ئامېرىكىدىكى خرىستئان ۋە مۇسۇلمان دىنىي جامائەتلەر ئالبانىيىدىكى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشقا باشلىدى (1)

0:00 / 0:00

ئامېرىكىنىڭ مارىلان شتاتىغا جايلاشقان جەرمەنتاۋن شەھىرىدىكى نىكولاس چېركاۋىنىڭ باش راھىبى كېن ۋۇۋارد ئەپەندىم ۋە ئۇنىڭ جەرمەن تاۋن ئىسلام جەمئىيىتىدىكى دوستلىرىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن 5‏- ئاينىڭ 12‏- كۈنى گۈەنتانامۇ تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىپ، ئالبانىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارغا ياردەم پۇلى يېغىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەت نەتىجىسىدە 5000 دوللار پۇل يىغىلغان بولۇپ، بۇ پۇل يېقىندا ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى ئارقىلىق ئالبانىيىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئەۋەتىپ بېرىلىدىكەن.

مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات، ئالبانىيىدىكى ئۇيغۇرلارغا ياردەم يېغىن پائالىيىتىنى تەشكىللىگەن جەرمەن تاۋن شەھىرى نىكولاس چېركاۋىنىڭ باش راھىبى كېن ۋۇۋارد ئەپەندى بىلەن، بۇ پائالىيەتنىڭ ئاساسلىق مەقسىدى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

سۇئال: " ھۆرمەتلىك باش راھىب، قانداق قىلىپ گۈئانتانامودىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدىڭىز؟"

جاۋاپ: " بۇنى ئاللانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى دېسەك بولىدۇ. مىنىڭ گۋەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارغا قىزىقىشىم، بىر يىل بۇرۇن سېبىن ۋەلىت تەرىپىدىن ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىدە گۈەنتانامۇدا تۇتۇپ تۇرۇلغان مۇھەممەت سادىق ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر مەھبۇس ھەققىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىنى ئوقۇش بىلەن باشلاندى."

"مەن بۇ ماقالىنى ئوقۇپ قاتتىق تەسىرلەندىم. ماقالىدە ئۇنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكى، گۇناھسىز ئىكەنلىكى بىلىنگەن ئەھۋال ئاستىدا يەنىلا تۈرمىدە يېتىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. "

"بىز خرىستئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىمىز . ئەيسانى خۇدا دەپ بىلىمىز. بىزنىڭ دىنىمىزدە كېسەللەرگە، كەمبەغەللەرگە ۋە تۈرمىدە يىتىۋاتقانلارغا ياردەم بېرىشنىڭ ئەھمىيىتى چوڭ. بۇنداق ئەھۋالدىكى كىشىلەرگە ياردەم بېرىش ئەيساغا يېقىنلىشىشنىڭ مۇھىم بىر ۋاسىتىسى. ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈش خۇدادىن يۈز ئۇرۇشتىن ئىبارەت."

"بۇ ئۇيغۇر مەھبۇسنىڭ ھېكايىسى مىنىڭ ئۈچۈن بىر تۈرتكە بولدى. ئۇنىڭغا ياردەم قىلىشنى ئۆزەمنىڭ دىنىي بىر ۋەزىپىسى دەپ قارىدىم. ئۇنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلمەسلىك مىنىڭ ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، خۇدا ئالدىدىكى ۋەزىپەمدىن باش تارتىش دېمەك ئىدى."

"مەن گۋەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە تېخىمۇ كۆپرەك ئۇچۇرغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن دەرھال ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىدە گۈەنتانامو تۈرمسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇس ھەققىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىنىڭ ئاپتورى سېبىن ۋەلىتگە تېلېفون قىلدىم. ئۇ ماڭا گۈەنتانامودا ئەھۋالى مۇھەممەت سادىققا ئوخشايدىغان يەنە توققۇز ئۇيغۇر مەھبۇس بار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بەش ئۇيغۇرمۇ بار ئىدى."

"مەن بۇ ئۇيغۇرلارغا قانداق ياردەم قىلىش ھەققىدە بىزنىڭ رايوندىكى باشقا چېركاۋلار بىلەن ھەتتا بىرنەچچە سىناگوگلار بىلەن ئالاقىلىشىپ سۆزلەشتىم. ئاخىرىدا رايونىمىزدىكى بىر نەچچە چېركاۋ ۋە بىر سىناگو بىلەن بىرلىكتە ئەينى مەزگىلدىكى ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامىز فېلدقا خەت يېزىپ، ئەگەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ 9 ئۇيغۇر مەھبۇسقا سىياسىي پاناھلىق بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلسا، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا كېرەكلىك پۈتۈن چىقىمنى ئۆز ئۈستىمىزگە ئالىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈردۇق. بىز خېتىمىزدە 9 چېركاۋنىڭ ھەر بىرىنىڭ بىر ئۇيغۇر مەھبۇسنىڭ چىقىمىنى ئۆز زىممىسىگە ئالىدىغانلىقىنى تەكلىپ قىلغان. "

"لېكىن، مۇداپىئە مىنىستىرى رامىز فېلد بىزگە ئەۋەتكەن جاۋاب خېتىدە، پەقەت ۋاقتى كەلگەندە بىزگە خەۋەر بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويغان. ئوچۇق قىلىپ ئېيتقاندا بىزنىڭ تەكلىبىمىزنى رەت قىلغان."

سۇئال: " گۈەنتانامو ھەربىي تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىپ، ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارغا ياردەم يېغىش پىكرى نەدىن كەلدى؟ بۇ تەكلىپنى سىز ئۆزىڭىز ئوتتۇرىغا قويدىڭىزمۇ ياكى باشقىلار سىزدىن بۇنداق بىر ياردەم پائالىيىتى تەشكىلىشىڭىزنى تەلەپ قىلدىمۇ؟ "

جاۋاپ: " بۇنىڭدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا، سوت بولۇش ئالدىدا تۇرغان بەش ئۇيغۇرنىڭ گۈەنتانامودىن قويۇپ بېرىلىپ، ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئاڭلىدۇق. سوتدىن ئۇلارنىڭ پايدىسغا قارار چىقىش ئېھتىماللىقى بار ئىدى. ئاۋۋال نېمە قىلىشىمىزنى بىلمەي قالدۇق. لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي سېبىن ۋەلىتدىن ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ناچار ئىكەنلىكى، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلمىغىچە، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئەركىنلىككە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى ئاڭلىدۇق. بىز ئۇلارغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىشنى قارار قىلدۇق. بۇنىڭ ئۈچۈن رايونىمىزدىكى يەنى جەرمەن تاۋندىكى مەسچىت مەسئۇللىرى بىلەن ئالاقىلاشتۇق." "بىز يېڭى قۇرۇلغان بىر چېركاۋ جەرمەن تاۋندىكى مەسچىتى يەنى جەرمەنتاۋن ئىسلام جەمئىيىتى بەش يىل بۇرۇن قۇرۇلغان ئىكەن. بىز مەسچىت مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇر مەھبۇسلارغا ياردەم يېغىش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. ئامېرىكىدا مەۋجۇت ۋەزىيەت تۈپەيلىدىن بولسا كېرەك، ئۇلار باشتا بۇ ئىشقا ئۇنچىلا قىزىقمىدى. ئوچۇق قىلىپ ئېيتقاندا گۈەنتانامودىن قويۇپ بېرىلگەن مەھبۇسلارغا ياردەم يېغىش ئىشىغا ئارىلىشىشتىن بىر ئاز چۆچۈدى."

"سىزگىمۇ مەلۇم بولغاندەك، ھۆكۈمەت بىخەتەرلىك مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ئامېرىكىدىكى مەسچىتلەردە بولۇپمۇ ، ياردەم يېغىش ئىشلىرىنى قاتتىق كونترول قىلماقتا. لېكىن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مەسچىت مەسئۇللىرى بىلەن ئالاقىمىز كۈچەيدى. بىر-بىرىمىزگە بولغان ئىشەنچ كۆپەيدى. بىزنىڭ بۇ ھەرىكىتىمىز ئۇلارنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى ۋە ئاخىرىدا بىرلىكتە ئۇيغۇرلارغا ياردەم يېغىش ئىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق."

ئامېرىكىنىڭ مارىلاند شتاتىغا جايلاشقان جەرمەن تاۋن شەھىرىدىكى نىكولاس چېركاۋىنىڭ باش راھىبى كېن ۋۇۋارد ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ داۋامىنى دۈشەنبە كۈنىدىكى پروگرامىمىزدىن ۋاقىپ بولغايسىز.