ئائىلە جەمئىيەتنىڭ ئەڭ كىچىك بۆلىكى. جەمئىيەتنى چوڭ بىنا دېسەك، ئائىلە شۇ بىنانىڭ بىر خىشى. ئائىلە نىكاھلانغاندىن كېيىن شەكىللىنىدۇ. نىكاھلىنىش دېگىنىمىز: قارشى جىنسلىق ئىككى كىشىنىڭ مەڭگۈلۈك ھەمراھ بولۇپ، ئەۋلاد قالدۇرۇپ، بەختلىك ئائىلە قۇرۇش ئۈچۈن بەل باغلىشى دېگەنلىك. ئائىلە قۇرغاندىلا ئىشقى ھېسسىياتنى ھارامدىن ساقلاپ، بىر - بىرىدىن مەنپەئەتلىنىپ بەختلىك ياشىغىلى ۋە نەسىل قالدۇرغىلى بولىدۇ. مەلۇمكى، ئائىلىلىك بولغاندىلا ئاتا - ئانا بولغۇچى ئائىلىدە، جەمئىيەتتە ھوقۇق، مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلالايدۇ.
توي قىلىش جەمئىيەت ئۈچۈن ياخشى ئىزباسار يېتىشتۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. بالىلارنىڭ كېلەچىكى، مىللەتنىڭ ئۈمىدى ئاتا - ئانىلاردا. ئائىلە بالىلارنىڭ ئىپتىدائىي مەكتىپى، ئاتا - ئانىلار بالىلارنىڭ ئۇستازى، تەربىيىچىسى ۋە يېتەكچىسىدۇر. ئاتا - ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ئىللىق مېھرى بىلەن كۆيۈنۈپ، ئۇلارنى ئىنچىكە، ئەستايىدىل تەربىيىلەپ، زېرىكمەي - تېرىكمەي ئۆگىتىپ، ۋۇجۇدىدا بارىنى بالىلارغا ئاتىغاندىلا سۈپەتلىك، ۋەتەننىڭ، خەلقنىڭ ئىشىغا ياراملىق ئەۋلاد تەربىيىلەپ چىقالايدۇ. قىسقىسى، بالىلار - ئائىلىنىڭ بەختى، زىننىتى، ئاللاھنىڭ رەھمىتى، ئامانىتى، بىزگە ئاتا قىلغان چوڭ ئىنئامى. بۇ ھەقتە قۇرئان كەرىمدە:" ماللار ۋە بالىلار دۇنيا تىرىكچىلىكىنىڭ زىننىتى"دەپ كۆرسىتىلگەن.
مۇھەممەد نىياز ھاجىم بىلەن سۆھبەت
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئالىم مۇھەممەد نىياز ھاجىم بالىلار ھەققىدىكى مەسئۇلىيەتلەر ئۈستىدە توختۇلۇپ مۇنداق دېدى:" بالىلىرمىزنىڭ تەقدىر - ئىستىقبالىنىڭ قانداق بولىشىنى ئويلىساق، ئۈمىد مائارىپتا. مائارىپ دېگىنىمىز: ئىنسان بالىسىنىڭ بىلىمى، ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدىغان، ئاڭ - پىكىر، ئەخلاق - پەزىلىتى، مىجەز - خاراكتېرىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىغان بارلىق تەربىيە پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسى كىرىدۇ. شۇڭا بالىلارغا ئائىلىدە، مەكتەپتە، جەمئىيەتتە نىشانلىق، پىلانلىق، سىستېمىلىق ھالدا بىلىم بېرىش، ماھارەت، ئىقتىدار، ھۈنەر ئۆگىتىش، ئۇلارنىڭ ئەقىل بولىقىنى ئېچىپ، ئۇلارنى ساغلام تەنلىك، ساغلام ئىدىيىلىك، ئەخلاقى گۈزەل قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. خۇسۇسەن ئائىلىدە بالىلارغا ئىمان - ئېتىقاد تەربىيىسى بېرىش زۆرۈر."
بالىلارغا غايە تەربىيىسى بېرىش كېرەك
مۇھەممەد نىياز ھاجىم يەنە مۇنداق دېدى:" ئالدى بىلەن بالىلارغا غايە تەربىيىسى بېرىش كېرەك. غايە ئىنسانلارنىڭ ھايات ياشاشتىكى مەقسەت نىشانى. بالا ئەقلى يېتىلىپ، يېشى توشۇپ مەكتەپ بوسۇغىسىدىن كىرىشتە مەن كىم بولىمەن؟ قانداق ياشايمەن؟ دېگەنلەرنى ئويلايدۇ. بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنى مەقسىتىگە پۈكىدۇ. مانا بۇ غايە. ئادەم غايىدىن ئىبارەت ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنىڭ تۈرتكىسىدە ھايات مەنزىلىنى نىشانلاپ توختاۋسىز ئىلگىرىلەيدۇ. غايىلىك، ئىرادىلىك ئادەم ئىزچىل تىرىشسا مۇۋەپپەقىيەت مەنزىلىگە چوقۇم يېتەلەيدۇ."
بالىلارنىڭ ئەقىل بولىقىنى ئېچىش لازىم
مۇھەممەد نىياز ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئىلىم - مەرىپەت ئۆگىنىشتىكى مەقسەت ئۆگەنگەن بىلىمنى تەھلىل قىلىپ، چۈشىنىپ، دىلغا مەھكەم ئورنىتىش ھەم شۇ ئۆگەنگىنىنى ئىشلىتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشتۇر. ئاللاھ ئادەم ئاتىنى ياراتقاندا ئاۋۋال ئۇنىڭغا ئەقىل ئاتا قىلغان. ئىنسان ئەقىل ئىشلىتىشنى بىلگىنى ئۈچۈن ئۇ ھەممە مەخلۇقاتتىن ئۇلۇغ ۋە ھۆرمەتلىكتۇر. ئۆگەنگەننى چۈشىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈش، ئىشلىتىش ئارقىلىق ئەقىلنى تولۇقلىغىلى، ئۇنى كامالەتكە يەتكۈزگىلى بولىدۇ. ئىنسان ئەقىل بىلەن قىلغان ئىشىدىن چوقۇم نەتىجە قازىنىدۇ. بالىلارنىڭ ئەقىل بولىقىنى ئېچىشقا زور ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بالىلار كىچىكىدىنلا كۆپرەك كۆزىتىشى، كۆرۈشى، كۆپرەك ئوقۇپ، كۆپرەك ئويلىنىشى كېرەك. بالىلار سوئال سورىسا ئېرىنمەي قانائەتلىك ۋە توغرا جاۋاب بېرىش، رەسىملىك كىتاب، زېھىن سىنايدىغان ئويۇنچۇقلارنى ئوينىتىش، ئاخشاملىرى چۆچەك، قوشاق ۋە تېپىشماقلارنى ئېيتىپ بېرىش، ئۇلار مەكتەپتىن كەلگەندە تاپشۇرۇقلىرىنى مۇستەقىل ئىشلەتكۈزۈش، دەرستىن، كىتابلاردىن سوئال سوراپ بېقىش، ئەقىل سىناش ئېلىپ بېرىش لازىم. بالىلارنى ئەدەپسىز ۋە ئەخلاقسىز دوستلارغا ئارىلىشىشتىن ساقلاش زۆرۈردۇر.
دېمەك، بىر ئائىلە، بىر مىللەتنىڭ ئەدەپ - ئەخلاقىدىن ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى بىلگىلى بولىدۇ. بالىلىرىمىزنى يۇقىرى سەۋىيىلىك، گۈزەل ئەخلاقلىق قىلىپ تەربىيىلىسەك، ئۆزىمىزگىمۇ، ئائىلىگىمۇ، جەمئىيەتكىمۇ، ئىنسانىيەتكىمۇ چوقۇم پايدىسى تېگىدۇ. چۈنكى مىللەتنىڭ روناق تېپىشى، جەمئىيەتنىڭ تەرەققى قىلىشى ئىنسانلارنىڭ بىلىمىدىن، تېخنىكىسىدىن، پەزىلىتىدىن بولىدۇ. (ئۆمەرجان)