ئالبانىيىدىكى بەش نەپەر ئۇيغۇر ئەرەب تېلېۋىزورىدا


2007.10.02

قاتارنىڭ "ئەل جەزىرە"تېلېۋىزىيە قانىلى 2007- يىلى 1 - ئۆكتەبىر كۈنى دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى خادىملىرىنىڭ گۇئانتانامو مەھبۇسلار لاگىرىدىن ئالبانىيەگە قايتۇرۇلغان بەش نەپەر ئۇيغۇر ياش بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنى نەق مەيدان كۆرسەتتى. سۆھبەت مەزكۇر بەش نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئالبانىيە لاگىرىدىكى ياتىقىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئۇلار بۇ جاينى ئىككىنچى تۈرمە دەپ تەرىپلەشتى.

دەسلەپ سۆزگە باشلىغان بىر ئۇيغۇر ياش مۇنداق دېدى:" بىز ئادەتتىكى بىر تىجارەتچىلەردىن ئىدۇق. ھېچبىر گۇناھسىز ھالدا تۆت يېرىم يىل مەھبۇس بولدۇق. ھازىر بىز ئالبانىيە، خىتاي ۋە ئامېرىكا ئۆچ دۆلەتنىڭ قولىدا ئويۇنچۇققا ئوخشاپ قالدۇق. ئۆتكەن تۆت يېرىم يىلدىن بىرى بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن بىزنى ئۇيغۇرلار بار بىرەر مەملىكەتكە يۆتكەپ قويۇشىنى سوراپ كەلگەن بولساقمۇ، ئەپسۇسكى، ئىش تەلەپ قىلغىنىمىزنىڭ ئەكسىچە بولۇپ چىقتى. ئاخىرىدا بىرەرمۇ ئۇيغۇر يوق، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىمۇ يوق بىر دۆلەتكە كېلىپ قالدۇق. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىزنى گۇئانتانامودىكى تۈرمىدىن قۇتقۇزۇپ قويغان بولدى. بۇنىڭغا رەھمەت ئېيتتۇق. ئەمما بۇ يەردىكى ھاياتىمىز يەنىلا تۈرمە ھاياتىغا قايتتى. بىز مانا سىلەر كۆرىۋاتقان مۇشۇ بىر ئېغىزلىق ياتاقتا ھايات كەچۈرىۋاتىمىز. ئاقىۋىتىمىزنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىدىن ئەنسىرەپ ھەمىشە كۆڭلىمىز بىئارام ھالدا تۇرۇۋاتىمىز. بۇ يەردە مەسئۇللارغا سۆزلىرىمىزنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان بېرەرمۇ ئۇيغۇر بولمىغانلىقتىن، ئالبانىيەلىكلەر بىزگە ئالبانىيە تىلىنى ئۆگىتىشكە تىرىشتى. بىزمۇ بۇ تىلنى ئۆز ھاجىتىمىزدىن چىقىشىمىز ئۈچۈن تىرىشىپ ئۆگىنىۋاتىمىز."

ئىككىنچى بولۇپ سۆزگە باشلىغان يەنە بىر ئۇيغۇر ياش مۇنداق دېدى:" مەن ۋەتەندە 11 يىل ئوقۇغان ئىدىم. ئەمما ھازىر شۇ ئوقىغانلىرىمنىڭ بىرىمۇ يوق. بۇ يەردە ئۆگەنگەن نەرسىلىرىممۇ كاللامدىن تېزلا چىقىپ كېتىپ تۇرىدۇ. خۇددى كاللامدا ھېچ نەرسە يوقتەك ھېس قىلىپ قالىمەن. بۇ يەرگە كەلگەندىن بىرى ئانام بىلەن ئاران بىر قېتىملا تېلېفون بىلەن سۆزلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىئىشەلىدىم. ئىككىنچى قېتىم ئانام بار ئۆينىڭ نومۇرىغا تېلېفون ئۇرغىنىمدا تېلېفون ئۇلانمىدى. كېسىۋېتىلگەن ئىكەن. ھەدەمنىڭ ئۆيىگە تېلېفون قىلىپ ئەھۋاللاشتىم. كېيىن ھەدەمنىڭ ئۆيىگە ئىككىنچى قېتىم تېلېفون ئۇرغىنىمدا تېلېفون ئۇلانمىدى. شۇنىڭ بىلەن ھەدەمنىڭ تېلېفونىنىڭمۇ كېسىۋېتىلگەنلىكىنى بىلدىم. ئەسلىدە خىتاي ساقچىلىرى ئانامنى ۋە ئائىلەمدىكىلەرنى چاقىرتىپ، ئۇلارنىڭ مېنى نېمە ئۈچۈن چەتئەلگە ئەۋەتكەنلىكىنى سوراپ بىئارام قىلغان ئىكەن. شۇندىن بىرى ئۆيىمىزنىڭ تېلېفونى كېسىۋېتىلگەن ئىكەن. مەن ئانامنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشقا شۇنچىلىك زور تەشنا بولغان بولساممۇ ئۇنىڭ بىلەن بىر قېتىمدىن باشقا سۆزلىشەلمىدىم."

دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئالبانىيىدىكى مەزكۇر بەش نەپەر ئۇيغۇر ياش بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بارغانلاردىن بىرى مۇنداق دېدى:" بۇ بەش نەپەر ئۇيغۇرنى ۋە گۇئانتانامو مەھبۇسلار لاگىرىدىكى باشقىمۇ ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى ئەلقائىدە تەشكىلاتىنىڭ ئادەملىرى دېيىشكە قەتئىي بولمايدۇ. چۈنكى ئۆز ۋاقتىدا ئافغانىستاندىكى شىمالىي ئىتتىپاقنىڭ ئادەملىرى ياكى پاكىستانلىق ساقچىلار بۇلارنى ۋە بۇلارغا ئوخشىغان كۆپلىگەن بىگۇناھ كىشىلەرنى بىگۇناھ تۇتۇۋېلىپ، دۇنيا مەنپەئەتى بولغان ئازراق دوللار بەدىلىگە سېتىۋەتكەن." (توختى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.