ئالبانىيىدە ياشاۋاتقان ئادىل شۋېتسىيىگە يىتىپ كەلدى


2007.11.21

گۇەنتانامو تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىپ ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بەش ئۇيغۇرنىڭ بىرى بولغان ئادىل ھاكىم يەكشەنبە يەنى 18 - نويابىر كۈنى كەچتە شۋېتسىيىگە يىتىپ كەلدى. ئۇنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن ئايرودرومغا ئۇنىڭ شىۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان ئاچىسى كەۋسەر خانىم ئائىلىسى، شىۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى، گۇەنتانامو تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىردىن بىر ئادۋوكاتى بولغان سابىن ۋېلىت، ئادىلنىڭ شىۋېتسىيىدىكى ئادۋوكاتى ستېن ئەپەندى ۋە شىۋېتسىيە رادىئو - تېلېۋىزىيە مۇخبىرلىرى چىقتى.

كەۋسەر خانىم ئىنىسى ئادىلنى كۆز يېشى بىلەن كۈتۈۋالدى

ئادىلنى كۈتىۋېلىش جەريانى شىۋېتسىيە تېلېۋىزىيىسى تەرىپىدىن تولۇق سىنئالغۇغا ئېلىندى. ئىنىسى ئادىلنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈۋاتقان كەۋسەر خانىم زىيارىتىمنى قوبۇل قىلىپ كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئېيتتى.

ئادىلنىڭ ئامېرىكىدىن كەلگەن ئادۋوكاتى ئادىلنى كۈتۈش جەريانىدا زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئادىل كىلىدىغان ئايروپىلاننىڭ كېچىككەنلىكىدىن تاقەتسىزلىنىپ سوئاللىرىمغا قىسقىلا جاۋاب بەردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: " گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى سىلەر كۈتكەندەك ئۇنچە ياخشى ئەمەس. بوش ھۆكۈمىتى گەرچە ئۇلارنىڭ ئامېرىكىغا قارشى كۈچ ئەمەسلىكىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن تېخىمۇ كۆپ خاتالىقلارنىڭ سادىر بولۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن يەنىلا ئېھتىياتچان مۇئامىلىدە بولۇۋاتىدۇ. كەچۈرۈڭلار، مەن سىلەرنىڭ سوئالىڭلارغا ئەتىكى يىغىلىشتا جاۋاب بەرسەم، مەن ھازىر ئادىلنى كۈتىۋېلىشىم كېرەك."

جۇلىيا خانىم:"ئامېرىكا باشقىلارنىڭ بىر - بىرىنى خورلىشىغا يول قويمايدۇ"

دۈشەنبە يەنى 19 - نويابىر كۈنى كەچتە" شىۋېتسىيە خېلسىنكى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى"نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن مەخسۇس گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە ئالاقىدار ئىلمىي يىغىن بولۇپ ئۆتتى. يىغىنغا شىۋېتسىيىدىكى ھەرقايسى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ خادىملىرى، ئىنسان ھەقلىرى تېمىسى بۇيىچە ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار، مۇخبىرلار ۋە شىۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار قاتناشتى.

ئالدى بىلەن سۆزگە چىققان ئادۋوكات سابىن ۋېلىت ئادىلنىڭ ۋە گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلار ئۈستىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن سۆزگە چىققان ئادىل ھاكىم ئۆزىنىڭ ھايات مۇساپىسى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى. بۇلاردىن كېيىن سۆزگە چىققان، "ئامېرىكا ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى"دىن كەلگەن جۇلىيا خانىم مۇنداق دەيدۇ: "ئامېرىكىنىڭ پرىنسىپى ھەرقانداق بىر ئىنساننىڭ ئۆز - ئۆزىنى خارلىشىغا ۋە باشقىلارنىڭ خارلىشىغا يول قويماسلىق، ئاللىقاچان باشقىلار تەرىپىدىن خارلانغان ۋە ھاياتى تەھدىتكە ئۇچرىغان بىر ئىنسان ئامېرىكا تۇپرىقىغا دەسسىگەن ئىكەن، ئۇ ھېچقاچان ئۇ يەرگە قايتۇرۇلمايدۇ. ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلار بۇنىڭ بىر تىپىك مىسالى."

سۆزگە چىققۇچىلارنىڭ نۇتۇقلىرىدىن كېيىن يىغىن قاتناشچىلىرىنىڭ گۇەنتانامو تۈرمىسى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە سورىغان ھەر خىل سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىلدى.

يىغىندىن كىيىن ئادىلنىڭ بىلدۈرۈشچە، ئۇنىڭ بۇ قېتىم شۋېتسىيىگە كېلىشى پەقەت "شىۋېتسىيە خېلسىنكى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى"ئورۇنلاشتۇرغان ئىنسان ھەقلىرى يىغىنى ئۈچۈن ئىكەن. ئۇ شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن پەقەت 4 كۈنلۈك ۋىزىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ۋاقتى توشقاندا قايتىشى كېرەك ئىكەن. ئەمما ئادۋوكاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئادىلنىڭ شىۋېتسىيىدە يېڭىدىن پاناھلىق تىلەش ئىشلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىۋېتىپتۇ. (يالقۇن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.