خىتايدا ئەيدىز كېسىلى ھەققىدە يېپىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى


2005.11.07
HuJia2004.jpg
ئەيدىز ۋە دېموكراتىيە پائالىيەتچىسى خۇ جيا 1-ئىيۇن كۈنى بېيجىڭدىكى ئۆيىدە. AFP

دۈشەنبە كۈنى خىتاي مەملىكەتلىك ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش يىغىنى جېڭجۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. خىتايدىكى بۇ قېتىملىق يىغىن "مەملىكەتلىك ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئۈلگە بولغان رايونلارنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنى" دېگەن نام بىلەن دۈشەنبە كۈنى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جېڭجۇ شەھىرىدە ئېچىلغان بولۇپ، يىغىنغا يەنە خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋۇ يى قاتنىشىپ سۆز قىلغان.

يىغىن يېپىق ھالەتتە ۋە يۇقىرى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى قوللىنىلغان ئەھۋالدا چاقىرىلغان. شۇنداقلا يەرلىك ساقچىلارمۇ خېنەن ئۆلكىسىدىكى ئەيدىز كېسىلى بىر قەدەر ئېغىر رايونلاردا ھەمدە جېڭجۇ شەھىرىدە چارلاش ۋە نازارەت ئېلىپ بارغان.

يىغىننىڭ ئالدى كەينىدىكى تۇتقۇن

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەن يەرلىك ۋاقىت سائەت 9 لاردا، بۇ قېتىملىق يىغىنغا ئەرز سۇنۇشقا كەلگەن خىتاينىڭ ئاتاقلىق ئەيدىز پائالىيەتچىسى خۇ جيا جېڭجۇدىكى خۇئاڭخې مىھمانخانىسىدا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. مەزكۇر مېھمانخانا ئالدىدا ئەرز سۇنىۋاتقان يەنە بىر نەپەر ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىر ئايال رادىئومىزغا بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ، ئەرز سۇنۇشقا كەلگەن كىشىلەرنى تۇتۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

"بۈگۈن ج خ ئىدارىسىدىكىلەر يەنە 10 ئەرزدارنى ئوچۇقتىن - ئوچۇق ئېلىپ كەتتى. ئۇلارنى ماشىنىغا بېسىپ ئۆيلىرىگە قايتىپ كېتىشكە مەجبۇرلىدى. ھازىر بۇ يەردە 10 دەك ئادەم قالدۇق. خۇ جيا قويۇپ بېرىلمىگىچە بىز بۇ يەردىن قايتمايمىز. ئۇ بىز ئۈچۈن تۇتۇپ كېتىلدى ئەمەسمۇ؟ "

ئەيدىز پائالىيەتچىسى خۇ جيا ئەسلىدە، بىر پارچە ئەرزنامىنى مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋۇ يىغا سۇنماقچى بولغان. بۇ ئەرزنامىنى يازغۇچى خېنەن ئۆلكىسىدىكى 50 نەچچە ياشلىق ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىر كىشى بولۇپ، ئۇ ئەرزنامىنى خۇ جيا بىلەن بىرلىكتە ۋۇ يىغا تاپشۇرماقچى بولغان. لېكىن خىتاي ساقچىلىرى بىر كۈن بۇرۇن ئۇلار تۇرۇشلۇق مېھمانخانىلارغا باستۇرۇپ كىرىپ، بۇ كىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 30 نەچچە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنى تۇتۇپ كەتكەن.

يۇقىرىدا رادىئومىزغا ئىنكاس يەتكۈزگەن ئايال يەنە مۇنداق دەيدۇ:

" بىز دەرھاللا مېھمانخانىدىن چىقىپ ھەر تەرەپكە قېچىپ كەتكەنتۇق. لېكىن ، كېيىن ساقچىلار يەنە جېڭجۇدىكى بارلىق كىچىك مېھمانخانىلارنىمۇ ئاختۇرۇپ، 30 نەچچە كىشىنى تۇتۇپ كەتتى. شۇ كۈنى كەچتە مەن ، يەنە 10 نەپەر ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەرنى باشلاپ كەيفېڭغا قېچىپ كېلىۋالدۇق".

يىغىندىن بۇرۇنقى ئاگاھلاندۇرۇش

يىغىن ئېچىلىشنىڭ ئالدىدا ھەتتا ساقچىلار خېنەندىكى بىر قىسىم مۇھىم كەنتلەردىكى ئەيدىز پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئۆيلىرىنى ئاختۇرۇپ، ئۇلارنى ھېچقانداق پائالىيەتكە قاتناشماسلىققا ۋە بۇ كەنتتىن ئايرىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن جېڭجۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىغا تېلېفون ئاچتۇق. ئەمما نۆۋەتچى خادىم بۇ ھەقتە ھېچنېمە دەپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتايدا ئېچىلغان بۇ قېتىملىق ئەيدىز يىغىنى ئاساسىي جەھەتتىن مەخپىي ھالەتتە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ھەتتا خىتايدىكى ھەر قايسى مەتبۇئات ۋە ئىنتېرنەت تور بەتلىرىدىمۇ بۇ ھەقتە ھېچقانداق خەۋەر بېرىلمىگەن. شۇنداقلا بۇ يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ كۆپۈنچىسى ھەر قايسى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بولۇپ، ناھايىتى ئاز ساندىكى ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋەكىللىرى قاتناشتۇرۇلغان.

ئاممىۋى تەشكىلاتلار قاتناشتۇرۇلمىغان

بۇ يىغىننى خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنتىنىڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشخانىسى ئورۇنلاشتۇرغان بولغاچقا، ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارغا قەتئىي ئورۇن بېرىلمىگەن. خىتايدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان بېيجىڭ ئەيجىشىڭ تەتقىقات ئورنىنىڭ مەسئۇلى ۋەن يەنخەي ئۇلارنىڭ يىغىنغا قاتنىشىش ئىلتىماسىمۇ كۆپ قېتىم خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن رەت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

"خىتاي ھۆكۈمىتى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي پۈتۈن خەلق قاتناشتۇرىلىدۇ دەپ جار سالىدۇ. ئەمەلىيەتتە ھالقىلىق پائالىيەتلەرگە كەلگەندە، ئاممىۋى تەشكىلاتلار چەتكە قايرىپ قويۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاينىڭ ئەيدىز كېسىلىگە ئىشلىتىۋاتقان پۇلى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ. ئەگەر ھۆكۈمەت مۇشۇنداق قارا ساندۇقتا ئىش قىلىۋەرسە، ئۇ چاغدا بىز بۇ پۇللارنىڭ جايىغا ئىشلىتىگەن-ئىشلىتىلمىگەنلىكىنى بىلەلمەيمىز".

خىتايدا ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشى بارغانسېرى تېزلىشىۋاتقان بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتمۇ بۇنىڭغا ئالاھىدە دېققەت-ئېتىبارىنى بەرمەكتە. ھەممىمىزگە مەلۇم ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز ۋەزىيىتى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئېلان قىلغان مەلۇماتىدا ئۇيغۇر ئېلىدە ھازىرغىچە 11 مىڭ 303 كىشىنىڭ ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان. لېكىن ئەمەلىي سان بولسا بۇنىڭدىن ئاز دېگەن 6-7 ھەسسە كۆپ بولىدىكەن. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.