پروفېسسور دوختۇر گاۋ ياۋجې، خىتايدىكى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش جەھەتتىكى خىزمەتلەرگە زور تۆھپە قوشقانلىقتىن، ئامېرىكا ئاياللار ھوقۇقى تەشكىلاتى - ھاياتلىق ئاۋازى تەرىپىدىن بېرىلگەن يىللىق ئاياللار ھوقۇقى پائالىيەتچىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىدى. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئامېرىكىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا بېرىلگەن مۇكاپاتنى قوبۇل قىلىشىغا يول قويمىدى. ھەتتا ئۇ ئىككى ھەپتىگە يېقىن ئۆز ئۆيىدە نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان بولۇپ، خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي سەھىيە ئورگان خادىملىرى، گاۋ ياۋجېدىن ئامېرىكىنىڭ مۇكاپاتىنى ئالماسلىقىنى تەلەپ قىلغان. گاۋ ياۋجې بۇ تەلەپنى رەت قىلغاندىن كېيىن، خېنەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇنىڭ ئەركىن ھەرىكەت قىلىشىنى چەكلىگەن.
خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئارىلاشقان
خىتايدىكى ئەيدىز بىمارلىرى ھوقۇقىنى ھىمايە قىلغۇچى پائالىيەتچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خەلقئارا مەتبۇئاتلار بىلەن خەلقئارادىكى مەشھۇر زاتلارنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى گاۋ ياۋجېنىڭ ئامېرىكىغا بېرىپ مۇكاپات تاپشۇرۋىلىشىغا رۇخسەت بەرگەن.
دوختۇر گاۋ ياۋجې، خېنەندىكى ئەيدىز بىمارلىرىغا ھېسداشلىق بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈشىنى شۇنىڭدەك ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ داۋالىنىشىغا ئىمكان يارىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان، ئۇ ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش جەھەتتە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى تۈپەيلى، ئامېرىكا پارلامېنت ئەزاسى ھىللىرىي كلىنتون خانىم تەرىپىدىن تارقىتىلغان مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
خېنەن ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، ئۇنىڭ خىتايدىكى ئەيدىز مەسىللىرىنى تاشقى دۇنياغا تارقىتىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئامېرىكىغا بېرىشىنى قاتتىق توسىغان، ھۆكۈمەت ئۇنىڭ ئامېرىكىغا بېرىشىنى چەكلەپلا قالماي، ساقچىلارنىڭ 24 سائەت نازارەت قىلىشىغا قويغان. مەزكۇر ۋەقە ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ھېللىري خانىم، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن باش مىنىستىر ۋېن جياباۋغا ئوچۇق خەت يېزىپ، ئۇلاردىن، دوختۇر گاۋ ياۋجېنىڭ مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئېلىشىغا يول قويۇشىنى تەشەببۇس قىلغان.
ھىللىرىي كىلنتون خانىم، يېقىندا بايانات ئېلان قىلىپ، گاۋ ياۋجېنىڭ ئامېرىكىغا كېلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ئىنتايىن خوشال بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئۇ يەنە، گاۋ ياۋجېنىڭ، خۇ جىنتاۋنىڭ بىۋاستە تەستىقىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئاندىن ئامېرىكىغا كېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.
بۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەرنى خۇ جىنتاۋ بىر ئادەم يالغۇز ھەل قىلىپ تۈگىتەلەرمۇ؟
ئامېرىكا ساغلاملىقنى ئاشۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى دوختۇر لوڭ يۈۋۇ، بىر كەسپىي خادىمنىڭ چەتكە چىقىش مەسىلىسىگە، دۆلەت رەئىسىنىڭ بىۋاستە ئارىلىشىشى ئۆزىنى ئىنتايىن ھەيران قالدۇرغانلىقىنى ئېيتتى.
"مېنىڭچە، بۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەرنى خۇ جىنتاۋ بىر ئادەم يالغۇز ھەل قىلىپ تۈگىتەلەرمۇ؟ مەن راستىنلا ئەندىشە قىلىپ قالدىم. خۇ جىنتاۋ چوقۇم ياخشى بىر رەھبەر، ئۇ پۈتۈن خىتاي خەلقىنى قاراڭغۇلۇقتىن يېتەكلەپ چىقىشى كېرەك. خىتاي خەلقى ھازىرقىدەك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالماسلىقى كېرەك، خىتاي خەلقى 5 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە خەلق، نۆۋەتتە خىتاي ئىقتىسادىي جەھەتتە ئىنتايىن تەرەققى قىلغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما بۇ دۆلەتتىكى چىرىكلىك مەسىلىلىرى تاغدىنمۇ ئىگىز ھالەتتە دۆۋىلىنىپ كەتتى"
شەنشى خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ سابىق باش ۋىراچى جىڭ فۇشېڭ، گاۋ ياۋجېنىڭ چەتكە چىقىش مەسىلىسىنىڭ بۇنچىلىك غۇلغۇلا قوزغىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈزۈمىدە ئېغىر دەرىجىدە مەسىلە بارلىقىنى ئىپادىلەيدۇ دەپ كۆرسەتتى.
"ئۇنىڭ بۇ قېتىم چەتكە چىقالىغانلىقى بىر نەتىجە ھېسابلىنىدۇ، بۇ ئاسان ئەمەس، چوقۇم يەرلىك ھۆكۈمەت ئۇنى قاتتىق كونترول قىلدى. ئۇنى ھەر جەھەتتىن قېيىن - قىستاققا ئالدى. مەن خىتاينىڭ تۈزۈمىنى ئوبدان بىلىمەن. كلىنتون خانىم خۇ جىنتاۋغا خەت يازغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ مۇكاپات ئېلىشىغا رۇخسەت بېرىلگەن، بۇ بىزنىڭ ھۆكۈمەت سېستىمىسىنىڭ خىزمەت تۈزۈمىدە ئېغىر دەرىجىدە مەسىلە بار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. گاۋ ياۋجېغا ئوخشاش ئادەملەرنى سىرتقا چىقىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. ئۇلارنىڭ يولىنى ھەرگىز توسىماسلىقىمىز كېرەك. تەرەققى قىلغان جەمئىيەتتە، قاراڭغۇلۇقتىكى ئىشلارنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشى نورمال بىر ئىش، دۆلىتىمىزدىكى ئەيدىز مەسىلىسىنى، جەمئىيەت مەسىلىسىنى شۇنىڭدەك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدىكى مەسىلىلەرنى ئاشكارىلاشنىڭ ئۆزى جەمئىيەتكە زور تۆھپە قوشقانلىقتىن ئىبارەت".
جىڭ دوختۇر سۆزىدە يەنە": گاۋ ياۋجېنىڭ يىللىق ئاياللار ھوقۇقى پائالىيەتچىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكى تولىمۇ خوشاللىنارلىق بىر نەتىجە. ئۇ ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ، ساغلام ئىنسانلارغا ئوخشاش باراۋەر ۋە ئادىل مۇئامىلىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن كۆپ خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ھوقۇقى ئەلۋەتتە كىشىلىك ھوقۇق كاتىگورىيىسىگە كىرىدۇ" دېدى.
ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش پائالىيەتچىسى خۇ جيانىڭ مەتبۇئاتلارغا بىلدۈرۈشىچە، بىرىنچىدىن، گاۋ ياۋجې مەسىلىسى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئورۇن ئالغان. ئىككىنچىدىن، ئامېرىكا ئاياللار ھوقۇقى تەشكىلاتى- ھاياتلىق ئاۋازىنىڭ پەخرى رەئىسى ھىللىري كىلىنتون خانىم، بىۋاستە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ھەمدە مۇئاۋىن مىنىستىرلاردىن ۋۇيى قاتارلىقلارغا خەت يېزىپ گاۋ ياۋجې ھەققىدە مەسىلە ئىنكاس قىلغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىنى ئىنچىكىلىك بىلەن مۆلچەرلىگەن. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ھىللىرىي كلىنتون خانىمنىڭ، كەلگۈسىدە ئامېرىكا پرىزىدېنتى بولۇپ سايلىنىپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى نەزەردە تۇتقان.
ئېنىقلانغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، گاۋ ياۋجې جۈمە كۈنى ئامېرىكىغا مۇكاپات تاپشۇرۋىلىش ئۈچۈن يېتىپ كەلگەن. گاۋ ياۋجېنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ پۈتۈن پائالىيەتلىرى ئامېرىكىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن. گاۋ ياۋجې كۆپ قېتىم خەلقئارا تەشكىلارنىڭ مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئەمما خېنەن ئۆلكىسى ئۇنىڭ چەتكە چىقىپ مۇكاپات تاپشۇرۋىلىشىنى چەكلەپ، ئۇنىڭغا پاسپورت بېجىرىپ بەرمىگەن ئىدى. (ئەقىدە)