ئۇيغۇر ئېلىدىكى قار لەيلىسى ناملىق ئەيدىز تەشكىلاتى تارقىۋېتىلدى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئېلىدىكى "قار لەيلىسى" ناملىق ئەيدىز تەشكىلاتىنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تاقىۋېتىلىشىدىكى سەۋەب مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ يېقىندا ئۈرۈمچىدىكى 15 ‏- ئوتتۇرا مەكتەپ قاتارلىق بىر نەچچە مەكتەپنىڭ بىرلىشىپ 19 نەپەر ب تىپلىك جىگەر كىسىلى ياللۇغىغىغا گىرىپتار بولغان، دېگەن باھانا بىلەن ئۇلارنى مەكتەپتىن چېكىندۈرگەنلىكىنى پاش قىلغانلىقىدىن ھەمدە مەزكۇر ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىگە نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىدىن ئىكەن.

يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 15 ‏- ئوتتۇرا مەكتەپ قاتارلىق 3 چوڭ ئوتتۇرا مەكتەپتە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي رايونىدىن كەلگەن يەنى ئوقۇش نەتىجىسى ئەلا بولغان ئوقۇغۇچىلار سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى 19 نەپەر ئوقۇغۇچى ب تىپلىك جىگەر كىسىلى ياللۇغىغى بىلەن يۇقۇملانغان، دېگەن باھانا بىلەن، مەزكۇر مەكتەپلەر تەرىپىدىن ئوقۇشتىن چېكىندۈرۈلگەن. قولىغا ئوقۇشتىن چېكىنىش ئۇقتۇرىشىنى تاپشۇرۇپ ئالغان بۇ ئوقۇغۇچىلار گەرچە ب تىپلىك جىگەر كىسىلى ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بولغان بولسىمۇ، ئۇلار مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن، ئاپتونۇم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئورگىنىنىڭ مېدىتسىنا مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن ھەمدە لاياقەتلىكلەر قاتارىدا مەكتەپتە ئوقۇشقا رۇخسەت قىلىنغان. لېكىن 15 ‏- ئوتتۇرا قاتارلىق بۇ 3 مەكتەپ ئۆز ئالدىغا ئېلىپ بارغان يەنە بىر قېتىملىق تەكشۈرۈشىدە، ئىلگىرىكى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان مۇتەخەسىسىسلەرنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا ‏-ئانىلىرىغىمۇ مەسلىھەت قىلماستىن، يەرلىك مائارىپ ئىدارىسى بىلەن ئالاقىلىشىش ئارقىلىق بۇ 19 نەپەر ئوقۇغۇچىنى ئوقۇشتىن چېكىندۈرگەن.

مەتبۇئاتتا ئاشكارىلانغاندىن كېيىنكى تەھدىت

19 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ "ب تىپلىك جىگەر كىسىلى ياللۇغىغى بىلەن يۇقۇملانغان" دېگەن باھانا بىلەن مەكتەپتىن چېكىندۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇر تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر ئېلىدىكى "قار لەيلىسى" ناملىق ئەيدىز تەشكىلاتى تەرىپىدىن تارقىتىلغان بولۇپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا زور غۇلغۇلا قوزغىغان. بۇنى بايقىغان يەرلىك ساقچى ئىدارىلىرى "قار لەيلىسى" ئەيدىز تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى چاڭ كۈن ۋە ئۇنىڭ سەبداشلىرىنى ئىزدەپ، ئۇلارغا تەھدىت قىلغان ۋە بۇ ھەقتە چارە ‏-تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

لېكىن رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئاپتونوم رايونلۇق قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارلىرى "قارلەيلىسى ناملىق بۇ تەشكىلاتنى تارقىتىۋېتىشىدىكى سەۋەب ئۇلار رەسمىي قانۇن بويىچە تىزىمغا ئېلىنمىغان. شۇنداق تۇرۇقلۇق بىر يىلدىن ئارتۇق پائالىيەت ئېلىپ بارغان. بىز بۇ ھەقتە مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. شۇڭا بىزنىڭ مەزكۇر تەشكىلاتنى تارقىتىۋېتىشىمىز پۈتۈنلەي قانۇن بويىچە ئىش بېجىرگەنلىكىمىز" دەپ جاۋاب بەرگەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئاپتونوم رايونلۇق قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسىنىڭ بۇ ئەمەلدارى مۇخبىرىمىزنىڭ "ئەگەر تارقىتىۋېتىش زۆرۈر بولسا، نېمە ئۈچۈن ئەڭ دەسلەپتىلا تارقىتىۋەتمىدىڭلار ؟ " دەپ سورىغان سۇئالىغا "ئەڭ دەسلەپتە، ئۇلار پائالىيەتلىرىنى يوشۇرۇن ئېلىپ بارغاچقا، بىز بىلمەي قاپتۇق" دەپ جاۋاب بەرگەن.

ئەركىن ئۇيۇشۇش ھوقۇقىغا قارشى ئېلىپ بارغان يېڭى تاجاۋۇزچىلىق قىلمىش

لېكىن "قار لەيلىسى" تەشكىلاتىنىڭ تاقىتىلىۋېتىشى بىلەن تەھدىتكە ئۇچراپ ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مەسئۇلى چاڭ كۈن ئەپەندى بېيجىڭدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ دېگەن گېپىنى " پۈتۈنلەي يالغان" دەپ بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە "ئۇ ئەمەلدار راس گەپ قىلماپتۇ، چۈنكى بىز يەرلىك سەھىيە ئورۇنلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ نۇرغۇن پائالىيەتلەر ئېلىپ بارغان. بۇ ھەقتە يەرلىك مەتبۇئات ئورۇنلىرىمۇ بىزنى زىيارەت قىلىپ، كۆپ قېتىم مەلۇمات بەرگەن. ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن خەۋەرسىز بولىشى مۇمكىن ئەمەس" دەپ بىلدۈردى.

بېيجىڭدا ئەيدىز كېسىلىگە قارشى تۇرۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان "ئەيجىشىڭ" ئەيدىز تەتقىقات ئورگىنى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ قار لەيلىسى ئەيدىز تەشكىلاتىنى تارقىتىۋەتكەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. "ئەيجىشىڭ" ئەيدىز تەتقىقات ئورگىنى ئېلان قىلغان بۇ باياناتتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى "پۇقرالارنىڭ ئەركىن ئۇيۇشۇش ھوقۇقىغا قارشى ئېلىپ بارغان يېڭى تاجاۋۇزچىلىق قىلمىش" دەپ تەنقىدلىگەن ھەمدە "بۇ جۇڭگو ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم رەسمىي يوللار بىلەن ئەيدىزگە قارشى بىر ئاممىۋىي تەشكىلاتنى تارقىتىۋىتىشى دەپ كۆرسەتكەن.

مەزكۇر باياناتتا يەنە، "شىنجاڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ناھايىتى ئېغىر رايون بولسىمۇ، لېكىن شىنجاڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئەيدىزگە قارشى ئاممىۋىي تەشكىلاتلارغا يەنىلا ئىشەنمەسلىك پوزىتسىيىسى تۇتماقتا، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتى رايوندا خەلقنىڭ ئەيدىزگە قارشى تۇرۇش ئاكتىپچانلىقىغا ئىنتايىن سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ" دەپ بىلدۈرگەن. (مېھرىبان)