەرلىك بىلەن ياشىماقتا. ئۆزى ياردەمگە مۇھتاج تۇرۇپمۇ بېقىۋالغان قىزىغا چەكسىز مېھرى- شەپقەت بېغىشلىماقتا ۋە شۇ ئارقىلىق ئەتراپتىكى كىشىلەرگە ھاياتنىڭ قىممىتى، ئىنسانىيەت روھىنىڭ سۇنماس كۈچىنى نامايان قىلماقتا.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئىلىدا ئەيدىز ھەمدە زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ يامرىشىغا نېمىلەر سەۋەب بولىۋاتىدۇ؟
- ئۇيغۇرلارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كىشىنى چۆچۈتكۈدەك ئېغىر بولماقتا
- خىتاي دائىرلىرى قويۇپ بەرگەن ئەيدىز پائالىيەتچىسى خۇجيا رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى
- بىر ئەيدىز پىداكارىنىڭ ليۇداۋاندىكى زىيارەت خاتىرىسى
- خىتايدىكى ئەيدىز پائالىيەتچىسى خۇ جيا ئەپەندىنىڭ ئىز - دېرىكى ھازىرغىچە تېپىلمىدى
- ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز شىددەت بىلەن يامرىماقتا
- ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ سانى كۆپەيمەكتە
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى يېڭى قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق ئالالامدۇ؟
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئەيدىز مەسىلىسى ھەققىدە يېڭى دوكلات ئېلان قىلدى
- زەھەرلىك چېكىملىكلەر ئۇيغۇر يېزىلىرىغىچە يامرىماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى 18 - قېتىملىق دۇنيا ئەيدىز كۈنىدە نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بەردى