ئالبانىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ياشىماقتا

0:00 / 0:00

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشنىڭ ئالبانىيىنى زىيارەت قىلىشى بىلەن بىرگە غەرب مەتبۇئاتىدا، گۇئانتانامو ھەربىي تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بەش ئۇيغۇرنىڭ مەسىلىسى ۋە ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە ماقالە ۋە مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى.

" تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش ئۆزىمىزگە قارشى بىر ئۇرۇشقا ئايلانماقتا"

جېمىز ھېفەرمان 12‏- ئىيۇن كۈنى ئامېرىكىدا چىقىدىغان ھوفېڭتون گېزىتىدە ئېلان قىلغان " تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش ئۆزىمىزگە قارشى بىر ئۇرۇشقا ئايلانماقتا " سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە،" ئىراقتىكى ھادىتتا، ئەبۇ غەرىب ۋە گۇئانتانامودا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر شۇنداقلا گۈئانتانامو تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىپ، ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى، تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئەنئەنىۋى قىممەت قاراشلىرىغا ۋە پرىنسىپلىرىغا قارشى بىر ئۇرۇشقا ئايلىنىۋاتقانلىقىنىڭ جانلىق ئىسپاتى " دەپ كۆرسەتكەن.

ماقالىسىدە، گۈئانتانامو ھەربىي تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن بېرى ئالبانىيىنىڭ پايتەختى تىرانا شەھىرىنىڭ سىرتىدىكى بىر مۇساپىرلار لاگېرىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ، ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئاپتور جېمىز ھېفەرمان مۇنداق دەيدۇ: " تىرانادا قامىلىپ قالغان بۇ بەش كىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى ئاستىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مىللىتىگە مەنسۇپ بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي بېسىمى ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقى ۋە بۆلگۈنچى دەپ ئەيىبلىنىپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىۋاتقانلىقى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2006‏- يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا ئىسپاتلىق پاكىتلار بىلەن بەلگىلەنگەن."

ئالبانىيىدىكى بەش ئۇيغۇرنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى

ئالبانىيىدىكى بەش ئۇيغۇرنىڭ قانداق قىلىپ گۈئانتانامو ھەربىي تۈرمىسىگە چۈشۈپ قالغانلىقى ئۈستىدىمۇ توختالغان ئاپتور جېمىز ھېفەرمان، ماقالىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: " ئوتتۇرا ئاسىيادا پاناھلىق ئىزدەپ يۈرگەن بۇ ئۇيغۇرلار، ئافغانىستانغا بېرىش ئۈچۈن بىر يول تاپقان. ئۇلار، ئورۇنلىشىدىغان بىر جاي تاپقانغا قەدەر ئافغانىستاندا تۇرۇشنى قارار قىلىپ، تورە بورە تاغلىرىنىڭ ئىتەكلىرىدىكى كىچىك بىر يېزىغا ئورۇنلاشقان. ئۇلارغا بۇ يېزىدا بىر ئىپتىدائىي ھەربىي لاگېرىدا پەقەت كالاشنىكوف ئېتىشلا ئۆگىتىلگەن. لېكىن بۇ يېزا ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تالىبانلار بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ بېكىتىلگەنلىكى ئۈچۈن، 2001‏- يىلى ئۆكتەبىر ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى تەرىپىدىن بومبىلانغان. ئۇيغۇرلار بۇ يېزىدىن قېچىپ، پاكىستانغا ئۆتكەن. پاكىستاندىكى يەرلىك قەبىلىلەر دەسلەپتە ئۇلارنى قارشى ئېلىپ، ئاندىن ئامېرىكا ئارمىيىسىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن 2002‏- يىلى ئىيۇن ئېيىدا بۇ بەش ئۇيغۇر گۈئانتانامو ھەربىي تۈرمىسىگە ئېلىپ كېلىنگەن . ئامېرىكا خادىملىرى ئۇلارنى ئىككى يىل سوراق قىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ تېررورلۇق بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلىقىنى ئېنىقلاپ ئۇلارنى قويۇپ بېرىشنى قارار قىلغان."

ماقالىسىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردىن بۇ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، لېكىن بۇ دۆلەتلەرنىڭ بىر قېتىم تېررورچى دەپ قارىلانغان بۇ كىشىلەرگە پاناھلىق بېرىشنى رەت قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن جېمىز ھېفەرمان مۇنداق يەنە مۇنداق دەيدۇ: " دۇنيادا پەقەت بىرلا دۆلەت، يەنى خىتاي ئۇلارنى قوبۇل قىلىشقا تەييار ئىدى. ئەمما ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتىشىنى خالىمايتتى. ۋاشىنگتوندىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بىر باياناتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ كىشىلەرنى خەلقئارا تېررورلۇق ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسىمى بولغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىنىڭ ئەزاسى ھېسابلايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى سوتقا تارتىدۇ، دېيىلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ باياناتى، ھۆكۈمەتلەرنىڭ تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشتىن كىشىلەرنى قارىلاشتا قانداق پايدىلانغانلىقىنىڭ جانلىق بىر مىسالى ھېسابلىنىدۇ."

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ، ئالبانىيىنى ئۇيغۇرلارغا سىياسىي پاناھلىق بېرىشكە رازى قىلىش ئۈچۈن، ئالبانىيە ھۆكۈمىتىگە كۆپ مىقداردا پۇل بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئاپتور جېمىز ھېفەرمان، ھوفېڭتون گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىنى مۇنداق ئاياقلاشتۇرغان: "ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئۇلار بىلەن بولغان پۈتۈن ئالاقىنى ئۈزۈپ، ئۇلارنى تاشلىۋەتكەن. ئۇلار گەرچە گۈئانتانامو ھەربىي تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما كېلەچەكتىن ئۈمىدسىز ،يەنىلا تۈرمىدىن پەرقسىز بولغان تىرانا سىرتىدىكى بىر مۇساپىرلار لاگېرىدا ياشىماقتا. گەرچە، ئۇلار بۇ لاگېرىدا ئاندا-ساندا ئائىلىلىرى بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ئائىلىلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ۋە بالىلىرىنى كۆرۈش ئۈمىدىنى يوقاتماقتا".( ئۆمەر قانات)