ئالبانىيىدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئابابەكرى قاسىم ئامېرىكا- ئالبانىيە مۇناسىۋىتى ۋە كوسوۋا مەسىلىسى ئۈستىدە توختالدى


2007.06.11

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش سانائەتلەشكەن سەككىز دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش جەريانىدا چېخىيە، پولشا، ئىتالىيىلەرنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىنلا، 6 ‏- ئاينىڭ 9 ‏- كۈنى ئالبانىيىنى زىيارەت قىلدى.

جورج بۇشنىڭ بۇ قېتىمقى ئالبانىيە زىيارىتى ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ ئالبانىيىنى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئالبانىيە بولسا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتا ئامېرىكىنى ئەڭ كۈچلۈك قوللىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئالبانىيىمۇ تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئىراق، ئافغانىستانلارغا ھەربىي قىسىم ئەۋەتكەن.

ئامېرىكىنىڭ دۆلەت رادىئو ئىستانسىسى ن پ ر نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جورج بۇش ئالبانىيىگە كەلگەندە تىرانا شەھىرىنىڭ پاك-پاكىزە كوچىلىرىدىكى رەتلىك ئىمارەتلەرگە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بايرىقى ئېسىلغان، جورج بۇشنىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى لورا بۇش خانىمنىڭ رەسىملىرىنى كۆتۈرىۋالغان ئالبانلار بۇشنىڭ ئالدىغا چىقىپ قىزغىن قارشى ئالغان. ئالبانىيىدە بۇ كۈننى خاتىرىلەش ئۈچۈن مەخسۇس پوچتا ماركىسى تارقىتىلغان.

جورج بىلەن سالى بېرىشا كوسوۋا مەسىلىسى ئۈستىدە سۆزلەشكەن

ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، تاكى 1992 ‏- يىلى ئالبانىيىدە تۇنجى قېتىملىق پرېزىدېنت سايلىمى ئېلىپ بېرىلغانغا قەدەر، ئالبانىيە خەلقى پۈتۈنلەي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىدارە قىلىشى ئاستىدا ياكى يەرلىك دىكتاتور ھاكىمىيەتنىڭ يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتىدە ئېزىلىشكە ئۇچراپ كەلگەن ئىدى.

رەسىملىك خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش ئالبانىيىگە كەلگەندە، ئالبانىيە خەلقنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن. ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جورج بۇش بۇ قېتىمقى 7 سائەتلىك زىيارىتى جەريانىدا، ئالبانىيىنىڭ باش مىنىستىرى سالى بېرىشا بىلەن كوسوۋانىڭ مۇستەقىل بولۇش مەسىلىسى ھەققىدە سۆزلەشكەن.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش ئاساسىي ئاھالىسى ئالبانلار بولغان كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىق پىلانى تېز ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى لازىم ، دېگەن تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويغان، گەرچە سانائەتلەشكەن سەككىز دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى جەريانىدا رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا كوسوۋانىڭ مۇستەقىل بولۇشى ھەققىدە قارار ماقۇللاشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، لېكىن پرېزىدېنت بۇش بەرىبىر كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن .

ئالبانىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ( NATO )غا ئەزا بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ

جورج بۇشنىڭ ئالبانىيە زىيارىتى جەريانىدا، ئالبانىيە ھۆكۈمىتى ئالبانىيىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى( NATO )غا ۋە ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا بولۇپ كىرىش ئارزۇسى بارلىقىنى ئىپادىلىگەن.

ئابابەكرى قاسىم ئامېرىكا- ئالبانىيە مۇناسىۋىتى ۋە ئالبانىيىلىكلەرنىڭ كوسوۋا مەسىلىسىدىكى قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

ھازىر ئالبانىيىدە تۇرۇۋاتقان بەش نەپەر ئۇيغۇردىن ئابابەكرى قاسىمنىڭ بايان قىلىشىچە، جورج بۇش ئالبانىيىگە كەلگەن ۋاقىت، ئۇلارنىڭ باشقا شەھەردىكى دېڭىز ساھىللىرىغا ساياھەت قىلغىلى كەتكەن ۋاقتىغا توغرا كەلگەنلىكى، ئۆزلىرى تىرانادا بولمىغانلىقى ئۈچۈن زىيارەت ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆرەلمىگەنلىكىگە ئەپسۇسلىنىدىكەن.

ئۇ ئۆزى ئالبانىيىدە تۇرۇش جەريانىدا ئامېرىكا -ئالبانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان. ئۇنىڭ قارىشىچە يەنە، رۇسىيىنىڭ كوسوۋا مۇستەقىللىقىغا قارشى تۇرۇشى رۇسىيىدىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىدىن ساقلىنىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.(ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.