شىۋېتسىيە دۆلەتلىك رادىئوسى، ئالبانىيىدە پاناھلىق بېرىلگەن بەش نەپەر ئۇيغۇرنىڭ گۇئانتانامو تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس پروگرامما ئاڭلاتتى.
يېقىندا شىۋېتسىيە دۆلەتلىك رادىئوسى 1 - قانىلىدا، بىر يىل ئىلگىرى گۇئانتانامو تۈرمىسىدىن ئازاد قىلىنىپ، ئالبانىيىدە سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن بەش نەپەر ئۇيغۇر ھەققىدە مەخسۇس پروگرامما ئاڭلىتىلغان بولۇپ، رادىئو مۇخبىرى بۇ بەش نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئالبانىيىدە ياشاۋاتقانلىقىنىڭ بىر يىللىق خاتىرىسى سۈپىتىدە ئۇلارنى مەخسۇس زىيارەت قىلغان.
پروگراممىدا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچرىغان ناھەق تەقدىر قىسمەتلىرى ھەم مۈشكۈل ھەم ئېچىنىشلىق سەرگۈزەشتىلىرى ھەققىدە توختالغاندىن سىرت ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋاللىرى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بېرىلگەن.
يۇقۇردىكى ئۇلىنىشتىن، شىۋېتسىيىدە تۇرۇشلۇق ئىختىيارى مۇخبىرىمىز يالقۇننىڭ تەپسىلى مەلۇماتىغا قۇلاق سالغايسىز.