ئالبانىيىنىڭ پايتەختى تىرانادىكى تەسىرلىك ئۇچرىشىش


2007.08.07

2006-يىلى گۇئەنتانومو تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئالبانىيىگە يەرلەشتۈرۈلگەن 5 نەپەر ئۇيغۇر بۈگۈن قەلبىدىكى ۋەتەن ھەسرىتىگە ئازراق بولسىمۇ دەۋا تاپتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ۋە شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى تىبەت يۈجەتۈرك ئەپەندىلەر باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ھەيئىتى بۈگۈن، يەنى 7 - ئىيۇن كۈنى، ئالبانىيىنىڭ پايتەختى تىراناغا يېتىپ كېلىپ، ئالبانىيىدە تۇرۇشلۇق بۇ 5 نەپەر ئۇيغۇر بىلەن يۈز كۆرۈشتى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.

تولىمۇ تەسىرلىك كەيپىيات ئىچىدە ئۆتكەن بۇ ئۇچرىشىشتا، بەلكى بىر- بىرىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈۋاتقان بۇ ئۇيغۇرلار خۇددى ئۆز ئىنىسىنى ياكى ئۆز ئاكىسىنى تېپىۋالغان كىشىلەرگە ئوخشاش تولىمۇ ھاياجانلاندى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ، مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ نەق مەيداندىن ئەۋەتكەن خەۋىرىدىن بەھرىمەن بولىسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.